• 2009-06-24

    تىلەمچىنىڭ دۇنياغا كېلىشى - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41458349.html

    تىلەمچىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

    (ھېكايە)

    يىمىڭ

    ئۇ ئادەتتىكى بىر دېھقان ئىدى، ئېلېكتىر چىرىغىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تاغلىق كەنتلىك دېھقان ئىدى.

    ئۇ پۇت قولى بېجىرىم، كۈن بىلەن تەڭ تۇرۇپ، كۈن ئولتۇرغاندا ئارام ئالىدىغان، ئۆز جېنىنى ئاران باقىدىغان دېھقان ئىدى. ئۆزى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگەچكە ئۇ ئۆز تۇرمۇشىدىن  ھېچقانداق نورمالسىزلىق ھېس قىلمايتى.

    مەلۇم بىر كۈنى ئۇ باشقىلارنىڭ شەھەرگە چېپىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شەھەرگە كىرىپ باققۇسى كېلىپ شەھەرگە كىردى.

    ئۇ شەھەرلىكلەرگە، ئاسمان پەلەك ئېگىز بىنا ۋە بارلىق نەرسىلەرگە ئەيمىنىش ۋە قىزىقىش نەزەرى بىلەن قارايتى.

    شەھەرلىكلەرمۇ ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى جۇل-جۇل كىيىملىرىگە، قاسماق باسقان يۈزىگە، ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى جەمئىيەتتىن يوقالغىنىغابىر نەچچە ئەسىر بولغان ئەسكى تاغارغا ۋە پۈتۈن ئۈستى بېشىغا قىزىقىش نەزەرىدە قاراشماقتا.

    ئايلىنىۋېرىپ قورسىقى ئاچتى، ئۇ چوڭ بىر تۇڭنىڭ يېنىدا ئاق رەڭلىك قۇتىلارنى، ۋە بەزى قۇتىلارنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك بارلىقىنى كۆردى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن قۇتىدىكى يېمەكلىكنى يېيىشكە باشلىدى، مۇنداق يېمەكلىكنى ئۇ ھەتتا ھېيت-بايراملاردىمۇ تېتىپ باققان ئەمەس ئىدى.

    ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەرلىكلەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشماقتا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى شەھەرلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئەقىلغە سىغمايدىغان ئىش ئىدى.

    ئۇنىڭ قورسىقى تويۇپ ئۇيقىسى كەلدى-دە، تاغىرىنى ياستۇق قىلىپ شۇ جايىدىلا ئۇيقىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ نورمال ئەھۋال ئىدى، چۈنكى يۇرتىدىمۇ ئېتىز باشلىرىدا مۇشۇنداقلا ئۇخلاۋېرەتتى.

    بىر چاغلاردا بىر قىزچاق ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇ بايا تاماق يېگەن تېز تاماق قۇتىسىغا بىر يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تاشلاپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن يولدىن ئۆتكەنلەرمۇبىر-بىرلەپ قۇتىغا پۇل تاشلاشتى، ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتا پۇلغا لىق توشتى.

    بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئويغىنىپ ئالدىدكى پۇلغا قاراپ ھەيران قالدى، شۇ ھەيرانلىقتا تۇرغاندا يەنە بىرەيلەن كېلىپ قۇتىغا پۇل تاشلىدى.

    ئۇ خۇشلىقىدا” ئاھ تەڭرىم،بۇ يەردە بىكار ئولتۇرسىمۇ باشقىلار پۇل تاشلاپ بېرىدىكەن-ھە! بۇ پۇل مېنىڭ يېرىم يىل تېرىقچىلىق قىلىپ تاپقان كىرىمىمدىنمۇ كۆپكەن ئەمەسمۇ! “ دېگەنلەرنى خىيالىدىن كەچۈردى.

    شۇنىڭ بىلەن كوچىدا يەنە بىر تىلەمچى كۆپەيدى.

    «تاللانغان مىكرو ھېكايىلەر» ژورنىلى 2005-يىللىق 17-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: