-
2009-06-10
توي كېچىسىدىكى مەخپىيەتلىك - [فېليەتون]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40823542.html
توي كېچىسىدىكى مەخپىيەتلىك
كاتتا بىر باي يىگىت ئارزۇسى بويىچە ناھىيىتى گۈزەل كىنو چولپىنىنى ئەمرىگە ئاپتۇ .توي كېىچىسى ئۇلار مېھرىبانلىق بىلەن ئۆزئارا يېشىنشىپ كارۋاتقا چىقىپتۇ ، يىگىت :‹بىز ئەر-خوتۇن بولغاندىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە سەمىمى بولىشىمىز كېرەك ، مېنىڭ بىر نەچچە مەخپىيەتلىكىم بار سىز گە ئېيتىپ بېرىمەن ، چۆچۈپ كەتمەڭ. › قىز ناھىيىتى يېقىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ :‹كىمنىڭ مەخپى سىرلىرى بولمايدۇ دەيسىز ، سىز سىرىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئىكەنسىز مەنمۇ سىرلىرىمنى سىزدىن ئايىمايمەن .› يىگىت بېشىدىكى كەيمە چاچنى ئالغاچ :‹مەن تاقىر باش بوپ قالغان، › دەپتۇ ، ئويلىمىغان يەردىن قىزمۇ بېشىدىكى كەيمە چاچنى ئېلىۋېتىپ : ‹بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار ؟ مەن تۇغۇلۇشىمدىلا چېچىم يوق ئىدى › دەپتۇ ،يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قاپتۇ ، بۇنى كۆرگەن قىز : ‹مېنىڭ قاپىغىم چىرايلىقمىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى سۇنئىي كەستۈرگەن › ، قىلچە ھەيران بولمىغان يىگىت : ‹بۇ ھېچگەپ ئەمەس ، مېنىڭ كۆزۈمگە قارىڭە ..› شۇنداق دېگەچ ئۇ سول كۆز قارچۇقىنى چانىقىدىن چىقىرىپتۇ ، ئەسلىدە ئۇنىڭ سول كۆزى سۈنئىي كۆز ئىكەن .يىگىت ئارقىدىنلا مۇنداق دەپتۇ: ‹ مېنىڭ سول كۆزۈملا ئەمەس ، چىشىممۇ سالدۇرغان چىش .... › قىز بۇنىڭغىمۇ قىلچە ئېرەن قىلماستىن:‹ ھېچقىسى يوق ، مەن بۇرنۇمنى 5 قېتىم ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان....›يىگىت : ‹ راستىنى ئېيتسام يۈزۈمدىكى قورۇقنىمۇ سۇنئي قىلدۇرغان ...›.
قىز بىر نېمە دىيىشكە تەمشىلىپ بىراز تۇرۇۋېلىپ ئاندىن :‹مەنمۇ يوشۇرۇپ يۈرمەي مېنىڭ بۇ گۈزەل ھۆسنۈممۇ 8 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ بۇ ھالغا كەلگەن.› يىگىت كۆڭلىكىنى سالغاچ :‹مېنىڭ يۈرۈگۈم قوزغاتقۇچقا تاينىپ سوقىدۇ › ،قىزمۇ كۆڭلىكىنى سالغاچ : ‹ مېنىڭ كۆكسۈممۇ چوڭايتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاچقىلا مۇشۇنداق تولغان ھالەتكە كەلگەن... ›
يىگىتنىڭ ھەركىتى ئاستىلاشقا باشلاپ مۇنداق دەپتۇ:‹سىز مۇنداق ئوچۇق ئاشكارە بولغاندىن كېيىن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ مەخپىيىتىمنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي _ ئىقتىسادىي كىرزىس تۈپەلىدىن مەن ۋەيران بولايلا دەپ قالدىم .› قىزمۇ ناھىيىتى چوڭ غەيرەتكە كېلىپ : ‹مېنىڭ ئەسلى باشقىلارغا بىلدۈرگۈم يوق ئىدى ، سىز ماڭا مۇنداق سەمىمى بولۇۋاتسىڭىز مەنمۇ ئەڭ چوڭ مەخپىيىتمنى سىزگە ئيتىپ بېرەي _ مەن ئەسلى قىزبالا ئەمەس ئىدىم، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيى قىلدۇرغان ›،‹ پاھ ئەجەپ ياخشى بولدى !›يىگىت ناھىيىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى ، ئۇ نىقاۋىنى ئېلىۋېتىپ يۇڭلۇق چىرايىنى نامايەن قىلغان ھالدا ، قىزنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ : ‹ سۆيۈملۈكۈم ، مەن ئەسلى بىر ئورانگوتان ، بىز ئورمانلىققا كېتىپ تۇرمۇش كەچۈرەيلى › دەپتۇ ، قىز : ‹ ئەسكى ، مېنىڭ پەرزەنت كۆرگۈم بار ئەمما تۇغالمايمەن ، قانداق قىلىمىز ؟› يىگىت : ‹ بۇنىڭ چارىسى ئاسان ، ئىنكاس قايتۇرمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئورمانغا ئېلىپ كېتىپ بالا قىلىپ باقىمىز .›
http://www.blogchinese.com تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى:
评论