ئەمگەك توختام قانۇنى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن-سىياسەتلەردىكى ماددىلار بىلەن زىت كېلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك توختام قانۇنى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن-سىياسەتلەردىكى ماددىلار بىلەن زىت كېلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك كاپالەت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمگەك توختام قانۇنى بىلەن ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئىككىلىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزگەن قانۇن، كۈچى باراۋەر. لېكىن كېيىنكى قانۇن بۇرۇنقى قانۇندىن ئەۋزەل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئەگەر بەزى ماددىلار زىت بولسا، ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە تەدبىقلاش كېرەك.
ئەمگەك توختام قانۇنىنى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت مەمۇرى تارماقلىرى بېكىتكەن مەمۇرىي نىزام ۋە تارماق قائىدىلىرى، سىياسەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ كۈچى يۇقىرى، شۇڭا ئەگەر بەزى ماددىلىرى زىت كەلسە، ئەمگەك توختام قانۇنىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.