• 2009-06-24

    قىسقا ئۇچۇر - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41458607.html

    قىسقا ئۇچۇر

    (ھېكايە)

    جۇ دېدۇڭ

    ئىشتىن چۈشۈشىگە جاڭ لىنىڭ قول تېلېفونى سايرىدى، ئۇنىڭغا بىر قىسقا ئۇچۇر كەلگەن ئىدى:« تېزدىن خاۋزەيلەي تاماقخانىسىغا كېلىڭ، سىزنى ساقلايمەن. جاۋجې.»

    جاڭ لى جاۋجې ئاتلىق بىرەرسىنى تونۇمايتتى، خاتا يوللىنىپ قالغان بولسا كېرەك.

    ئۇ شۇ ھامان بۇ بىخەستە جاۋجېگە : «نومۇرنى خاتا بېسىپ قاپسىز، ئىشڭىزغا دەخلى يەتمىسۇن،» دەپ ئۇچۇر قايتۇردى.

    ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن، جاڭ لىنىڭ تېلېفونى يەنە سايراپ ئۇچۇر كەلدى:« ناتونۇش دوست، رەھمەت سىزگە.»

    بۇ ئىش مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.

    بۇ چوڭ شەھەردە ئادەملەر گويا تېلېفون نومۇرلىرىغا ئوخشاش ھەم كۆپ، ھەم بىر-بىربىرىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى، بۇنداق خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى، پەقەت جاڭ لىگە بۇ دۇنيادا جاۋجې ئاتلىق ئەر ئاياللىقى، چىرايى نامەلۇم بىر كىشىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىلا بىلدۈردى خالاس.

    جاڭ لى بىر شىركەتنىڭ كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ئىدى، خىزمىتى بەك ئالدىراش ئىدى.

    مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىقتا يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى.

    بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ" خاۋزەيلەي " ناملىق بىر تاماقخانىسى كۆرۈپ قالدى، بۇ تاماقخانا ئۇنىڭغا تونۇشتەكلا قىلاتتى، ئەمما قاچانلاردا بۇ يەردە تاماق يېگەنلىكىنى ئېسىگە ئالالمىدى.

    ھەر قانداق ئادەم غىزالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ شەھەرلەردە تاماقخانىلار خۇددى ئادەملەردەكلا ھەم كۆپ، ھەم تونۇش چىراي.

    جاڭ لى ئۆتۈپ كېتىپ بولۇپ، ئۆزىچە يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ھېلىقى خاتا ئۇرۇلغان " تېزدىن خاۋزەيلەي تاماقخانىسىغا كېلىڭ، سىزنى ساقلايمەن. جاۋجې" دېگەن  قىسقا ئۇچۇر ئېسىگە كەلدى.

    بۇ شەھەردە خاۋزەيلەي ناملىق تاماقخانا مۇشۇ بىرلا بولماسلىقى مۈمكىن، ئەمما جاڭ لى كەينىگە يېنىپ بۇ تاماقخانىغا كىردى.

    بۇ ئۇنىڭغا قىزىق تۇيۇلدى.

    تاماقخانىغا كىرگەندىن كېيىن جاڭ لى ئىككى تەخسە قورۇما، بىر تەخسە ئاش بۇيرۇتۇپ يېدى.

    تاماقخانا ناھايىتى پاكىز ئىدى.

    تاماق يەۋاتقاندا جاڭ لىنىڭ تېلېفونى سايراپ يەنە قىسقا ئۇچۇر كەلدى: خاۋزەيلەي تاماقخانىسىدا ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بارىمەن. جاۋجې"

    يەنە خاتا ئۇرۇلغان ئىدى.

    جاڭ لى تۇرۇپلا سەل قورقۇشقا باشلىدى. مۇشۇنداقمۇ دەل كېلىپ قالامدۇ.

    جاۋجې دېگەن كىشىنىڭ تونۇشىنىڭ تېلېفون نومۇرى جاڭ لىنىڭ تېلېفون نومۇرى بىلەن ئوخشىشىپ كەتسە كېرەك، شۇڭا ئۇچۇر يەنە خاتا يوللىنىپ قالغان گەپ.

     ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان ئىدى، تاماقخانىدا پەقەت ئۆزىلا بولۇپ، باشقا خېرىدار يوق ئىدى، ھەتتا مۇلازىملارمۇ كۆرۈنمەيتتى.

    ئۇ بىر پاكىز ئاق پەردىلىك ئىشىكنى كۆردى، ئۇ مۇشۇ تاماقخانىنىڭ ئاشخانىسدەك قىلاتتى .

    ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىگە كىرىپ بۇ يەردە بىرەرسىنىڭ جاۋجې ئاتلىق بىر ئادەمنى تونۇيدىغانلار بارمۇ يوق،  سوراپ باقماقچى بولدى.

    ئۇ ئاشخانا ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدى، ئۇنىڭ ئىچى قاپ قاراڭغۇ ، ئىنتايىن مەينەت بولۇپ ، چىۋىنلەر ئۇچۇپ يۈرۈشەتتى.

    ئاشپەز سىياقىدىكى بىرسى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قالغان، ئۇ بارلىق ئاشپەزلەردەك ئاق پوسما، ئاق خالات كىيىۋالغان ئىدى.

    جاڭ لى شۇ ھامان قايتىپ چىقتى.

    ئۇ تاماقنىمۇ يېيەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ھېسابات قىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.

    دەل مۇشۇ چاغدا بىر ناتونۇش ئەر ئالدىراپ كىرىپ كەلدىدە، ئۇنىڭ غا قاراپ:

    -  كەلگىنىڭىزگە قانچە ۋاقىت بولدى؟ يودا قاتناش قىستاڭ بولغاچقا كېچىكىپ قالدىم، كەچۈرۈڭ،- دېدى.

    جاڭ لى ھاڭ تاڭ بولدىدە، ئۇنىڭدىن:

    -  جاۋ جې دېگەن سىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

    ئەر غەلىتىلىك ھېس قىلدى بولغاي:

    -  مەن جاۋ جې بولماي كىم؟ سىزگە نېمە بولدى؟- دېدى.

    -  ئۇنداقتا مەن كىم؟ - سورىدى جاڭ لى.

    -  سىز جاڭ لىغۇ؟

    جاۋجې چاقچاق قىلغاچ قولىنى جاڭ لىنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ قويۇپ:

    -  خاتىرىڭىزنى يوقاتمىغانسىز؟ - دەپ سورىدى. ئەمما تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدىدە، كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق نۇرلىرى چاقناشقا باشلىدى، قولى ھاۋادا توختاپ قالدى:

    -  سىز... كىم بولىسىز؟

    -  مېنىڭ ئىسمىم جاڭ لى.

    جاۋجې كەينىگە بىر قەدەم داجىدىدە، دېدى:

    -  سىز جاڭ لى ئەمەس.

    -  نېمە ئۈچۈن ؟

    -  بۇرنىڭىز ئوخشىمايدىكەن.

    جاڭ لى تەل تۆكۈس گاڭگىراپ قالدى.

    -  سىز مېنىڭ جاۋ جې ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلىسىز؟- دەپ سورىدى ئەر.

    -  يېرىم يىل بۇرۇن سىز قىسقا ئۇچۇرنى خاتا ھالدا مېنىڭ تېلېفونۇمغا يوللاپتىكەنسىز.

    -  ھە، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى.

    -  سىز تونۇيدىغان جاڭ لى سىزنىڭ نېمىڭىز؟

    -  ئۇ مېنىڭ قىز دوستۇم بولىدۇ، ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرى بىلەن سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىزنىڭ  بىر سانىلا پەرق قىلىدۇ.

    جاڭ لى سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، تۇيۇقسىز :

    -  ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.

    ئەر سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن :

    -  بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن كېلىشەي، بىر ھەپتىدىن كېيىن مۇشۇ ۋاقىتتا، مۇشۇ تاماقخانىدا كۆرۈشتۈرەي، بولامدۇ؟ - دېدى.

    -  بولىدۇ.

    كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جاڭ لى بارغانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

    بۇ دۇنيادا يەنە بىر قىزچاقنىڭ تېلېفون نومۇرى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىسا، ئىسمىمۇ ئوخشىسا، ھەتتا چىرايىمۇ ئوخشاش  بولسا......

    يەتتىنچى كۈنى ئىشتىن چۈشمەستە جاڭ لىنىڭ يۈرىكى رېتىمسىز دۈپۈلدەشكە باشلىدى.

    تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلېفونى سايراپ قىسقا ئۇچۇر كەلدى:« قەدىرلىكىم، بىر قىز سىزگە بەك ئوخشايدىكەن، مەن ئۇنى سىز دەپ قالغىلى تاس قالغانتىم، ئۇنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشكىسى بار ئىكەن، ۋاقتى بۈگۈن كەچتە، ئۇ خاۋزەيلەي تاماقخانىسىدا كۆرۈشەيلى، دېگەن ئىدى، سىز چوقۇم كېلىڭ.»

     

    »مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار«  ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 4-ساندىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: