• 2009-06-17

    مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41126341.html

    مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس

    (ھېكايە)

    چىن دېلۇڭ

    لى خاۋسېن غەلىتە ئىشقا يولۇقتى، دادىسىغا تېلېفون قىلىۋېدى، ساپلا ”دۇت-دۇت“ قىلغان لېنىيە بېسىق ئاۋازى كەلدى. بۇ چاغدا لى خاۋسېننىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن سوغۇق تەر پۇرقىراپ كەتتى، ئەجىبا دادام راستىنلا بۇ دۇنيا بىلەن تېلېفونلىشىۋاتامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى ئۇ.

    ئۇنىڭ دادىسى ئۆتكەن ئايدا قازا قىلغانىدى. دادىسىنى يەرلىكىدە قويىدىغان كۈنى لى خاۋ سېن ئوغلىغا دادىسىنىڭ جەسەت كۈلى ساندۇقىغا قول تېلېفوندىن بىرنى سالغۇزۇپ قويغان. شۇ چاغدا ئۇ:

    - دادا، تېلېفون ئوچۇق، مەن سىزگە تېلېفون بېرىمەن، - دېدى.

    جەسەت كۈلى قۇتىسىغا قول تېلېفون سېلىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا بىر بىمەنىلىك ئىدى. ھايات ئادەملەرگە ئايانكى، ئۆلگەن ئادەم ھەرگىزمۇ تېلېفونلاشمايدۇ-دە. بۇنداق بىمەنىلىك پۇلدار ئادەملەرگە نىسبەتەن قىلچىمۇ بىمەنە بىلىنمەيدۇ. پۇلدارلار پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دېگەنگىلا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، لى خاۋسېن دادىسىنىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسىغا قول تېلېفون سېلىپ قويۇۋېدى، ھېچكىمگە غەيرى تۇيۇلمىدى.

    ئەمما غەلىتە ئىش ئەمدى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، لى خاۋسېن دادىسىنىڭ تېلېفونىغا تېلېفون قىلىۋېدى بېسىق چىقتى! مانا بۇنى غارايىب ئىش دېسە بولىدۇ.

    لى خاۋسېن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزدىدە، ئوغلىنى ئېلىپ قەبرىستانلىققا دادىسىنىڭ بېشىغا كەلدى.

    قەبرىستانلىققا كېلىپ دادىسىنىڭ بېشىدا قەغەز كۆيدۈردى، ئاندىن دادىسى بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تېلېفونىنى ئېلىپ يەنە دادىسىغا تېلېفون قىلدى. ئەمما بۇ قېتىم تېلېفوندىن :” سىز ئۇرغان تېلېفون مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس!“ دېگەن جاراڭلىق ئاۋاز ئاڭلاندى.

    لى خاۋسېن گاڭگىرىغىنىچە كۆككە قارىدى، تۇيۇقسىز گۈلۈپپىدە ئالدىغا يىقىلدىدە، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى:

    - ئاھ دادا، سىز نەگىمۇ كەتكەنسىز، نېمىشقا مۇلازىمەت رايوندىن چىقىپ كەتتىڭىز؟ تېلېفونىڭىزغا 5000يۈەن سۆزلىشىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇۋەتكەن ئىدىم، بۇمۇ يەتمىدىما؟

    لى خاۋسېن يىغلاۋېرىپ ئۈنى پۈتۈپ كەتتى، بۇ تۇرقىدا پۇلدارلارغا خاس سالاپەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.

    ئوغلى ئۇنى يۆلەپ خان تاجى ماركىلىق ئاپتوموبىلىغا چىقاردىدە مېڭىپ كەتتى.

    ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنمۇ لى خاۋسېن ئويلىغانسېرى كۆڭلى يېرىم بولدى. قەبرە بېشىغا ئالايىتەن بارسام، مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس دەيدا؟! ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆزىدىن بۇقۇلداپ ياش قۇيۇلۇپ كەتتى. دادىسى بۇ دۇنيانىڭ خوۋلىقىنى كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئېسىدە تۇرۇپتۇكى، 20 يىل بۇرۇن ئۇ تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە تېلېفون قويدۇرغانىدى، ھەمدە ئالايىتەن ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللىرىنى ئۆيىگە چاقىرىتىپ كېلىپ  بۇ يېڭىلىقتىن بەھىرلەندۈرمەكچى بولغان. دادىسى كېلىپ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپ تېلېفون ئۇرغىلى ئۇنىمىغانىدى. لى خاۋسېن دادىسىنى تاغامغا تېلېفون قىلىپ سۆزلىشىۋالغىن دېگەندە، دادىسى قىزىرىپ كېتىپ:

    - ئۇرماي، ئۇرماي بولدى، پۇلنى بۇزۇپ نېمە كەپتۇ، - دېگەنىدى. لى خاۋسېن ئامالسىز ئۆزى تاغىسىنىڭ نومۇرىنى بېسىپ ترۇپكىنى دادىسىغا بەرگەندە، دادىسى ترۇپكىنى تاشلىۋېتىپ:

    _ مەن سۆزلىشەلمەيمەن، سۆزلىشەلمەيمەن، - دەپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممسىىنى كۈلدۈرىۋەتكەن.

    لى خاۋسېننىڭ دادىسى ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ تېلېفوندا سۆزلىشىپ باقمىغانىدى.

    لى خاۋسېننىڭ تىجارىتى بارغانسېرى زورىيىپ، تىجارەت بىلەنلا بوپ كېتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ كەمدىن-كەم كۆرۈشىدىغان بولدى. ئۇ دادىسىغا يېڭى ئۆي ئېلىپ بەردى، ھەمدە ئۆيگە تېلېفونمۇ ئورنىتىپ بەردى. ئۇ دادىسىغا:

    - سىز ئۆيدە يالغۇز بولغاندىكەن مەن سەل ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن، شۇڭا پات-پات تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇرايلى، - دېگەندە دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:

    - كەلگەن تېلېفوننىڭ نومۇرى كۆرۈنگەندىن كېيىن كىمدىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولىدۇ، شۇڭا ، تېلېفوننى ئالمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ، تېلېفون ھەققى تېجىلىدۇ ئەمەسمۇ، - دېگەنىدى.

    دادىسىنىڭ خۇيى مۇشۇنداق بولغاچقا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندە لى خاۋسېن دادىسىنىڭ ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن بىر قول تېلېفون ئېلىپ جەسەت كۈلى قۇتىسىغا سېلىپ قويغانىدى. بۇمۇ ۋاپادارلىقنىڭ ئىپادىسى بولغاچقا، خوتۇن، بالىلىرىمۇ ھېچنېمە دېمىگەنىدى. قول تېلېفونىنى دادسى بىلەن ھەمدەپنە قىلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بىر نېمە دېمەيتتى.

    بىراق، دادىسى ھازىر”مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس“ ئىدى! قانداق بولۇپ مۇلازىمەت رايونىدا بولمايدۇ؟ قەبرىگە ئوغرى تەگدىمۇيا؟ تېلېفون ئوغرىلانمىغاندۇ؟ بۇلارنى ئويلاپ لى خاۋسېن يەنە ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ ئوغلىغا دېمىدى، شوپۇرغىمۇ تىنماي، ئۆزى يالغۇز تاكسى توسۇپ قەبرىستانلىققا باردى، دادىسىنىڭ بېشىغا كېلىپ سۈكۈتكە چۆمدى.

    ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ دادىسىنىڭ نومۇرىنى باستى. بۇ قېتىم ”مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس“ دېمىدى، ئەمما ئۇزۇنغىچە ”دۇت-دۇت“ قىلغان لېنىيە بېسىق ئاۋازى كەلدى. ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە قەبرە ئۈستىگە قۇلقىنى يېقىپ يىڭشىۋېدى، ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانمىدى.

    لى خاۋسېن دادىسىنىڭ تېلېفونىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى سېزىپ يەتتى.

    كىم ئوغرىلىغاندۇ؟ ئۇ دادىسىنى يەرلىكىدە قويغان كۈنى دەپنىگە كەلگەنلەرنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ھەممسىى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارانلار ئىدى، ھېچ قايسىسى كېپەن ئوغرىسىلىق قىلمايتتى. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ قەبرىسىگە قارىدى، سېمۇنتتىن قوپۇرۇلغان قەبرىنىڭ ھەممە يېرى ساپ-ساق، قىلچىلىكمۇ بۇزۇلغان ئىزناسى يوق ئىدى.

    لى خاۋسېن ئەڭ ئاخىرقى مۇمكىنچىلىكنى ئېسىگە ئالدى: بۇنى ئوغلى قىلغان ئىدى.

    ئۆيگە قايتىۋېتىپ ئۇ بىر تېلېفون دۇكىنىدىن يېڭى كارتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، تېلېفونىغا سالدى، ئاندىن دادىسىنىڭ نومۇرىغا تېلېفون قىلدى. ئويلىغاندەك ئىش بولدى، تېلېفوندىن ئوغلىنىڭ ئاۋازى كەلدى:

    - ۋەي، ۋەي ...

    ئوغلى ھەرقانچە ئۇستاتلىق قىلىپمۇ مانا ئەمدى چاندۇرۇپ قويدى.

    كېيىن ئوغلى مۇنداق چۈشەندۈردى: بوۋام ھايات چېغىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتى. بىر كۈنى بوۋام تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ماڭا: تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئاۋۇ قەبرىنى كۆردۈڭمۇ، ئۇنىڭدا تېلېفون نومۇرىمۇ يېزىقلىق ئىكەن. مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن مۇشۇ نومۇرغا تېلېفون قىلساڭ مەن ئالىمەن.- دېدى،  مەن كۈلۈپ تۇرۇپ: بۇ كىمنىڭ نومۇرى؟ ئالۋاستىنىڭ بولمىغىيتتى؟ دېدىم، بوۋام: كىمنىڭ بولسا بولمامدۇ؟ مەن ئۆلگەندە مۇشۇ نومۇرغا تېلېفون قىلساڭلا بولىدۇ. بەلكىم جەننەتتە ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا نىسىپ بوپ قالار، دېگەنىدى.

    لى خاۋسېن ئوغلىنىڭ بۇ گېپىگە ئىشەندى، چۈنكى ئىلگىرى ئوغلى بۇ توغرىدا سۆزلىگەن ئىدى.

    _ كېيىنچۇ، - دەپ سورىدى ئۇ ئوغلىدىن.

    - كېيىن، بوۋام ئۆلۈپ كەتتى. سىز مېنى ئېلىپ بېرىپ بوۋامغا قول تېلېفون ئالدىڭىز، ھەمدە تېلېفوننى جەسەت كۈلى قۇتىسىغا سېلىپ قويماقچى بولدىڭىز. بۇ ماڭا بەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەندەك، بەكمۇ خۇراپىي بىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئوغرىلىقچە قول تېلېفون مودىلىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ قۇتىدىكىسى بىلەن ئالماشتۇرۇۋەتتىم. ئەمما بوۋامنىڭ تېلېفونى بىلەن ھېلىقى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قەبرىگە يېزىلغان نومۇرغا تېلېفون قىلسام ئويلىمغان يەردىن ھەر قېتىم ئۇلاندى. پاھا، پاھ، تېلېفوننى ئالغۇچى بىر بوۋاي  بولۇپ، مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا ئامراق چىقىپ قالدى دەڭە!

    _ راستما، - لى خاۋسېن ئىشىنە، ئىشەنمەي ئوغلىنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپ ھېلىقى نومۇرنى باستى.

    دېگەندەك تېلېفون ئۇلاندى، ئۇ بوۋاي بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.

    بوۋاي ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بىر خوجايىن ئىكەنلىكىنى، تىجارەتتە باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ھەمدە تېلېفون نومۇرىنىڭ قەبرىگە يېزىلغانلىقىنى ۋە  تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەنلىكىنى، تېلېۋىزيە تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىش ئىچىدە ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ  پاراڭلاشقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بوۋاي سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئويغانغاندەك بولۇپ مۇنداق دېدى:

    - ئادەم ھايات چېغىدا، ئۆزىنى ئۆلگەنگە چىقىرىۋەتسۇن، مۇشۇنداق قىلالىسا نۇرغۇن ئىشلارنى كۆڭلىگە ئالمايدىغان بولىدىكەن.

    بۇنى ئاڭلىغان لى خاۋسېن بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

    - ئاھ، تەڭرىم، دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەسلىكىنى ئەمدى چۈشەندىم.

    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 8-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: