• 2009-06-09

    لېي فېڭ كىمدىن ئۆگەنگەن؟ - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40781594.html

    لېي فېڭ كىمدىن ئۆگەنگەن؟

    (فېليەتون)

    چېن سىبىڭ

    ئىدارىنىڭ بىر قېتىملىق «يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» تېمىسدىكى سۆھبەت يىغىنىدا بىرەيلەن مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئەينى چاغدا لېي فېڭ كىمدىن ئۆگەنگەن بولغىيتتى؟» بۇ سوئال يولداشلارنى چۇڭقۇر ئويغا سالدى. مەن بۇ سوئالنى ئويلىغاچ «لېي فېڭ خاتىرىسىدىكى شېئىرلاردىن تاللانمىلار»، «لېي فېڭ ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇدۇم، ئاخىرى بۇ سوئالغا جاۋاب تاپتىم: لېي فېڭ ئەسلى رەھبەرلەردىن ئۆگەنگەنىكەن.

    لېي فېڭنىڭ يېتىلىشىنى ئۇلۇغ داھمىزنىڭ تەلىمى، تەشكىلنىڭ ياردىمى ۋە ئىلغار تىپلارنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىرى ئەڭ چوڭ ھەم بىۋاستە بولغىنى يەنىلا ئۇنىڭ يېنىدىكى رەھبەرلەر ئىكەن.

    لېي فېڭ دەسلەپتە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋاڭچىڭ ناھىيىلىك كومىتېتتا مەمۇر بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىدا بىر قېتىم ئۇ نايكوم سېكىرتارى جاڭ يۈگۇاڭ بىلەن يىغىنغا بارىدۇ، ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ بىر تال بۇرمىلىق مىقنى ئۇچرىتىدۇ ۋە بىرنى تېپىۋېتىپ يولىغا مېڭىۋېرىدۇ. بۇ چاغدا جاڭ سېكىرتار بېرىپ مىقنى تېرىۋېلىپ يانچۇقىغا سالىدۇ. لېي فېڭ: ئەجىغا بىر نايكوم سېكىرتارى بىر تال بۇرمىلىق مىقنى نېمە قىلىدىغاندۇ؟ دەپ ئەجەبلىنىپ قالىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن لېي فېڭ بىر زاۋۇتقا خەت ئاپىرىپ بەرگىلى بارماقچى بولىدۇ، جاڭ سېكىرتار ھېلىقى مىقنى زاۋۇتقا ئالغاچ كەت، دەپ لېي فېڭغا بېرىدۇ، ھەمدە:

    - شاۋ لېي، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى ئاجىز، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بىر تال مىقنى كىچىك چاغلىساق بولمايدۇ، ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ. تاما-تاما كۆل بولار ، - دەيدۇ.

    لېي فېڭ ھەربى سەپكە كىرگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل تىرانسپورت روتىسىدا ئەسكەر بولىدۇ، ئۇ جاڭ سېكىرتارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۆلگىلىك ئىشلىرىنى ئۇنتۇمىغاچقا بىر نەچچە تال تاختاي بىلەن بىر دانە «تېجەش ساندۇقى» ياسىۋالىدۇ، ئادەتتە ئۇچراپ قالغان پارچە-پۇرات تۆمۈر تەرسەك پارچىسى، مىق قاتارلىق نەرسىلەرنى ساندۇقىغا سېلىۋالىدۇ، ئاپتوموبىل رېمۇنت قىلغاندا ئىشلىگەنلىرىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ ئىشى بىلەن لېي فېڭ پولكوم(پولك پارتكومى) تەرىپىدىن «جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىش، تېجەشلىك بولۇشتىكى نەمۇنە» بولۇپ تىكلىنىدۇ.

    مەمۇر بولۇپ ئىشلىگەن چاغدا لېي فېڭ دائىم دېگۈدەك جاڭ سېكىرتار بىلەن يېزىلارغا باراتتى، ئۇ جاڭ سېكىرتارنىڭ ئېتىز بېشىغا كەلگەندە ئايىغىنى سېلىپلا ئېتىزغا كىرىپ بىر تەرەپتىن بۇقۇسا تارتىپ، بىر تەرەپتىن دېھقانلار بىلەن پاراڭلاشقانلىقىدىن دېھقانلاردىن ھېچقانداق پەرقلىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ چوقۇم جاڭ سېكىرتاردىن ئۆگىنىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. بىر قېتىم جاڭ سېكىرتار بىر دېھقاننىڭ نامراتلىق تۈپەيلىدىن تاماقمۇ ئېتىپ يېيەلمىگەنلىكى كۆرۈپ يېنىدىكى بارى يوق 20 يۈەن پۇلنى دېھقانغا بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر نەچچە چوشقا كۈچۈگى سېتىۋېلىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىۋېلىشىنى جېكىلەيدۇ. جاڭ سېكىتارنىڭ مۇنداق ئۆلگىلىك ئىشلىرىدىن تەسىرلەنگەن لېي فېڭ ئۆزىنىڭ پاشىلىقىنى جاڭ مومايغا بېرىۋېتىدۇ، موماي ئۇنىڭغا رەھمەت، دېگەندە ئۇ: رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كەلسە كومپارتىيىگە رەھمەت ئېيتىڭ، بۇنى ماڭا پارتىيە ئۆگەتكەن، دەيدۇ.

    لېي فېڭ ھەربى سەپكە قاتناشقان تۇنجى كۈنىلا قىزىتىپ قالىدۇ، باتالىيون كوماندىرى كېچىدە ياتاقلارنى ئارىلاۋېتىپ ئۇنىڭ زۇكامدىغانلىقىنى بىلىپ كېچىدە سانىتارلار ئەترىتىدىن دوختۇر چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقۇزىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ جۇۋىسىنى سېلىپ يېڭى بىر يوتقان بىلەن لېي فېڭنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قويىدۇ، لېي فېڭ بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆز يېشى ياستۇقنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ. كېيىن لېي فېڭ سەەپدىشى چاۋ ئەنشەنگە ياردەم قىلىپ نۇرغۇن ئىشنى قىلىشىپ بېرىدۇ. ئۇ ئاپەت رايونلىرىغا ئۆزلىكىدىن ئىئانە ئەۋەتىدۇ، پولك كومىسارى خەن ۋەنجىن بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دۆلەت، خەلقنىڭ غېمىنى يەۋاتقان ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن تەشۋىق قىلىدۇ، كومىسار ئۆزى بولسا مائاشىنى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتدۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنى ئىنس-جىنغا تىنمايدۇ.

    مانا مۇشۇنداق رەھبەرلەرنىڭ ئالى جاناب پەزىلىتى لېي فېڭنىڭ ئىدىيدە ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ ئاخىرقى ھېسابتا كومىنىزم جەڭچىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بېرى نۇرغۇنلىغان پاكلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ھۆججەتلەردە «رەھبىرى كادىرلار يېنىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك» دەپ تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ، مېنىڭچە «باشقۇرۇش» ئىشنىڭ بىر تەرىپى، مۇھىمى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «يېتەكلەش» تە، ئەمەلىي ھەرىكەت ھامان پەندى-نەسىھەتتىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ. كونىلار: « يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى» دەپتىكەن، ئويلاپ باقايلى، مۇبادا ئەينى چاغدا لېي فېڭ ئەگەشكەن رەھبەرلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغان، ئىستىلى بۇزۇق، شەخسىيەتچى، راھەت پاراغەتنىلا كۆزلەيدىغان، تۇرمۇشتا چىرىكلەشكەن بولسا، لېي فېڭ كومىنىزم جەڭچىسى بولالمايلا قالماستىن بەلكى ئىدىيىسى بۇلغىنىپ چىرىكلىشىپ كەتكەن بولاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈۋاتقان نۇرغۇنلىغان چوڭ، مۇھىم دېلولار ئىچىدە رەھبەرلەر چىرىكلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىدىكىلەرنىڭمۇ ئەگىشىپ جىنايەت يولىغا ماڭغانلار توغىسىدىكى مىساللار نۇرغۇن.

    لېي فېڭنى رەھبەرلەردىن ئۆگەندى دېيىشىمىز، يېنىمىزدىكى رەھبەر دېگەن ئەڭ قولاي ئەينەك بولۇپ ئۇ ئەڭ بىۋاستە،ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوقۇتقۇچى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيىمىز تارىخدا ئەنە شۇنداق تۈركۈملىگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇنەۋۋەر رەھبىرى كادىرلار بولغاچقىلا تۈركۈم-تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ئىزباسارلار يېتىشىپ چىقىپ، پارتىيىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز روناق تېپىۋاتىدۇ.

    كشىنى تۈزەيمەن دېسەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭ تۈز بول دېگەن گەپ بار، «باشلامچى دۇرۇس بولسا، تۆۋەندىكىلەر ئەلۋەتتە رۇس بولىدۇ-دە». رەھبىرى كادىرلار خۇددى لېي فېڭنىڭ ئەينى چاغدىكى رەھبەرلىرى جاڭ سېكىرتار، خەن كومىساردەك ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئالىجاناپ پەزىلىتى ئارقىلىق باشلامچىلىق بىلەن ئۆلگە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنى لېي فېڭدىن ئۆگنىشكە يېتەكلىسە نۇرغۇنلىغان «لېي فېڭ» لار ۋۇجۇتقا چىققان بولاتتى.

     

    چېن سىبىىڭ ئىمزاسىدىكى بۇ فېليەتون ئەسلى «خەلق گېزىتى»نىڭ 2008-يىل10-يانۋاردىكى سانىغا بېسىلغان، كېيىن لياۋنىڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «2008-يىلى جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى فېليەتونلار» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. شۇ كىتابتىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: