• 2009-06-17

    كەڭ قۇرساق بولايلى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41127128.html

    كەڭ قۇرساق بولايلى

    بەك كۆپ خىزمەت ، بەك چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەندە ھەرقانداق كىشىنىڭ كەيپىياتىدا ئەكس تەسىر پەيدا بولىدۇ .جىلە بولغاندا باشقىلارنى تىللاپ سالىدۇ ، ھەتتا باشلىقلارمۇ  يۈز خاتىرە قىماسلىقى مۈمكىن .شۇڭا خىزمەتتە باشقىلارغا كەڭ قۇرساق، ئەپۇچان بولىشىمىز ، باشقىلارنى چۈشىنىشىمىز ، ھۆرمەتلىشىمىز لازىم .شۇنداق قىلغاندىلا خۇشال-خۇرام ، ئەركىن ئازادە  يۈرەلەيمىز .

    بىلىشىمىز كېرەككى ئۆمرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى خىزمەت ئۈستىدە ئۆتىدۇ . ئەگەر خىزمەت مۇھىتىمىز ئىللىق بولمىسا ، باشقىلار بىلەن دە-تالاش قىلىپ ، پۇت تېپىشىپلا  يۈرسەك ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ يەنە  نېمە مەنىسى بولسۇن ؟! مەيلى باشقىلارنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيلى ياكى باشلىق بولايلى ،ھەممىمىز ئوخشاشلا خىزمەت ، تۇرمۇش داۋامىدا پىشىپ يېتىلىمىز ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن مۇستەسنا بولالمايمىز .خاتالىق ئۆتكەزسە نېمە بوپتۇ ؟ ئۆزگەرتسەكلا بولىدۇغۇ . بىر  كوللىتتىپ شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىش روھىغا  ئەمەس بەلكى ھەمكارلىق روھىغا مۇھتاج .ھەمكارلىق روھى بولمىسا ،غەلىبىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ . سىز ھەر قانچە ئەقىللىق بولسىڭىزمۇ پەقەت بىر كىشىلىكلا  كۈچ چىقىرالايسىز . باشقىلارغا كەڭ قۇرساق بولايلى ، بۇ غەلىبە قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى .

    مەنبە : http://www.blogchinese.com


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: