• 2009-06-24

    باشلىققا شوپۇر بولۇشنىڭ قائىدىسى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41457972.html

    باشلىققا شوپۇر بولۇشنىڭ قائىدىسى

    (فېليەتون)

    يىمىڭ

    ئىت يىلى تاغام(ئۆلكە مەركىزىدە ئىشلەيتتى)نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ناھىيىدە كاتتا خىزمەتكە بىر ئىدارە باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ئىشقا ئېرىشتىم.

    ئىشقا چۈشكەن كۈنى ئىشخانا مۇدىرى ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ماڭا بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدى، ھەمدە بىر تاغا تەلەپلەرنى قويدى. مېنىڭچە مۇدىرنىڭ بۇ تەلىپى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، بەلكى باشلىقلارنىڭ شوپۇرىنىڭ ھەممىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپقۇ دەيمەن. بىزنىڭ بۇ مۇدىر بەك ياخشى، مېنى كىچىككىنە سەۋەنلىك بىلەن تاۋىقىنى چېقىپ تاشلىمسۇن دەپ، ھەممە گەپلەرنى ئالدىن جېكىلەپ قويدى. ماڭا ئوخشاش باشلىققا شوپۇرلۇق قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان كەسپداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مۇدىرغا ئوخشاش ئاق كۆڭۈل، ياخشى مۇدىرغا يولۇقۇشى ناتايىن، شۇڭا بۇ يەردە كەسپداشلىرىمنى بىزنىڭ مۇدىرنىڭ نەسىھەت-تەلەپلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

    مۇدىر مۇنداق دەيدۇ: رەھبەرگە شوپۇر بولغان ئادەم بىرىنچىدىن، ئېغىزىغا مەھكەم ئىگە بولىشى كېرەك. چۈنكى باشلىق بولغان ئادەم خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سىرتلاردا كۆرۈشىدىغان ئادەملەر كۆپ بولىدۇ. مەيلى ئىش ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئىشتىن سىرت بولسۇن نەلەرگە باردى، كىملەر بىلەن كۆرۈشتى، ئەرمۇ، ئايالمۇ، نېمىلەرنى دېيىشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەخپىيەتلىك. شوپۇر بولغان ئادەم بۇلارغا قۇلاق سالماسلىقى، كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى كېرەك، سورىماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى سورىماسلىقى، دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغانلارنى دېمەسلىكى، گەپ تارقاتماسلىقى، جان دىل بىلەن ئاپتوموبىلنى ياخشى ھەيدەپ، باشلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا چىقار» دېگەن ماقالنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇشى كېرەك، تولا گەپ قىلىدىغان شوپۇرلارنى رەھبەرلەر ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ.

    ئىككىنچىدىن، پۇت قولى چاققان بولىشى كېرەك. لاياقەتلىك شوپۇر بولۇش ئۈچۈن ۋاقىتقا رىئايە قىلىپلا قالماستىن يەنە ھە دېسە، ھۇ دەپ ھەر ۋاقىت تەق تۇرۇش كېرەك، ئاپتوموبىلنى دائىم پاكىز سۈرتۈپ پارقىرىتىپ تۇرۇش؛ باشلىقنڭ ئۆينى تازىلاپ بېرىش، سەي-پەي، كۆكتات سېتىۋېلىش، بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىش دېگەندەك ۋەزىپىلەرنىمۇ ئادا قىلىشى، ھەر قانداق ئىشتا چاققان تۇرۇش، ھەرگىزمۇ ھورۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك.
    شۇنى ئەستە مەھكەم تۇتۇش لازىمكى باشلىقنىڭ شوپۇرى بولغان ئادەم باشلىقنىلا رازى قىلىپ قالماستىن يەنە باشلىقنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىمۇ رازى قىلىشى كېرەك. باشلىقنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى رازى قىلىش بەزىدە ھەتتا باشلىقنى رازى قىلىشتىنمۇ مۇھىم بولىدۇ.

    ئۈچىنچى، كاللىسى سەگەك بولىشى كېرەك. بۇ كەمدە باشلىق تۆۋەنگە خىزمەت تەكشۈرگىلى بارغاندا تۆۋەندىكىلەر ناھايىتى تەكەللۈپ قىلىشىدۇ، بەزىدە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
    شوپۇر بولغان ئادەم ھەممە كىشى سوۋغا قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى قاراقويۇق قوبۇل قىلۋەرمەسلىكى، كىملەرنىڭ قانداق سوۋغىسىنى ئېلىش، يەنە كىملەرنىڭ قانداق سوۋغىسىنى ئالماسلىق كېرەكلىكى جەھەتتە كۆڭلىدە سان بولىشى كېرەك. بولۇپمۇ بەزىلەر يېقىنچاقلىق قىلىپ خالىي جايدا بىر نەرسە سوۋغا قىلسا «بىزنىڭ باشلىق ماڭا بەك قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، باشقىلارنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلسام بولمايدۇ» دەپ رەت قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، باشلىق بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا شوپۇر بولغان ئادەم قاراپ تۇرماستىن باشلىقنىڭ غېمىنى يەپ ئىشلارنى ھەل قىلىۋېتىشى كېرەك، يەنى بىر تەرەپ قىلىش سەل بىئەپ بولغا راسخۇتلارنى كاللىنى ئىشلىتىپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىش، ھەرگىزمۇ باشلىقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك كېرەك.

    تۆتىنچى، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ياخشى بىلىش. باشلىقنىڭ ئالدىدا ئېھتىياتچان بولۇش، ئاممىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالماسلىق، ئەمما سىرتلاردا ئۇنداق يەتتە ئېگىلىپ، توققۇز تازىم قىلىپ يۈرمەسلىك، ئىدارىدا بىر خىل سىرتتا بىر خىل يۈرۈشنى بىلىش. كۆزى مال تونۇمايدىغان بىرەر قاتناش ساقچىسى ياكى بىرەر كېتىۋالدى سولتەكلەر ئاۋارىچىلىق تاپقاندا ئۆزىنى ئۇلارغا راسا بىر تونۇتۇپ قويۇش، ئەدىپىنى ئوبدان بېرىپ قويۇش كېرەك. بىلىش كېرەككى بۇ دېگەن رەھبەرنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى، شۇڭا باشلىقنىڭ ئابروي، ھەيۋىتىنى ھەر بىر ئىشتا تولۇق نامايەن قىلىش كېرەك. ئۇندىن باشقا مۇئاۋىن باشلىقلارنىڭ شوپۇرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلاش، ئۇلارنىڭ تۆۋەندە باشقىلار توغرىلىق ئۇنى-بۇنى دېيىشكىنىنى ئاڭلىغاندا دەرھال باشلىققا دوكلات قىلىش كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ چېقىمچىلىق بولماستىن بەلكى تەشكىلگە ئەھۋال ئىنكاس قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بەشىنچى، غەرەز ئۇقىدىغان بولۇش. مۇھىم سورۇنلاردا شوپۇر بولغان ئادەم داستىخانغا كىرسە بولمايدۇ، بۇنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. ئۆزى تاماق بۇيرۇتقاندا ھەرگىزمۇ تۆت سەي، بىر شورپىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، تالۇننى ئارتۇق يازدۇرماسلىق، تاماكىنى ئوشۇق ئېلىۋالماسلىق كېرەك. بەزىدە داستىخانغا داخىل بولغان تەقدىردىمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان ئورۇندا ئولتۇرۇپ يەيدىغان، ئىچىدىغان(ئەلۋەتتە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك)نى تېز-تېز قىلىپ دەرھال ماشىنىغا چىقىپ ساقلاپ
    ئولتۇرۇش. سەۋرىچان بولۇش كېرەك، مەيلى قانداق ۋاقىتقىچە ساقلاپ ئولتۇرۇشتىن قەتئىي نەزەر نارازىلىق كەيپىياتىنى قىلچىمۇ چاندۇرماسلىق كېرەك. باشلىقنىڭ شوپۇرى بولغان ئىكەن چوقۇم كۆپ ھاللاردا كېچىسىمۇ ئىشلەيدىغان گەپ. ئاڭلىسام ھازىرغىچە بويتاق ئىكەنسەن، ھەر ھالدا ئۆيدە تارتىشىدىغان ئادەم يوقكەن. ئەگەر خوتۇم-بالا چاقا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا ياخشى خىزمەت ئىشلەش كېرەك، ئۇلاردا ئۆزىنىڭ يېرىم كېچە بولمىغىچە قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىغا ئىدىيىدە تەييارلىقى بولىشى كېرەك.

    ئالتىنچى، ئۇششاق ھالقىلارغا دىققەت قىلىش. باشلىقنىڭ قىز دوستى كۆپ بولىدۇ، باشلىق قىز دوستى بىلەن ماشىنىنىڭ ئارقىدا ئولتۇرغاندا قاتتىقراق نەپەسلىنىشتىنمۇ ساقلىنىش، ئىككى تەرەپكە قارىماسلىق، بولۇپ ئارقىغا قەتئىي قاراپ تاشلىماسلىق، بۇنداق چاغدا بىئەپ ئىشلارغا كۆزى چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى ئۈستىگە قايرىۋېتىش كېرەك. ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن چەبدەسلىك بىلەن چۈشۈپ باشلىققا ئىشىك ئېچىپ بېرىش، ھەمدە باشلىقنىڭ بېشى تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قولىنى ماشىنا ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇش كېرەك.

    يەتتىنچى، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش. باشلىقنىڭ ئىشى بېشىدىكى چېچىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ، سىرتقا مېھماندارچىلىق، مۇئامىلىگە كۆپ چىقىدۇ، بەزىدە سېنى ئالماي بارىدۇ، بۇ ھېچ گەپ ئەمەس، مۇھىمى باشلىق سېنى ئارام ئېلىۋالسۇن دەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا باشلىق ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە باشلىقنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ئىشتىن سرتقى ئىش بولغاندىكىن ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى چوقۇم سېنىڭكىدەك ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتنىڭ ھەلەكچىلىكىدە چوقۇم چارچايدۇ، شۇڭا ئانچە-مۇنچە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىش ۋە قاتناش ھادىسىسى چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ، بۇنداق چاغدا بىر تەرەپتە شۈمشۈيۈپ تۇرماي، كۆكرەكنى كېرىپ ئالدىغا چىقىپ مەسئۇلىيەتنى دەرھال ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. بەزىلەر بۇنى «پېشكىنى قۇربان قىلىپ، شاھنى قوغداپ قېلىش» دەپ ئاتىشىدۇ، بۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ،
    بۇنىڭدىن مەقسەت ئومۇمىيلىققا بويسۇنۇش، باشلىقنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىشىغا تېخىمۇ ئۆزىنى بېغىشلىشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ.

    مۇدىر خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېدى: باشلىقنىڭ شوپۇرى بولغان ئىكەن چوقۇم رولنى ياخشى باشقۇرۇشى، ئادەتتە سەل جاپا چېكىپ، چارچاپ، ئەركىن بولالمىغان بىلەن، ياخشى ئىشلىسە ھەر قانداق ياخشى ئىش بولسا باشلىق ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايدۇ، چوقۇم مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، ھازىر خەقنىڭ كۆزى مانا ساڭا ئوخشاش باشلىقنىڭ يېنىدىكىلەردە، ئۇلار: ماشىنىنى ئومۇم ئۈچۈن ئۈچتىن بىر ئۈلۈش، باشلىقنىڭ ئىشىغا ئۈچۈن ئۈچتىن بىر ئۈلۈش ، شوپۇر ئۆز ئىشىغا ئۈچۈن ئۈچتىن بىر ئۈلۈش ئىشلىتىدۇ، دېيىشىپ شالىلىرىنى چېچىۋاتىدۇ. شۇڭا، شوپۇر بولغان ئادەم ئانچە-مۇنچە ئۆز ئىشىغا مېڭىش بۇ نورمال ئەھۋال، ئەمما نورمال بولغىنى ياخشى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈچتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇلارنى سۆزىگە قايتارما زەربە بېرىش كېرەك.

    ئاخىرىدا مۇدىر مېنىڭ بۇ سېمىز بەدىنىمدىن سەل ئەنسىرەپ مۇنداق دېدى: سېنىڭ يېشىڭ قارىماققا باشلىقنىڭكى بىلەن تەڭ كۆرۈنىدىكەن، ئاۋۇ قورسىقىڭمۇ باشلىقنىڭكىدىن يوغانراق كۆرىنىدىكەن، شۇڭا چېنىقىشقا دىققەت قىلىپ يادىشىڭ كېرەك. مۇدىرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، شۇڭا باشقىلارنىڭ مېنى باشلىقمىكىن دەپ سېلىپ، باشلىق بىر ياندا قالمىسۇن دەپ، ھەر قېتىم ماشىنىدىن چۈشكەندە
    ئالدىرىماي چۈشۈپ قەستەن ئارقىدا قالىمەن.

    «

    جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى»دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى.

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: