-
2009-06-09
خوجايىن بىلەن يېڭى خىزمەتچىنىڭ دىئالوگى - [فېليەتون]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40732079.html
خوجايىن بىلەن يېڭى خىزمەتچىنىڭ دىئالوگى
يى مىڭ
يېڭى خىزمەتچى كەلدى.
خوجايىن: سىز بولمىسىڭىز شىركىتىمىز باشقىچە بولۇپ قالىدۇ.
يېڭى خىزمەتچى: ئەگەر خىزمەت بەك جاپالىق بولسا ئىستىپا بېرىىشم مۇمكىن.
خوجايىن: خاتىرجەم بولۇڭ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن.
يېڭى خىزمەتچى: شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئارام ئالالامدىم؟
خوجايىن: ئەلۋەتتە! بۇ دېگەن ئەڭ تۆۋەن چەك.
يېڭى خىزمەتچى: ئادەتتە ھەر كۈنى تۈن يېرىمغىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەمدىمەن؟
خوجايىن: مۇمكىن ئەمەس، كىم شۇنداق دەيدۇ؟
يېڭى خىزمەتچى: تاماق ياردەم پۇلى بارمۇ؟
خوجايىن: بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، ئوخشاش ساھەدىكىلەر بويىچە ئەڭ يۇقىرى.
يېڭى خىزمەتچى: خىزمەت ئۈستىدە چارچاپ ئۆلۈپ كېتىدىغان خېيىم خەتەر مەۋجۇتمۇ؟
خوجايىن: يوق، سىز نېمە دەپ بۇنداق ئويدا بوپ قالدىڭىز؟
يېڭى خىزمەتچى: شىركەتتىن قەرەللىك ساياھەتكە ئۇيۇشتۇرامدۇ؟
خوجايىن: بۇ شىركىتىمىزنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى.
يېڭى خىزمەتچى: ئۇنداقتا مەن دەل ۋاقتىدا ئىشقا كېلدىكەنمەندە؟
خوجايىن: ياق، ئەھۋالغا قاراپ بىر گەپ بولىدۇ.
يېڭى خىزمەتچى: مائاشچۇ؟ ۋاقتىدا بېرىلەمدۇ؟
خوجايىن: ئەزەلدىن شۇنداق.
يېڭى ئىشلەمچى: ھەممە ئىشلارنى يېڭى خىزمەتچىلەرلا قىلامدۇ؟
خوجايىن: نەدە ئۇنداق بولسۇن؟ يەنە نۇرغۇن كونىلار بار تۇرسا.
يېڭى خىزمەتچى: ئەگەر رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدە بوش ئورۇن بولسا رىقابەتلەشسەم بولامدۇ؟
خوجايىن: بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ، بۇ شىركىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا تاينىدىغان مېخانىزىمى.
يېڭى خىزمەتچى: مېنى ئالدىمايدىغانسىز؟
ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن يېڭى خىزمەتچى ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندى، يەنى ھەقىقىي ئەھۋال يۇقىرىدكى يازمىنى ئايىغىدىن بېشىغا قاراپ ئوقۇغاندەكلا ئىدى.
جۇڭگو فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
历史上的今天:
لېي فېڭ كىمدىن ئۆگەنگەن؟ 2009-06-09تىلەمچىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت قائىدىسى 2009-06-09سېتىقچى 2009-06-09
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى: