• 2009-06-11

    شاھىت - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40836919.html

    شاھىت

    (ھېكايە)

    [ياپونىيە]شىن شىڭيى

    مەن بىر ساقچى. مېنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىم ھەر كۈنى كونىراپ پېتىدىن چۈشۈپ كەتكەن كونا پورمام بىلەن ماكچىيىپ كەتكەن پېتىگەمنى كىيىپ غاراچلىتپ دەسسەپ كوچا چارلاشتىن ئىبارەت؛ شۇنچە جاپالىق ئىشلەپمۇ بىر نەچچە جىنايەتچىنى تۇتۇۋالالمىغانتىم. شۇنداق بولسىمۇ مەن بولغاچقىلا نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل باج تاپشۇرغۇچى  بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى، مۇشۇنى ئويلىساملا ھارغىنلىقنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتۇپ، ۋۇجۇدۇم كۈچ-قۇۋۋەتكە تولىدۇ.

    بىر كۈنى مەن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدىم.

    - ۋەي، تېڭخېزى ئۆلۈپتۇ، بېرىپ تەكشۈرۈپ كېلىڭ.

    - تېڭخېزى؟ ھېلىقى دائىم تېلېۋىزورغا چىقىدىغان ئارتىسمۇ؟

    - ھەئە، شۇ قىز شۇ. ھازىرقى تاماشىبىنى ئەڭ جىق چولپان. كىشىلەر: بىر كۈن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرمەسلىكى بىر مۇمكىنچىلىك، ئەمما تېڭخېزىنى بىر كۈن تېلېۋىزوردا كۆرمەسلىك قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، دېيىشىدۇ.

    - ھەر قانچە ئالقىشقا ئېرىشكىنى بىلەن بەرىبىر ئۆلۈپتىغۇ شۇ. ئەمما ئۇ زادى قانداق ئۆلۈپتۇ؟

    - ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ، كالىي سىئانىت ئارىلاشتۇرۇلغان ھاراقنى ئىچىپ ئۆلۈپتۇ.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاجايىپ ھەيران بولدۇم.

    - نېمە؟ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ؟ بىرەر ئىشتىن قاتتىق نارازى بولۇپ ئۆلۈۋغالندۇ تايىنلىق، تېڭخېزىمۇ بۇ دۇنيادىن كەچكەن يەردە، مەندەكلەرنىڭ ساپ-ساق ياشاپ يۈرۈشى بىر مۆجىزىدە.

    - سىزمۇ شۇنداق ئويلاپسىزدە، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممىمىزنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويدى.

    - ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، دەپ بېكىتىلگىنىگە قارىغاندا بىرەر پاكىتى باردۇ؟

    - ۋەسىيەتنامىسى باركەن.

    - نېمە مەزمۇندا يېزىلىپتۇ؟

    - سۆيگەن كىشىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنئەتتە ئالغا باسالماي بىر ئىزىدا توختاپ قالغانلىقى شۇنىڭ بىلەن ياشاشقا بولغان ئىشەنچ ۋە غەيرىتىنى يوقاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلىپتۇ.

    مەن زورىغا كۈلۈپ قويدۇم.

    - مەن ئانچە تېلېۋىزور كۆرمىگەچ تېڭخېزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمەيمەن. ئەمما تېڭخېزى سۆيگىنى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ ۋەسىيىتىدە دېيىلگەندەك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ناتايىن. ھەمدە سەنئەتتە ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قالدىم دېگىنىمۇ ئەقىلغا سىغمايدۇ. ئۇ دەل ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارى ۋە كۆپتۈرۈلگەن كومىدىيە ئورۇنداش بەدىلىگە داڭق چىقارغان ئەمەسمۇ؟ بۇنداق ئويۇننى سەنئەتتە ئالغا باستى، بىر ئىزىدا توختاپ قالدى دېگىلى بولاتتىمۇ؟ ھىم، كۆپ ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپلا بىر نېمە دېگىلى بولمايدىكەن ئەلۋەتتە، بەلكىم ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئۆزىنىڭ سەھنىدىكى رولىنىڭ ئەكسىچە بولىشىمۇ مۇمكىن.

    - ھە، ياق،ياق، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئۇنىڭ سەھنىدىكى رولىدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشۈدۇكەنكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىكەندۇق.

    - ئۇنداق بولسا ئىشلار بەكمۇ ئاددىي بوپ قالمامدۇ؟ ۋەسىيەتنامە چوقۇم ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان.

    - مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەيمەن. ئەمما ۋەسىيەتنامىنى كىمنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ يەنىلا تېڭخېزىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇچۇركىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇنداق بولغاندىكىن، ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، دەپ بېكىتمەيمۇ ئامال يوق. بۇ ئىشلار ئالاھەزەل مۇشۇنچىلىك.

    - بولىدۇ، مەن بېرىپ تەكشۈرۈپ باقاي، بىرەر گۇمانلىق ئادەم  بارمۇ قانداق؟

    - ھە، ئۇنىڭ سوڭمۇ دەيدىغان بىر ۋاستىچىسى باركەن، ئۇ ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغاپلا تۇرىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تېڭخېزىنىڭ ئويۇن قويۇش ھەققىنى مۇشۇ ئادەم كونترول قىلىدىكەن،  ئۇ تېڭخېزىنى قوغلىشىپلا كەلگەنمىش، ئەمما تېڭخېزى رەت قىلغانمىش. ئۇنىڭ دېلو سادىر قىلىش مۇددىئاسى مەۋجۇت، ئۇنىڭ نەخ مەيداندا ئەمەسلىك ئىسپاتىمۇ كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. ئەگەر ۋەسىيەتنامە بولمىغان بولسا ئۇنى دەل جىنايەتچى شۇ، دېيىشكە بولاتتى. بۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ سىرىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    - چۈشەندىم، ھازىرلا باراي.

    شۇنىڭ بىلەن مەن گىلەمسىمان تەكشرۈشنى باشلىۋەتتىم. ئالدى بىلەن سوڭمۇ بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇ ياداڭغۇ يىگىت ئىكەن.

    - سىلەر ساقچىلار مېنى غەلىتە ئادەمكەن دەپ قاپسىلەر، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. ۋەسىيەتنامە بارغۇ؟ ئۇنىڭدا ھەممە گەپ ئوپ-ئوچۇق يېزىلغان. ئەگەر ئۇ ۋەسىيەتنامە بولمىغان بولسا مېنى قارا باسقان بولاتتى، بەلكىم بۇ چاغقىچە مېنى ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى، دەپ قولغا ئالغان بولاتتىڭلار، - سوڭمۇ لۆمشۈپ تۇرۇپ چىقىراق ئاۋازى بىلەن “ۋەسىيەتنامە، ۋەسىيەتنامە” دەپ كاكىرىدى، ئۇ گەرچە بىر ئەركەك بولسىمۇ ئاۋازى پۈتۈنلەي خوتۇن كىشىنىڭكىدەكلا چىقاتتى.

    مەن دەسلەپتە سوڭمۇ تېڭخېزىغا تەھدىت سېلىپ ۋەسىيەتنامىنى يازغۇزۇپ، زەھەرلىك ھاراقنى ئىچكۈزىۋەتكەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ھازىر قارىسام مېنىڭ بۇ پەرىزىم خاتا ئىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ تۇرقىغا قارىغاندا، ئادەتتىكى ئايالمۇ ئۇنى ئۇرۇپ يىقىتىۋېتەلىگۈدەك.

    شۇنىڭ بىلەن مەن تاكتىكامنى ئۆزگەرتىپ تېڭخېزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سوئال سوراشقا باشلىدىم:

    - تېڭخېزى يۇمۇرىستىك ھېسسىياتقا ئىناتيىن باي قىزغۇ دەيمەن؟

    تېڭخېىزى ھايات چېغىدا دوسلىرىغا يازغان خەتلىرىدە چاقچاق قىلىپ: “سۆيگۈنۈم تاشلىۋەتتى، خىزمەتتە ئالغا باسالمىدىم، ياشىغۇم يوق” دېگەندەك سۆزلەرنى يازغان، كېيىنچە بۇ خەت سوڭمۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندە، سوڭمۇ بۇ خەتكە ئاساسەن ۋەسىيەتنامىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، دەپ ئويلىدىم، ئەمما بۇ ئويلىرىممۇ بىر دەملىك بولدى.

    - يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىلچىلىك يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى يوق. گەرچە ئۇ نۇرغۇنلىغان كومىدىيىلەرنى ئورۇندىغان بىلەن پەقەت رولغىلا چىقتى خالاس، سىز دېگەندەك يۇمۇرستىك تۇيغۇ دېگەن باشقا گەپ. ئىككىمىز پاراڭلاشقاندا دەيدىغان گېپى پەقەت ئويۇن قويۇش ھەققى بىلەن خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ گەپ قىلغاندا ناھايىتى ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدۇ.

    - ئۇنىڭدا قىلچىلىكمۇ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ يوق، بولۇپمۇ مەن شۇنداق قارايمەن. ئۇ پەقەت پەسكەش، سېرىق يۇمۇرلارنى سۆزلەشنىلا بىلىدۇ.

    سوڭمۇ ناھايىتى زەھەرخەندىلىك بىلەن سۆزلىدى. سوڭمۇنىڭ بايانىدىن تېڭخېزىدا ۋەزىيەتنامىسىدىكىدەك ھەم ئاغرىنىش ھەم ئەستايىدىل بولغان روھىي ھالىتىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ۋەسىيەتنامىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ؟

    ئۇ ئۆلدى، ئۇنىڭغا ھېسىداشلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تەكشۈرمەي بولمايتتى. قاتىلنى قانۇننىڭ جاۋاپكارلىقىغا تارتماي، بىزگە ئىشىنىپ كېلىۋاتقان باج تاپشۇرغۇچىلارغا جاۋاپ قىلغىلى بولمايتتى. تەكشۈرۈش ھازىر خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان ئىدى، ئەمما مەن ئامال تاپمىسام بولمايتتى.

    باشلىقىمغا قىسقىلا قىلىپ دېلو ئەھۋالىنى دوكلات قىلدىم:

    - ھازىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تېڭخېزى ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇنداق ۋەسىيەتنامىنى يازمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆزى يازمىغان دەپ قارايمەن.

    باشلىق ۋەسىەتنامىنى قولىغا ئېلىپ جاۋاپ بەردى:

    - بۇنى تېڭخېزى ئۆزى يازغان، بۇ تەرىپىدىن قەتئىي گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

    - ھە، ھە...

    قوشۇلماي ئامالىم يوق ئىدى.قارىغاندا باشقا يىپ ئۇچى تاپمىسام بولمىغۇدەك.

    - قانداق؟ بۇ خىل ئىش قەغىزىنى تەكشۈرۈپ باقامسىز، بۇ خىل قەغەز كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

    - خوپ، ھازىرلا باراي.

    ئىشلارنىڭ ئاز-تولا دېرىكى بولىدىغاندەك قىلاتتى، قەغەزنىڭ ئەسلى، ئىشلەپچىقارغۇچى، توپ ساتقۇچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تېزلا ئېنىقلاپ چىقتىم، ھەمدە ئۇنىڭ بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلىقىنىمۇ بىلىپ بولدۇم.

    نىشان ئايدىڭلاشتى، x x تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا باردىم.

    - ئىستانساڭلارنىڭ ئىش قەغىزىنى تېڭخېزىغا بېرىپسىلەر ھە.

    ياش رېژىسور بەك ئالدىراشتەك قىلاتتى، مەن ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزدۈم بولغاي، ماڭا چىرايىنى ئاچمايلا، قوپاللىق بىلەن جاۋاپ بەردى:

    - ھە، ئۇنداق ئەمەستۇ؟ تېڭخېزى ئۆلگىلى بىر ئاي بولدى، سىز ئەمدى كېلىپ سورىسىڭىز مېنىڭ ئېسىمدە تۇراتتىمۇ؟ بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى ئىش 10يىل بۇرۇنقى ئىشتەكلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېڭخېزىنىڭ ئىش قەغىزىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟

    - بىراق، تېڭخېزى ۋەسىيەتنامە يازغان قەغەز سىلەرنىڭ قەغىزىڭلاركەن.

    - شۇنداقمۇ؟ بەلكىم بۇ يەردە كىتاب كۆرگەچ ئولتۇرۇپلا ئىش قەغىزىنى ئېلىپلا يازغان چېغى، كەچۈرۈڭ مېنىڭ ۋاقتىم قىس.

    ئۇ شۇنداق دەپ سائىتىگە قارىۋېتىپ سىرتقا ماڭدى. مەن بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمىدىم، سىرنىڭ مۇشۇ ئىستانسىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم. مەن نازارەت ئىشخانىسىغا باردىم، بۇ ئىشخانىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ نورمال تارقىتىلىشى ئۈچۈن كۆزىنى تېلېۋىزور ئىكرانىدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرىدىكەن.

    - يېقىندا تېڭخېزى رول ئالغان ھەمدە ۋەسىيەتنامە يازىدىغان كۆرۈنۈشى بار بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تارتقانمۇ؟

    - شۇنداق. ئۇ فىلىمنىڭ ئىسمى «زەنجىرسىمان قىلتاق» قۇ دەيمەن، بۇ فىلىم ئىستانسىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۆرۈش نىسبىتىنى ياراتقانىدى. فىلىمدە تېڭخېزى ئىنتايىن كۈلكىلىك بولغان بىر ئۆلىۋېلىش سەۋدايىسىنىڭ رولىنى ئالغان.

    - ئاشۇ ۋەسىيەتنامنىڭ مەزمۇنىنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟

    - بۇ قىيىن، مېنىڭ خىزمىتىم تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېكىتىش ئەمەس بەلكى، ئېلېكترو دولقۇنىنىڭ نورمال تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋەسىيەتنامىنىڭ مەزمۇنىنى رېژىسوردىن سورىغايسىز.

    ئۇ ئېيتقان رېژىسور بايىقى ئەر شۇ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كارىدوردا برۇقتۇم ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ رېپىتىس باشلانغاندىن تارتىپ رەسمىي رول ئېلىش ئاخىرلاشقىچە رېژىسورنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.

    - سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم بار ئىدى؟

    - نېمە؟ سىز تېخى كەتمىدىڭىزمۇ؟ يەنە نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟

    - سىز رېژىسورلۇق قىلغان كۆپ قىسىملىق بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا تېڭخېزى ۋەسىيەتنامە يازىدىغان بىر كۆرۈنۈش بارمىدى؟

    - ھە، شۇنداققۇ دەيمەن.

    قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋېلىپ سورىدىم:

    - ئۆزىڭىز رېژىسورلۇق قىلغان فىلىم بولغىيتتى؟

    - ئۆزۈم رېژىسورلۇق قىلغان بىلەن، ئۇنى تېلېۋىزوردا تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۇنۇتۇپ كېتىمەن، ئۇنداق قىلمىسام بۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئىشلەۋەرگىلى بولمايدۇ، تېخى مۇشۇ يېقىندا قويۇلغان فىلىم بولسىمۇ ئۇنتۇپ كېتىمەن، ئېسىمدە تۇرىدىغنى پەقەت كېيىنكى نۆۋەتتە قويۇلىدىغان فىلىم.

    - ھە، مۇنداق دەڭ، بۇرۇنقى سىنارىيىنى كۆرۈپ باقسام بولارمۇ؟

    - سىنارىيە؟ ئۇ نەرسىلەرنى فىلىمنى قويۇپ بولغاندىن كېيىنلا تاشلىۋېتىدىغان گەپ، ئۇلارنىڭ ھەممسىنى ئۆيگە ئاپىرىۋېرىدىغان بولسام، ئۆيۈم سىنارىيىلەر بىلەن توشۇپ كەتمەمدۇ؟

    مەن ئۈمىدىسزلەندىم، بۇ تۈز مىجەز رېژىسور ئۆيىگە قايتماقچى بولۇۋاتقان باشقا خىزمەتچىلەرنى چاقىرىۋېلىپ ئۇلاردىن «زەنجىرسىمان قىلتاق»نىڭ سىنارىيىسى بار-يوقلىقىنى سورىدى، نەتىجە يەنىلا مېنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

    - سىنارىيە دېگەننى ئۆيگە ئاپىرىۋېىرىدىغان بولسام، ئۆيۈمدە تۇرغىدەكمۇ جاي قالمايدۇ-دە.

    - بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى ئەمەس، تېخى ئەمدىلا قويۇلغان فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ ساقلاپيۈرمەيمىز.

    بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى تېڭخېزى ۋەسىيەتنامە يازغان كۆرۈنۈشتە بىللە رولغا چىققان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ۋەسىيەتنامىنىڭ مەزمۇنىنى ئەسكە ئالالمىدى.

    - كەچۈرۈڭ، تېلېۋىزىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمنىڭ ھەممە ئىشنى ئېسىدە تۇتالىشى ناتايىن، ناھايىتى تېز ئېسىدە قالدۇرش، ھەمدە تېزلا ئۇنتۇش بىز تېلىۋىزىيە خادىملىرىنىڭ ئادىتىمىز.

    مۇشۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلىشقا بولمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئېلان ۋاستىچىسىنى تاپتىم. نەتىجىدە مۇنداق جاۋابقا ئېرىشتىم:

    - ئېزىپ قالمىغانسىز؟ بىز پەقەت فىلىمنىڭ سېتىلىش، سېتىلماسلىقى بىلەن پۇلىنى ئېلىش ئالالماسلىققا كۆڭۈل بۆلىمىز، فىلىمنىڭ مەزمۇنى بىلەن نېمە كارىمىز؟

    ئەمدى فىلىمغا ياردەم قىلغان سودىگەرنى تاپتىم، ئۇ مۇنداق دېدى:

    - قايسى كۈندە قانداق ئېلان بېرىلگەنلىكىنى خاتىرلەپ ماڭىمەن، ئەمما فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى مەندىن سوراپ يۈرمەڭ.

    ئاخىرقى ئۈمىد سىنارستتا قالغان ئىدى، ئەمما نەتىجە يەنىلا يۇىقرىقىدەك بولدى.

    - سىنارىيىنى دەمسىز، ئۇنى شۇ چاغدىلا تاشلىۋەتكەن. ھېچكىمدە بولمىغاچقا مېنى ئىزدەپ كەلگەنسىز؟ ھەممەيلەن تاشلىۋېتىپتىكەندە، بەك ياخشى بوپتۇ. بۇنداق قاملاشمىغان سىنارىيىنى باشقىلار ساقلىغان بولسا ماڭا تازا سەت بولاتتى دەڭە، بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولغىدەك. ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشىراق سىنارىيىىنى كۆپرەك يازارمەن.

    ۋەسىيەتنامە يېزىش توغرىسىدىكى ۋەقەلىكنى سورىسام، ئۆزى يازغان سىنارىيە تۇرۇپمۇ ھېچنېمىنى ئەسلىيەلمىدى، ھەتتا قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمىدى. بىر ھەپتىدە تۆت سىنارىيە يازىدىغان بۇنداق “سىنارىست”قا نىسبەتەن بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى.

    ئىدراىغا قايتىپ باشلىقىمغا دوكلات قىلدىم.

    - ھە، مۇنداق ئىكەن، ئۇ ۋەسىيەتنامىنى تېڭخېزى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا يازغانىكەن، بۇنىڭدا چاتاق يوق. كېيىن سوڭمۇ دېگەن ئەبلەخ ئوغرىلىقچە ئۆيىگە ئەكىتىپ پايدىلانغان گەپ.

    - بىراق، دېلو تۇرغۇزۇش ئۈچۈن گۇۋاھچى بولىشى كېرەك، بۇنىڭغا كىم لايىق؟

    - شۇ ئەمەسمۇ، بۇ تېلېۋىزىيىچىلەر ھەتتا ئاخشام قويۇلغان فىلىملەرنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشىدىكەن، قانداق نېمىلەر ئۇ؟ ۋەسىيەتنامىنى يازغانلىقىنى ئەسلىيەلىگەن تەقدىردىمۇ، مەزمۇنىنى بىلىشمەيدىكەن. ئۇلارندىن بىرەرسىنى مەجبۇرىي گۇۋاھلىققا چىقىرىدىغان بولساق، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ چاقماقتەك سوئاللىرى ئالدىدا چوقۇم چاتاق چىققۇدەك.

    دېلونى تەكشۈرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بولدى قىلىشقا رايىم قومىدى، شۇڭا مۇنداق تەكلىپ بەردىم:

    - بۇ چاغ بولغاندا تېلېۋىزور كۆرۈرمەنلىرىدىن ياردەم سورىماي بولمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ قالمىدى. كۆرۈش نىسبىتى سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا بۇ تېلېۋىزور تىياتىرىنى بەش مىليون كىشى كۆرگەن، پەقەت كۆرۈرمەنلەر ياردەم قىلدىغانلا بولسا قاتىلنى تۇتۇش ئاسانغا چۈشەتتى.

    ئىدارىدىن مېنىڭ تەكلىۋىمنى قوبۇل كۆرۈپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىش تەلىپى قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا مۇنداق بىر ئۇچۇر قىستۇرۇلدى: «ئۆتكەن ئاينىڭ 10-كۈنى قويۇلغان تېلېۋىزىيەتىياتىرى “زەنجىرسىمان قىلتاق”تا تېڭخېزىنىڭ ۋەسىيەتنامە يازغان كۆرۈنۈشى بار، مۇشۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ مەزمۇنى ئېسىدە قالغان كۆرۈرمەنلەر......»

    - ئۇ ئىشلار كىمنىڭمۇ ئېسىدە تۇرسۇن؟ مۇكاپات سوممىسىغۇ خېلى يۇقىرىكەن.

    - نېمە؟ تېخى مۇكاپاتمۇ بېرىدىكەن! ھەي، بايىلا ئاڭلىغان مەھسۇلاتنىڭ نامىنى ئېسىمىزدە تۇتالمايۋاتساق، بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى ئىشلار قانداقمۇ ئېسىمىزدە تۇرسۇن؟

    30 سېكونتتىن كېيىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەرمۇ بۇ ئېلاننى ئۇنتۇدى، ئۇلار پەقەت كېيىنكى قويۇلىدىغان نومۇرنىلا ئويلىشاتتى.

    تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرمۇ شۇنداقكەن، بىز بىلەن ھېچكىم ئالاقىلاشمىدى. ئەمدى چۈشەندىمكى ئاۋام پەقەت باج تاپشۇرۇش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكەن.

     

    «تەرجىمىلەر. تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: