• 2009-06-11

    پىرەنىكنىڭ بىشارىتى - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40878240.html

    پىرەنىكنىڭ بىشارىتى

     (ھېكايە)
    [
    ئامېرىكا](دون بىركنېر)

    مەن يەتتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇنلا ﯴچ قېتىم توي قىلىپ بولغانتىم.ئاكام گرېي ئائلىمىزنىڭ يەر ئاستى ﯲيىدە تويىمىزغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.
    ماڭا ۋە باشقىلارغا "كېلىنچەك" بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى مەندىن بەش ياشچە چوڭ قىزلار ئىدى، ئۇ قىزلار كۈلگەندە كۆزلىرى چاقناپ ناھىيىتى چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى،تاكى ھازىرغىچە ئاشۇ كۆزلەرنى ئۇنتالمىدىم. بۇ كۆزلەر قەلبىمدە مېنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەقىقى كېلىنچىكىمنىڭ سىماسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى، مەن قىزلارنىڭ كۆزلىرىگە قارىساملا ئۇنىڭ مەن ئالدىغان قىزنىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكىگە جەزىم قىلالايتىم.
    مەن 21 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قىزلار بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلىدىم، خىيالىمدا پەقەت بالىلىق چېغىمدا ئارزۇ قىلغان قىزنى تېپىشنىلا خالايتىم، مەن ئاشۇ كۆزلەرنى كۆرسەملا چوقۇم تونۇۋالالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.
    بىر كۈنى تېلېفون جىرىڭلىدى:
    _
    دون،_ تېلېفون قىلغان ئاپام ئىدى،_ سەن ئېدىسونلارنىڭ ﯲيىنى بىلىسەنغۇ دەيمەن، بىزنىڭ ھېلىقى يېڭى خوشنىمىز شۇ، ئېدىسون خانىم سېنى بىر كۈنى كىرىپ قارت ئويناپ چىقسۇن دەپ تەكلىپ قىلدى.
    _
    ئاپا، بولماسمىكى، مېنىڭ باشقا ئۇچىرىشىشىم بار ئىدى،_ دېدىم مەن.
    ھەش پەش دېگۈچە يەنە بىر نەچچە يىل ﯲتۈپ كەتتى، مەنمۇ 26 ياشقا كىرىپ قالدىم، دوستلىرىم مەن ﯴچۈن تىت-تىت بولۇشۇپ، ماڭا ئېرىنمەستىن لايىق تېپىشاتتى.ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەن نۇرغۇن قىزلار بىلەن كۆرۈشتۈم، نەتىجىدە بىر كۆرۈشۈپلا ھەممىسى بىلەن خوشلاشتىم. مۇنداق ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىشلارنىڭ تۇرمۇشۇمغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ﯴچۈن مەن"ﯴچنى ئويلاشماسلىق " تۈزۈمى بېكىتتىم:
    1.
    ئاپام تونۇشتۇرغاننى ئويلاشماسلىق(چۈنكى ئاپام قىزلارنىڭ جىنسىي ھېسسىياتلىرىنى ئويلاپ يېتەلمەيتى).
    2.
    قىزلار تونۇشتۇرغاننى ئويلاشماسلىق(چۈنكى قىزلار ﯲز جىنىستىكىلىرىگە كەڭ قورساقلىق قىلىدۇ).
    3.
    بويتاقلار تونۇشتۇرغاننى ئويلاشماسلىق(چۈنكى ئۇلار تونۇشتۇرغان قىزلار ھەقىقەتەن كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك بولسا ، نېمىشقا ئۇلار ﯲزلىرى تونۇشىۋالمايدۇ؟)
    مەن بۇ ﯴچنى ئويلاشماسلىق تۈزۈمىمنى دوستلىرىمغا ئۇقتۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن كەم دېگەندىمۇ %90 ئۇچرىشىشنى رەت قىلۋەتتىم، بۇنىڭ ئىچىدە ساۋاقدىشىم كېللېن تونۇشتۇرغان قىزمۇ بار ئىدى.
    كېللېننىڭ يەنە مېنى ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ﯴچۈن،مەن ئۇ تونۇشتۇرغان سۇزان مالرېد دېگەن قىزنىڭ ئىسمىنىمۇ يېزىۋالدىم، شۇندىن ئېتىۋارەن مەن كېللېن بىلەن ئالاقە قىلمىدىم.
    ئىككى ﯴچ ھەپتە ﯲتكەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ قەھۋەخانىسىدا قەدىناس دوستۇم تېد بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، تېد ماڭا پات ئارىدا توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    _
    پاھ! مۇبارەك بولسۇن دوستۇم،_ دېدىم مەن.
    _
    شۇنداق ئەمەسمۇ، 32 ياشقا كىرىپ قالدىم، بىر ﯲمۈر بويتاق ﯲتۈپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالغان._ ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ پورتمالىدىن بىر باغاقچىنى چىقاردى:
    _
    مانا بۇنىڭغا قاراڭ.
    بۇ باغاقچە بىر جۇڭگوچە تاماقخانىنىڭ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش يۈزىسىدىن پىرەنىكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان باغاقچىسى بولۇپ .ئۇنىڭدا: " بىر يىل ئىچىدە سىز ﯲيلۈك-ئوچاقلىق بولىسىز " دەپ يېزىلغانكەن.
    _
    مۇشۇمۇ؟ بۇ دېگەن تىجارەتچىلەرنىڭ تىرىكچىلىك يولى، ئۇلار مۇشۇنداق خەيرلىك،قىزىقارلىق سۆزلەر بىلەن خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ-دە، ئەلۋەتتە،_دېدىم مەن.
    _
    مېنىڭچە ئۇلار دەل تاپتى،_ دېدى ئۇ_ ئىشەنمىسىڭىز قاراپ تۇرۇڭ.
    بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن دوستۇم چارلېز مېنى بىر جۇڭگوچە تاماقخانىغا تاماققا تەكلىپ قىلدى، مەن تېدنىڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىۋاتاتتىم، دەل شۇ چاغدا مۇلازىم قاتلىما شەكىللىك پىرەنىكلەرنى ئەكىلىپ ئالدىمىزغا قويدى. چارلېز ئۇنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان باغاقچىلارنى ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتى،ماڭا چىققان باغاقچىدا مۇنداق يېزىلغان ئىدى: "شاتلىققا ئېرىشىپ روھىڭىز كۆتۈرۈلگەي، سۆيگۈ يولىڭىز راۋانلىشىپ، گۈلىڭىز ئېچىلغاي" . چارلېزنىڭ باغاقچىسىدا: " مۇشۇ يىل ئىچىدە دوستلىرىڭىزدىن بىرى مۇراد مەقسىدىگە يەتكەي!" دەپ يېزىلغان ئىكەن.
    ئۇزۇن ﯲتمەي ساۋاقدىشىم بلاين ماڭا سۇزان مالرېد ئىسىملىك بىر قىزچاقنى تونۇشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ ئىسىمنى بىر يەردە ئاڭلىغاندەك قىلساممۇ ، ئەمما ئېسىمگە ئالالمىدىم. بىلاين ﯲيلەنگەن بولغاچقا ئۇ ھېلىقى "ﯴچنى ئويلاشماسلىق" دائىرسىگە كىرمەيتى ، شۇڭا مەن سۇزان بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلدۇم.
    مەن تېلېفوندا سۇزان بىلەن دالىغا چىقىپ تاماق يېيىشكە كېلىشتىم، ئۇنى كۆرۈپلا يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى، ﯲزۈمنى پەقەت كونتىرول قىلالمىدىم، ئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرى مەن ئۇزۇندىن بېرى تەلپۈنگەن ئوتلۇق كۆزلەر شۇ ئىدى،بۇ كۆزلەر مېنى ﯲزىگە رام قلىۋالدى، بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز ھېسسىيات پۈتۈن بەدىنىمدە ئۇرغىماقتا ئىدى. مەن بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىش دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالدىم.
    ئەشۇ گۈزەل ئاخشامدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ماڭا نەقەدەر تونۇش تۇيۇلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىلايندىن سوراشقا مەجبۇر بولدۇم:
    _
    بىلاين بۇ زادى قانداق ئىش؟_ دەپ سورىدىم مەن.
    _
    ئەڭ ياخشىسى بېرىپ سۇزاننىڭ ﯲزىدىن سوراڭ ، _ دېدى ئۇ ئاخىرى.
    مەن بېرىپ سۇزاندىن سورىدىم، ئۇ:
    _
    مەنمۇ سىزگە ئېيتاي دەپ تۇرغان،مېنىڭ شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلەشمەسلىكىمدىكى سەۋەپ، كىچىكىمدىن تارتىپ كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىم بار ئىدى، سىز مېنىڭ خىيالىمدىكى يىگىتىم بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاشكەنسىز! بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن ئېدىسونلارنىڭ مېھمانخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن سىزنى كۆرگەندىن تارتىپلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، دەرۋەقە ،باشقىلار بىر نەچچە قېتىم سىزگە تونۇشتۇرغان قىز مەن شۇ، ئەمما سىز مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمىدىڭىز. ئېدىسون خانىمنىڭ سىزنى قارت ئويناشقا تەكلىپ قىلغىنى ئېسىڭىزدىمۇ؟ كېللېن تونۇشتۇرغان قىزچۇ؟
    كۆڭلۈم شادلىققا چۈمدى، ھاياجىنىمنى باسالمايۋاتاتتىم،
    _
    كېللىن توغرا دەپتىكەن، مېنىڭ ﯴچنى ئويلاشماسلىقنى بېكىتىشىم بىر ئەخمەقلىقكەن،_ دېدىم مەن.
    _
    پەقەت بىرلا ماددا، يەنى مۇندىن كېيىن ھەرقانداق تونۇشتۇرۇشنى ئويلاشماسلىق ، دېسەكلا بوىدىغۇ، _ دېدى ئۇ.
    بىز ﯲزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلماقتىمىز، بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ﯴچۈنلا ئەمەس ، بەلكى ئىككىمىزنىڭ بەختى ﯴچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن ﯲزىمىزنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلماقتىمىز.


    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار»> ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىل 15- سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ئارغۇ ئەپەندى، بۇرۇنقى ئادرېسىڭىز نېمىشقا تاقىلىپ قالدى؟ تازا چۈشەنمىدىمغۇ؟