• 2009-06-24

    سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قۇيرۇقى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41442590.html

    سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قۇيرۇقى

    (فېليەتون)

    خۇچۈەنجى

    «غەربكە ساياھەت»تىكى ئەڭ شۇمپىشانىسى جۇ باجې ئەمەس، شاۋۇجىنمۇ ئەمەس، ئاق ئات شاھزادىمۇ ئەمەس ، ۋە ياكى سەپەر ئۈستىدىكى جىن-ئالۋاستىلارمۇ ئەمەس، ھەتتا دۈپ-دۈگۈلۈك ئاق پۇشماق تاڭ سەنزاڭمۇ ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ تاشتىن ئاپىرىدە بولغان ھېچقانداق يۆلەنچۈكى يوق سۇن مايمۇن بولۇپ ، ئۇ بۇ روماندىكى  ئەڭ بىچارە شەخستۇر.

     سۇن ۋۇكۇڭ ئۆمۈر بويى دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن مەسىلە – شەپەق پەرىسى بىلەن بولغان ئۆچ-ئاداۋەت ئەمەس، ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئەپسۇن چەمبىرىكىمۇ ئەمەس، تاڭ سەنزاڭنىڭ پەپىلىشى، ئىلتىپاتىمۇ ئەمەس ۋە ياكى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئۆزگىرىشچان سېھرىگەرلىكىمۇ (بۇ ئىقتىدار مەسىلىسى) بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغان قۇيرۇقى(سالاھىيەت مەسلىسى)دۇر.

    سۇن ۋۇكۇڭ ئۆمۈر بويى ناھىيىتى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئىنتايىن كۆپ جاپا تارتقان، بۇ بەلكىم بۇ” مايمۇن“ نىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ زىيادە ئۇلۇغ بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئۇ ئىنسانغا ئايلىنىش خىيالىنى كونترول قىلالماي  قالغان. تاش مايمۇن ئاپىرىدە بولغان كۈندىن تارتىپلا ”ئادەم “ لىككە قاراپ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئارزۇسى بىلەن جۇڭگو ”ئادەم “ لىرىنىڭ ئارزۇ ۋە خام خىياللىرى ئوپمۇ ئوخشاش يەنى: ھوقۇقپەرەسلىك قىلىپ مايمۇنشاھلىقىنى تالىشىشى، جەمەت فامىلىسىنى ئىزدەپ” سۇن ۋۇكۇڭ “ دېگەن ئىسىمغا نائىل بولغانلىقى؛ بەدىنىدىكى كۈچ-قۇۋۋەتكە  قارىغۇلارچە ئىشىنىپ تاغ-دەريالارنى كېچىپ مەغرىپتىكى مىياۋشاڭ پىرى بودىغا شاگىرت بولۇپ 72 خىل ئۆزگىرىش ۋە مۇئەللەق(بىر مۇئەللەق بىلەن 180مىڭ چاقىرىم جايغا يېتىش)  ماھارىتىنى ئۆگەنگەنلىكى؛ئۆزىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى بىلىۋېلىپ مەشرىق دېڭىزىدىكى تىيەنخېدىكى سېھىرلىك تۈۋرۈكنى”خاسىيەتلىك ئالتۇن گۈرزە “ دەۋېلىپ مىڭ بىر جاپادا ئۇنى تارتىۋېلىشى، پەقەت ئۆزىنىڭ جىنسىنى ئىسپاتلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك(بۇ ھەقىقەتەن مايمۇننىڭ چاكىنىلىقىدە)خالاس.

    سۇن ۋۇكۇڭنىڭ نەچچە رەت ئەرش ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى كۆرۈنۈشتە يۇرېن سۇلتاندىن ھوقۇق تالاشقاندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاچ كۆزلىكى(”ئادەم “ بولۇش) دىن بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەرتەم-مەرتەم غەۋغا كۆتۈرىشى باشقلارنىڭ ئۇنى ”ئادەم “ قاتارىدا كۆرمىگەنلىكىگە بولغان نارازىلىقىدىن بولغان. ئامىتا بۇددا مايمۇننى مازاق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

    _ سەن ناھىيىتى بىر ئەۋلىيا دەرىجىسىگە يەتكەن مالاي مايمۇنغۇ، يۇرېن سۇلتاننى بوزەك قىلىشقا نېمە ھەددىڭ ، ئۇنىڭ سۇلتانلىقىنى تالاشماقچىمۇ تېخى؟ ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا تاۋلىنىپ 1750 بالا-قازانى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، بىر بالا قازانى 129 مىڭ 600 يىل ھېساپلىغاندا ھېساپلاپ  باقە ئۇ قانچە يىل ياشاپ ئاندىن بۇ  پەللىگە يېتىپتۇ؟

    ”ئادەم “ بولۇشتا ئىستاژى ئىنتايىن مۇھىمكەن، ئامىتانىڭ بۇ سۆزى ئەۋلىيا ئەزەمنى بەك رەنجىتكەن ئىدى. تاڭ سىڭنىڭ بولسا ئاساسى بار، ئۇ دېگەن  ”سەدىقە“ تەنلىك ” يۈزى ئېچىلمىغان“ يىگىت، قۇرۇق سۆلەت بولغان تەقدىردىمۇ تەييارغا ھەييار بولالايدۇ(چىرايى بولسا نەپكە ئېرىشكىلى بولىدىكەن) . پاكىنەك سۇن ۋۇكۇڭ جان تىكىپ يۈرۈپ ئاران ”چوڭ “ شاگىرت بولالىدى (پاكار، مايمۇن چىراي بولسا زىيان تارتىدىكەن).

    سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئادەم بولۇش ئارزۇسى بىلەن ئۇنىڭ قۇيرۇقى ئوتتۇرىسدا ئۆتكۈر توقۇنۇش بار ئىدى، يەنى ئۇ ھەر قانچە تىرىشقان بولسىمۇ يەنىلا قۇيرۇقىدىن قۇتۇلالمىدى. «غەربكە ساياھەت» مۇئەللىپىنىڭ مايمۇننىڭ قۇيرۇقىنى يوشۇرالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەسۋىرلىشى تاساددىبىيلىق ئەمەس ئىدى، سۇن ۋۇكۇڭ مەيلى نېمىگە ئۆزگەرمىسۇن قۇيرۇقىنى يىغىشتۇرالمايتى، ئۇ ئاران دېگەندە بۇتخانىغا ئۆزگەرگەندە قۇيرۇقىنى تۇغ خادىسى قىلىۋالغاچقا چېنىپ قالغان، جىددىيچىلىكتە  ئۇنىڭغا نېمە ئامال دەيسىز. ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇنداق  بايان قىلىنىدۇ: يىلان پەرى سېرىق ھاراقنى ئىچىۋېلىپ مادارى قالمىغاچقا ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارىلىنىپ قالدۇ؛ تۈلكە جىن كۆرەڭلەپ كېتىپ قۇيرۇقىنى چاندۇرۇپ قويغان. تاغنى تالقان قىلالايدىغان سۇن ۋۇكۇڭمۇ تەقدىر قىسمەتتىن قۇتۇلالمىغان، ياخشىغا كۈن يوق دېگەندەك قىسمەتكە ئادەم قانداقمۇ  ياش تۆكمەي، نەپرەتلەنمەي تۇرالايدۇ؟ جۇ باجيې چوشقا ئېغىز بولغان بىلەن ئۇ بىرىنچى ھاياتىدا ئادەم ئىدى؛ شا ۋۇجىڭ ليۇشاخې دەرياسىدا ئادەم گۆشى يەپ ھايات كەچۈرگەن ، سىياقى بەت بەشىرە بولغان بىلەن ئۇ بەرىبىر ئادەم. ھەرقانچە سېلىشتۇرغان بىلەن ۋۇكۇڭ يەنىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.

    بەزىلەر  «غەربكە ساياھەت» تە ئۆسۈپ يېتىلىش، قىيىينچىلققا ئۇچراش سۆزلىنىدۇ دەپ قارايدۇ، مېنىڭچە بولسا ئۇنىڭدا ئادەم بىلەن غەيرى ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئەخلاق توقۇنۇشمۇ ئىپادىلەنگەن دەپ قارايمەن. گەرچە ۋۇكۇڭ جەڭ ئىلاھى بولغان بىلەن يەنىلا ئەل قىلىنغان ئەمما سالاھىتى ئېتىراپ قىلىنمىغان، قۇيرۇقىنى يوقىتالمىغان، ”ئادەم“ گە ئەل بولغان ”غەيرى ئادەم“، يەنى ” ھەقىقىي ئولجا“  بولۇپ ، سۇن ۋۇكۇڭ مانا مۇشۇنداق ھاياتلىق قانۇنىيىتىدە قانداقمۇ ئىنسان بىلەن تىركىشەلىسۇن؟

    سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆمۈرلۈك پاجىئەسى، مۈشكۈلاتى ۋە خورلىقىىنى ئۇنىڭ ”ئادەم“ بولۇش ئارزۇسى، ئادەملارنىڭ مونوپوللىقىنى يوقىتىش، ئادەم بىلەن ماينۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىشى ۋە مايمۇنلىقىغا قانائەت قىلماسلىقى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان. مېنى جۆيلۈۋاتامدىكى دەپ قالماڭلار بۇنىڭغا «غەربكە ساياھەت» نىڭ يەتتىنچى بابىدىكى مۇنۇ نەزمە ئىسپات بولالايدۇ:

    ئاپىرىدە بولغاندا ئىنسانلىققا يول ئالدىڭ،

    تېۋىنىپ سەن تەڭرىگە ھەقنىڭ يولنى تۇتتۇڭ.

    مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ يەتتىڭ ئەرشى-ئەلاغا ،

    يوقاتتىڭ ئەس-ھۇشۇڭنى جەڭگە-غەليان كۆتۈردۇڭ.

     

    ئالدىدىڭ بۇت-ئەۋلىيالارنى  ھوقۇق قەستدە،

    ئوغۇرلاپ ئىكىسىرنى بۇلغىدىڭ دىيانەت سەن.

    پەيمانى توشتى شۇملۇقۇڭنىڭ قىساسى شۇدۇر،

    قاچانغىچە چېكەرسەن تاغ تېگىدە رىيازەت.

    سۇن ۋۇكۇڭنىڭ جىنايىتى_ ئادىمىلىكنى دوراش، مەنسەپ تاما قىلىش، ئەخلاققا زىت ئىش قىلىشتىن ئىبارەت. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆمۈرلۈك تىرادېگىيىسى ئۇنڭ قۇيرۇقى بولغانلىقىدا، قۇيرۇقى ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن، مايمۇننىڭ قۇيرۇقلۇق بولىشى ئەسلىدە خاتالىق ئەمەس، ئۇنىڭ خاتالىقى ئادىمىلىكنى دورىشى ۋە ئىنسانلار نىيىتىنىڭ زەھەرخەندىلىكىنى، جاھاندارچىلىقنىڭ قىيىنلىقىنى بىلمىگەنلىكىدە.

     

    «فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژورنىلى 2006-يىل2-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: