• 2009-06-11

    ئادەمنىڭ خىيانەتچىلىك ئىدىيىسى نەدىن كەلگەن؟ - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40861499.html

    ئادەمنىڭ خىيانەتچىلىك ئىدىيىسى نەدىن كەلگەن؟

    چېن ساڭ

    ئادەمنىڭ خىيانەتچىلىك ئىدىيىسى نەدىن كەلگەن؟ ئاسماندىن چۈشكەنمۇ؟ ياق. ئۆزىنىڭ كاللىسىدا ئەزەلدىن بارمىدى؟ ياق.”ئادەمنىڭ توغرا ئىدىيىسى، پەقەت ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. “ ئۇنداقتا، ئادەمنىڭ خاتا ئىدىيىسى بولغان خيانەتچىلىك ئىدىيىسى نەدىن كەلگەن؟

    30 يىل بۇرۇنقى”ئۈلگىلىك تىياتىر “《دېڭىز پورتى》دا 《مەن كاپىتالىزىمنىڭ يامان ئىدىيىسىنى يۇقتۇرۇۋالدىم》دەيدىغان بىر ئارىيە بار، 45 ياشتىن ئاشقانلار بۇ ئارىيەنى ياخشى بىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ” تۆۋىنامە“سىدە:” دۇنيا قارىشىمنى ئۆزگەرتىشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن، ئېكىسپىلاتاتسىيە سىنىپىنىڭ چىرىك ئىدىيىسىنى يۇقتۇرۇۋاپتىمەن،“ دەپ يېزىشىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بىۋاستە” بۇرژۇئازىيىنىڭ يامان ئىدىيىسىنى يۇقتۇرۇۋاپتىمەن“ دەپ يازىدۇ. بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەر خىل ئىدىيىسى بولىدۇ، خىيانەتچىلەر نېمە ئۈچۈن بۇرژۇئازىيىنىڭ”يامان “ئىدىيىسىنىلا ”يۇقتۇرىۋالىدۇ“؟

    غەرپ كاپىتالىستىك دۆلەتلىرىدىكى كۆپىنچە كىشىلەر كاتولىك، خۇدا، ئىلاھلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار ھامان: ”تەڭرىم “ھەر بىر كىشىنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىپ تۇرىدۇ،”بارلىق يامان ئىشلار ھامان جاجىسىنى  يەيدۇ“ ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئەتكە نىسبەتەن ئەيمىنىش ۋە كەمتەرلىك مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئادەم ۋە ئىشلارغا نىسبەتەن كەمتەر ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولىدۇ. شەرق كاپىتالىزىم دۆلەتلىرىدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار” سەۋەبىيات بەرھەق“ لىقكە قەتئىي ئىشىنىدۇ، ”بۇ دۇنيا  ، ئۇ دۇنيا “ قىساسىنى تارتىشتىن، ” خوتۇن بالىلىرىغا  بالاسى تېگىش“تىن  قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن،” ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدۇ، “ ھەمدە ”خەير-ساخاۋەتلىك بولۇش“نى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان. بۇ جەھەتتە سىنگاپور، تايلاند ۋە ئېلىمىزنىڭ شاڭگاڭ، ئاۋمىندىكى كاپىتالىستلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەدەنىيەت-مائارىپ، سەھىيە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا قىلغان زور مىقداردىكى  ئىئانىلىرى كۆپچىلككە ئايان. بۇنىڭ ئەكسىچە خىيانەتچى چىرىك ئەملەدارلار ئەقەللى ساۋاتلارنى ئۇنتۇپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا، ئېتىقادسىزلىق بىلەن ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي، بېشەملىك بىلەن” ماددىي مەپىئەتنى ھەممىدىن ئەلا “ بىلمەكتە. ئۇلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى، شەپقەتسىزلىكى، زەھەرخەندىلىكى، مەككارلىقى ھەر قانداق يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى. سۇڭ فۇكۈي دەك” يولۋاسنىڭ سايىسىدا جان باقىدىغان تۈلكە“گە ئوخشاش”گۈلدار شەيخ“ تىن سىرت” مۇسۈيشىن، ماشاڭدۇڭ دېلوسى“ ۋە ”يۈەنخۇا زور دېلوسى“ دىكى خىيانەتكار ئەمەلدارلاردا كىچككىنە بولسىمۇ ”بۇرژۇئا دۇنيا قاراش “ بولۇپ، ئازراق ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالغان، تىزگىنلىگەن بولسا بەلكىم ئۆزلىرى ۋە ئائىلىسى بۇ دەرىجىدە” خانىۋەيران “ بولمىغان بولاتتى.

    ياۋروپا،ئامېرىكا بۇرژۇئازىيە سىنىپى ”ئادەملەر تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر  بولىدۇ “، دېگەننى تەكىتلەيدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇرژۇئازىيە سىنىپىدىكىلەر بولسا” جانلىقلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر“ دېگەنگە ئىشىنىدۇ. ئەمما بۇ خىيانەتچى ئەمەلدارلار ھامان ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلايدۇ، كاللىسى پۈتۈنلەي” دەرىجە، ئۆلچەم، قائىدە“ لەر بىلەن تولغان بولۇپ، ھەممىلا يەردە ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولىدۇ، غادىيۋالىدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ يىرگىنىچلىك يېرى شۇكى، ” مەنپىئەت قۇرۇلمىسى“ نى ئۆزلىرىنىڭ مەنپىئەتلىرىنى قوغداش، زورايتىش شەرتى ئاستىدا تەڭشەيدۇ، ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ھەقسىز ئىگىلىۋالىدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ دۆلەت ۋە ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىدۇ، ئىشلىتىۋالىدۇ، ئاستىرتتىن بۆلۈشىۋالىدۇ، ”ئامما“ نىڭ نامىدا ئاممىنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇرژۇئازىيىنىڭ ”باراۋەرلىك“ قارىشىنى ئازراق بولسىمۇ ” يۇقتۇرىۋالغان “ بولسا بەلكىم ئاممىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئايرىلىپ قالمىغان، ئۇلار بىلەن قارمۇ-قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ قالمىغان بولۇشى ، ھەمدە  ”غايەت زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى“ نى سادىر قىلماسلىقىمۇ مۈمكىن ئىدى.

    كاپىتالىستىك ئەللەردىمۇ ” مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش“ پىرىنسىپى يولغا قويۇلغان،” ئىختىيارلىق بىلەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش، ئادىل سودا قىلىش“ پىرىنسىپىغا بويسۇنىدۇ؛ ئەمما بىزنىڭ ناھىيە، يېزىلاردىكى” يەرلىك خان“ لىرىمىز دائىم” قالايمىقان سېلىق سېلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش“ ھەمدە مەجبۇرىي يىغىۋېلىش، مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتەك” بۇلاڭچى“ لارنىڭ رولىنى ئوينىماقتا. ئەگەردە ئۇلارغا بۇرژۇئازىيىنىڭ ” مەمۇرىيەت قارىشى“ ۋە ”ئادىل سودىلىشىش قارىشى“ دىن ئازراق ”يۇققان “ بولسا ئاممىنىڭ  ”دەرىجە ئاتلاپ ئەرز“ قىلىدىغان، ” ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان“ ئىشلىرى ئازراق كۆرۈلگەن بولاتتى.

    كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى: ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بەرگەن، ھوقۇق يۈرگۈزۈش چوقۇم نازارەت ئاپپاراتلىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە جامائەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىشى كېرەك؛ قانۇن ئەڭ بۈيۈك، كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىغا سوت مەھكىمىسىنىڭ  ” دېگىنى ھېساپ“ دەپ قارايدۇ. خىيانەتچى ئەمەلدارلار” ئاغزىمدىن چىققىنى قانۇن“ دېگەن ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشقا خۇشتار بولۇپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ، ئاممىۋى ھوقۇقنى شەخسلەشتۈرىۋالىدۇ، دۆلەتنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ.  ”مېنىڭ زېمىنىمدا ئۆزەمنىڭ دېگىنى ھېساپ“، ”ھەر قايسىڭنى مەن ئۆستۈرگەن، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىشىڭ كېرەك “ ۋاھاكازا دېيىشىدۇ؛ ئۇلارغا مەركەزلەشتۈرۈشلا كېرەك بولۇپ، دېموكراتىيە كېرەك ئەمەس؛ كوللىكتىپكە رەھبەرلىك قىلىش كېرەك بولۇپ، رەھبەرلىك كولىككتىۋى كېرەك ئەمەس؛ يۇقۇرىدىن تۆۋەنگىچە”بىرلا بۇيرۇق بىلەن ھەممە ئىش يۈرۈشۈش “ى، قىلچىلىك قارشى پىكىر،”غەيرى ئاۋاز“ بولماسلىقى كېرەك. ئاندىن، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشىدۇ، پارا تەلەپ قىلىشىدۇ، پارا قوبۇل قىلىشىدۇ، ئەمەل سودىسى، يەڭ سودىسى  قىلىشىدۇ، ھەر خىل شەكىلدىكى شەخسكە چوقۇنۇشنى تەرغىىپ قىلىشىدۇ، ئۆكتەملىك بىلەن خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشىدۇ. ئەگەر خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا بۇرژۇئازىيىنىڭ ”ھوقۇق قارىشى “ ئازراق يۇققان بولسا ئىدى، ئۆزلىرى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئورۇنلارنى مۇنچە بۇرۇقتۇما قىلىۋەتمىگەن بولاتتى، ئۆزلىرىمۇ ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ قارا جەمئىيەت كۈچلىرىدەك گەزەندىلەر بىلەن بىر قازاندا قاينىمىغان بولاتتى، بىر جايغا  بالايى ئاپەت كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۆزلىرىمۇ  شەرمەندە بولمىغان بولاتتى.

    دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق كاپىتالىستىك ئەللەردىكى چىرىك ئۇنسۇرلارنى ئەڭ ئالى ھوقۇقتىكى زۇڭتۇڭ دەپ قارىغاندىمۇ، ئۇلارمۇ ھەرگىز ئاشكارە ھالدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پوخۇرلۇق قىلالمايدۇ، ”ھوقۇق-ئىشقىۋازلىق سودىسى“ قىلالمايدۇ. كاپىتالىستىك ئەللەردىكى چىرىك ئۇنسۇرلار چىرايلىقلارنى بەك قوغلىشىپ كەتمەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىشسىمۇ باسقۇنچىلىق قىلىشمايدۇ، مۇھەببەتلەشسىمۇ، قالايمىقان مۇھەببەتلەشمەيدۇ، نىكادىن ئاجرىشىدۇكى توقال ئالمايدۇ، پاھىشىۋازلىق قىلسا ئۆز پۇلىنى خەجلەيدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بىزدىكى خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلار ھەقىقيقەتەن”ئەركىن، بىمالال “ ياشايدۇ! ئۇلار  دۇنيادىكى بارلىق  ”باھاردىن  پۈتۈنلەي بەھىرلىنىدۇ!“ بۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاياللارمۇ”ئۇلارنىڭ بەختىدىن ئورتاق بەھىرلىنىدۇ.“ جاڭ ئېرجاڭدەك پەسەندىلەرنىڭ ھوقۇقىغا تاينىپ قىز ئوۋلايدىغان نەيرەڭلىرى ئافرىقىدىكى قەبىلە باشلىقى بولسۇن ۋە ياكى ئەرەپلەردىكى نېفىت ماگناتلىرى بولسۇن ھېچقاندىغىنىڭ  قولىدىن كەلمىگەن بولاتتى. ”ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى “ دىن ئىبارەت بۇ  قارىماققا ئاددى ئەمما ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىدە، خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا بۇرژۇئازىيىنىڭ ”قائىدە ئېڭى “ دىن ئازراق ” يۇققان“ بولسا ھازىرقىدەك كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قالمىغان بولاتتى.

    رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: سېلىشتۇرما بولغاندىلا، پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، تەتقىق قىلمىغانلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلىقى ئۇلارنىڭ ئىديىسىنى بەلگىلەيدۇ. سېلىشتۇرۇش ، تەتقىىقاتتىن بايقىلىشىچە، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك ئىدىيىسى ئىنسانلارنىڭ ئەقەللى ساۋات، ئىدىيىسىنى ئۇنۇتۇش، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇستەبىتلىك ۋە ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن پەيدا بولغان، بەزىلىرىنىڭ بولسا يەرلىك لۈكچەكلەر بىلەن ” ھەمكارلىشىش“تىن كەلگەن، بۇرژۇئازىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز؛ بەزى فىئوۋدال مۇستەبىتلىك ئىدىيىسى ئېغىر خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئەگەر بۇرژۇئازىيىنىڭ ” ناچار بولمىغان“ ئىدىيىسىدىن ئازراق يۇقتۇرىۋالالىغان بولسا ، بەلكىم ئاز-تولا ئالغا باسقانمۇ بولۇپ قالاتتى.

     

    «كىلاسسىك فېليەتونلار» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 9-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    历史上的今天:

    شاھىت 2009-06-11

    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: