• 2009-06-17

    پەرق - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41127736.html

    پەرق

    ۋېن تاۋ

    مېنىڭ ھېچقانچە سەۋىيەم يوق ، پەقەت خەت ساۋادىملا بار. ئادەتتە داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆپرەك كۆرىمەن. كۆرگەنسېرى ئەشۇ داڭلىق شەخسلەرنىڭ كىچىكىدە ئادەتتىكىچىلا بولۇپ، مەندىن ھېچقانچە پەرقى يوقلىقىنى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ماڭىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى سەزدىم. ئەمما ئۇلار كېيىنچە قانداق بولۇپ داڭق چىقاردى؟ مەن تاكى ھازىرغىچە بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم، ھەممىسىنى ئوخشاشلا بىزدەك ئاتا-ئاناسى بېقىپ چوڭ قىلغان، نېمە ئۈچۈن چوڭ بولغاندىن كېيىن بىزلەردىن شۇنچە چوڭ پەرقلىق بولۇپ كېتىدۇ؟

    لېنىن كىچىك ۋاقتىدا ھاممىسىنىڭ ۋازىسىنى چېقىۋەتكەن، مەنمۇ ئۈچىنچى ھاممامنىڭ بىر قاچىسىنى چېقىۋەتكەنتىم. ئەمما لېنىن خاتالىقىنى تونۇغاندا «سەمىمى بالا» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. مەنچۇ، مەن خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلغاندا بولسا ئۈچىنچى ھاممام بولۇشىغا تىللىغان، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن داداممۇ راسا ساۋىدىغان ئىدى، ھازىر شۇ ئىش ئېسىمگە كەلسە كاسام ھېلىمۇ ئاغرىيدۇ. كېيىن لېنىن ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق داھىغا ئايلاندى، مەنچۇ، مەن مۇشۇ ۋات-ۋات ئېغىزىمغا تاينىپ كەنتىمىزدە ئاز-تولا تونۇلدۇم شۇ.

    كىچىكىمدە مەنمۇ داۋېنچىنىڭ كىچىكلىكىگە  ئوخشاشلا رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن ئىدىم، شۇنداق كېسىپ ئېيتالايمەنكى مېنىڭ شۇ چاغدا سىزغان تۇخۇمۇم داۋېنچىنىڭكىدىن يۇمۇلاق ئىدى. داۋېنچى رەسىم سىزىشتىن رايى قايتقاندا بىر سەنئەتكار ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. ئەمما مەن راسا ئىشتىياق بىلەن رەسىم سىزغان چېغىمدا بولسا ئانام كۈچەپ قۇلقىمنى تارتىپ تۇرۇپ:

    -ھۇ ئىتنىڭ كۈچۈكى، يەنە تامغا قالايمىقان سىزىۋېرىدىغان بولساڭ داداڭغا دەپ قولۇڭنى سۇندۇرغۇزۇۋېتىمەن،- دېگەن ئىدى.

    كېيىن بولسا داۋېنچى نېمە سىزسا شۇنى قاملاشتۇرالىغان، مەنچۇ؟ ئات سىزسام تۆگىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

    كىچىكىمدە مەنمۇ خۇددى كېپلېردەكلا يۇلتۇزلارغا قىزىقاتتىم. ئەمما ئۇ كىچىكىدىنلا نېمىنىڭ ئىلىم-پەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن. مومام ۋاقتى چىقسىلا ماڭا ئاي ئوردىسىدىكى پەرى بىلەن توشقاننىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەتتى، يەنە تېخى:

    -سەن چوڭ بولغاندا ئايدىكى پەرىنى ساڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىمەن ،-دەيتتى.كېيىنكى چاغلاردا كېپلېر پىلانېتلار ھەركىتىنىڭ 3چوڭ قانۇنىنى بايقىدى، مەن ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى، ئايدا ھېلىقى چاڭ ئې ئاتلىق پەرى بىلەن توشقاننىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئەمدىلەتىن چۈشىنىپ يەتتىم.

    دارۋېن كىچىكىدىن تارتىپ قۇرت-قوڭغۇز،قۇشقاچ دېگەندەكلەرگە ئامراقكەنتۇق، مەنمۇ شۇنداق ئىدىم. ئۇ نېمىنى باقسا بولىۋېرىدىكەندۇق، مەنچۇ ئاران دېگەندە بىر قۇتا پىلە قۇرتى بېقىپ يىپ چىقارغىنىنى، غوزەك بولغىنىنى كۆرەي دېسەم ، ئانام پىلە قۇرتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆردەككە يەم قىلىۋەتتى. كېيىنكى چاغلاردا دارۋېن«تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى» نى پۈتتۈردى، ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي «تەبىئىي تاللىنىشتا ماسلىشالىغانلارلا ھايات قالىدۇ» دېگەندەك چوڭ قائىدىلەر سۆزلەنگەن. مەنمۇ «كۈشەندىلەر نەزەرىيىسى»دەپ كىتاپ يېزىپ،« پىلە قۇرتىنىڭ كۈشەندىسى رەھىمسىز ئۆردەك، ئەمما ئەڭ قورقىنىشلىق كۈشەندىسى يەنىلا مېنىڭ ئانام....» دەپ بايان قىلماقچى بولۇۋاتىمەن.

    كىچىكىمدە تېخى بېتخوۋېنغا ئوخشاش ساز-چالغۇلار بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ باققانمەن، بېتخوۋېنغۇ پىيانىنو چاپتىكەن، مەن ئېغىز گارمۇنى چالاتتىم، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ھەممىسى چالغۇ ئەسۋاپقۇ. بېتخوۋېننىڭ دادىسى ھەر كۈنلىكى ئۇنى پىيانىنو چېلىشقا مەجبۇر قىلغان، مېنىڭ دادامچۇ؟ مېنى ئالداپ-سىلاپ ئېغىز گارمۇنىمنى ئېلىۋېلىپ ھاممانىڭ بالىسىغا بەرگەن ئىدى. بېتخوۋېن چوڭ بولغاندا كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ مۇزىكا ئىشلىيەلەيدىغان بولدى، مەنچۇ، مەن كۆزۈمنى يۇمسام پەقەت چۈشلا كۆرىمەن شۇ.

    قورسىقىمنى تويغۇزۇپ بولۇپ بىكار ۋاقىتلىرىمدا ئالما دەرىخى ئاستىدا يېتىپ چۆمۈلىنىڭ دەرەخقە ياماشقىنىنى كۆرۈپ ياتاتتىم، مېنىڭ بېشىمغىمۇ بىر قېتىم ئالما چۈشۈپ كەتكەن ، نىيۇتون بېشىغا ئالما چۈشۈپ كېتىپ ئالەملىك تارتىش كۈچىنى بايقىغانكەن. ئەگەر نىيۇتون جۇڭگودا تۇغۇلغان بولسا ئالەملىك تارتىش كۈچىنى بايقىمىيالمىغان بولاتتى، دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى بىزنىڭ جۇڭگودىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنلىكى سىنىپقا سولىنىپ كىتاپ ئۇقۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەنلا مەشغۇل بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئالما چۈشۈپ كەتسە بالىلارنىڭ بېشىغا چۈشەتتىمۇ؟ ئەمما نيۇتونمۇ خىېلى تەلەيلىككەن، ئالما بېشىغا چۈشۈپ كېتىپلا ئالاملىك تارتىش كۈچىنى بايقاپتۇ، ئەگەر ئۇ ئەينى چاغدا كوكۇس دەرىخىنىڭ ئاستىدا ياتقان بولسا، مېڭىسى سىلكىنىپ كەتكەن بولاتتى.

    مەن ھازىر خېلى بىر ياشلارغا كىرىپ قالدىم، بۇ ئۆمرۈمدە ھېچقانداق نەتىجە يارىتالمىدىم، جۇڭگودىن ئېينىشتىيىندىن بىرسى چىقسىكەن دەپ بەك ئارزۇ قىلىمەن، ئەمما جۇڭگودىن 100 ئېينىشتىين چىققان تەقدىردىمۇ، 50 ى كىچىكىدىلا ئائىلە تەربىيىسى سەۋەپلىك خازان قىلىنغان، 50 ى بولسا كېيىنكى مەكتەپ تەربىيىسىدە ھالاك قىلىنغان بولاتتى، شۇ سەۋەپتىن جۇڭگودىن ئېينىشتىيىن چىقمىغان.

    ئالدىراپلا بېشىڭىزنى چايقاپ ئىنكار قىلماڭ، ھەممىمىز مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم توغرىمۇ خاتامۇ  ياخشىراق ئويلىنىپ باقايلى.

     

    «فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق2-سانىدىن

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام تارىم ئەپەندى، ئالدى بىلەن يېڭى بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. دەسلەپكى بىلوگنىڭ تاقىلىپ قېلىشى باشقىلارنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرىدىغان توربەتكە تىزىملىتىش ۋە بىر دېتالنى قاچىلاش توغرىسىدىكى تەۋسىيىسىگە گول بولشۇمدىن بولدى، يەنى شۇ تور بەتكە تىزىملاتتىم، دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم، دېگەندەك ھەپتە ئىچىدە ئەسلىدىكى 400دىن كۆپرەك زىيارەت مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ 50مىڭدىن كۆپەيدى، شۇنىڭ بىلەن بىلوگباس زىيارەت سانىغا ساختىلىق ئىشلەتكەن، دېگەن بانىدا بىلوگىمنى تاقىۋەتتى. شۇڭا بۇ بىلوگنى قايتا ئىلتىماس قىلىپ ئالدىم. سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئارغۇ ئەپەندى. بىر ئوبدان مېڭىۋاتقان http://arghu.blogbus.com نى نىمە سەۋەپتىن ئۆچۈرىۋەتتىڭىز؟ ئۇنىڭدا ناھايىتى ياخشى تېمىلار بار ئىدى. ئىسىت!!