ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ۋېنسۇئېلادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ، 15ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان     شىنخۇا تورى كارىباكاس 13–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ۋېنسۇئېلا بولىۋار ئىشىتاتىنىڭ باشلىقى گومېزنىڭ 13–سېنتەبىر دەلىللىشىچە ، شۇ كۈنى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، 15ئادەم قازا قىلىپ ، 36 ئادەم يارىلانغان .
  
 
ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان

    شىنخۇا تورى كارىباكاس 13–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ۋېنسۇئېلا بولىۋار ئىشىتاتىنىڭ باشلىقى گومېزنىڭ 13–سېنتەبىر دەلىللىشىچە ، شۇ كۈنى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، 15ئادەم قازا قىلىپ ، 36 ئادەم يارىلانغان .

    گومېز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30 ئەتراپىدا ، ۋېنسۇئېلا ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ 51 ئادەم ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانى پورلامار شەھىرىدىن ئورداز شەھىرىگە ئۇچۇۋېتىپ ، بولىۋار ئىشىتاتىنىڭ گۋىئانا شەھىرىگە كەلگەندە چۈشۈپ كەتكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئايروپىلاندا 47 يولۇچى ۋە تۆت ئايروپىلان خادىمى ئولتۇرغان ئىكەن .

    گومېز مۇنداق دېدى : ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ، لېكىن ئايروپىلان باشلىقى ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن گۋىئانا شەھىرىدىكى كونتروللاش مۇنارىغا ئايروپىلاننىڭ كونتروللىقىنى يوقاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن .

 
ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان
( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!