• 2009-06-09

    تىلەمچىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت قائىدىسى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40732126.html

    تىلەمچىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت قائىدىسى

    ۋاڭ چياڭ

    بىرىنچى، ەسمىمى بولۇش

    1. ئائىلىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى كۆپتۈرمەسلىك.

    2. تىلەمچىلىك قىلىش سەۋەبىنى ئەينەن ئېيتىش.

    3. يالغاندىن مېيىپ بولىۋالماسلىق.

    4. مېيىپ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى  بولىۋالماسلىق.

    ئىككىنچى، مەدەنىي بولۇش

    1. تىلىگەن چاغدا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىشى، ھەمدە تىلەنگۈچى بىلەن يېتەرلىك ئارىلىقنى ساقلىشى كېرەك.

    2. سەدىقە بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش.

    3. سەدىقە بەرمىگەنلەرگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى سەدىقە بەرمىدى دەپ تىللىماسلىق.

    4. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان يارىلىرىنى چىقىرىپ قويماسلىق.

    5. پاكىزلىككە دىققەت قىلىش، كۈندە يۈزىنى يۇيۇش، كىيىمنى پات-پات ئالماشتۇرۇش.

    6. يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا تىلەمچىلىك قىلماسلىق.

    ئۈچىنچى، تېجەشلىك بولۇش

    1. مېھمانسارايلاردا ياتماسلىق.

    2. رېستۇرانلارغا كىرمەسلىك.

    3. تورخانىلارغا كىرمەسلىك.

    4. تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك.

    تۆتىنچى، قانۇنغا بويسۇنۇش

    1. ھەر قانداق قانۇنغا خلاپ قىلمىش بىلەن پۇل-مال ئۈندۈرىۋالماسلىق.

    2. ئۇرۇش-جېدەل قىلماسلىق.

    3. مەجبۇرىي مائارىپ مەزگىلىدىكى بالىلارنى تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىق.

    4. تىلەمچىلىك قىلغان جاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى پىششىق بىلىش، ھەمدە شۇ جاينىڭ قانۇن-نىزام ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭىلىق رىئايە قىلىش.

    بەشىنچى، ۋەتەننى سۆيۈش

    1. چەتئەللىكلەر دائىم ئۆتىدىغان جايلاردا تىلىمەسلىك.

    2. ئىمكان قەدەر چەتئەللىكلەردىن تىلىمەسلىك.

    3. چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىلەمچىلىك قىلغان سۈرەتلىرىنى تارتىۋېلىشغا پۇرسەت بەرمەسلىك.

    4. چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور  نەتىجىلىرىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى كۆپرەك سۆزلەش.

     

    (بۇ قائىدىنى تۈزۈشتە «XXX كۈندىلىك ھەرىكەت قائىدىسى» دىن پايدىلىنىلدى، بۇ جايدا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز)

    جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: