• 2009-06-09

    سېتىقچى - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40732073.html

    سېتىقچى

    (ھېكايە)

    شىڭ شىنيى]ياپونىيە[

    دەسلەپكى غەلىبە

     

    ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ ئىسىم كارتۇچكامنى ئىشىكنى ئاچقان ئايالغا ئۇزاتتىم. ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ ئۆڭسىلى ئۆچتىدە:

        بىزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس، — دېدى.

    ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنى بىلەتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك مەڭسىتمەسلىك ھېسسىياتى بىلەن نارازى بولغان ھالدا مۇنداق دېدىم:

    — مېنى ستىقچىمىكىن دەپ قالدىڭىزما؟ ئۇنداق دەپ قارسىڭىز بەك خاتالاشقان بولىسىز. بۇنىڭدىنغۇ يامانلىغىلى بولمايدۇ، تىنچ مۇھىت پۈتۈنلەي سېتىقچىلارنىڭ ئىشىك قېقىشى بىلەن بۇزۇلىدۇ، ئۇلاردىنمۇ يىرگىنىشلىك ئادەملەر بولمىسا كېرەك.

    — شۇ ئەمەسمۇ.

    ئۇنىڭ مېنى رەت قىلىش باھانىسى ئىزدەۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا:

       يېقىندىن بېرى بىۋاستە يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا ئېلانلىرى بەك كۆپىيىپ كەتتى، سىزنىڭ پوچتا ساندۇقىڭىزمۇ شۇنداق ئېلانلارغا توشۇپ كەتكەندۇ ھەقىچان؟ — دېدىم. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نەزىرى پوچتا ساندۇقىغا ئاغدۇرۇلدى، دېگەندەك پوچتا ساندۇقى ئېلانلار بىلەن لىق توشقانىدى.

    —سىزدەك تەربىيە كۆرگەن ئائىلىلەر دەل ئاشۇ ھېلىگەر سېتىقچىلارنىڭ نىشانى بوپ قالدى. ئەگەر تېلېۋىزور ئېلانى بولسىغۇ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپلا قۇتۇلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بىۋاستە يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا ئېلانلىرىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، دېسە.

          شۇنداقكەن، — دېدى ئۇ قۇۋۋەتلەپ.

                 ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدىغان ئېلانلارنى بىرمۇ بىر ئوقۇمىسىڭىز، رەتلەپ، تاشلايدىغاننى تاشلاپ تازىلىمىسىڭىز بولمىغان، شۇنىڭغا بىرمۇنچە ۋاقتىڭىز كېتىۋاتقان، ئولتۇرۇپ شېئىر ئوقۇش ياكى تىنچقىنە ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىش دېسە بولىدۇ. ئەجىبا مۇشۇنداق ئېلانلارنى دەپلا ئۆمرىمىزنى ئۆتكۈزىمىزما؟ بىز زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇنداق ئېلانلارنى چەكلىمىسەك بولمايدىغان يەرگە يەتتى.

    “تەپەككۇر”، “زىيالى” دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈمى بولدى بولغاي، خانىمنىڭ تۇرقى شائىرلارغا ئوخشاپ قېلىشقا باشلىدى.

          تىنچ تەپەككۇر، مەن تىنچ تەپەككۇر قىلمىغىلى قانچە يىللار بولۇپ كەتكەندۇ.

    مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدىم:

                 سىزنىڭ دەردىڭىزنى پۈتۈنلەي چۈشىنىمەن، چۈنكى بۇرۇن مەنمۇ بۇ كەچمىشلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن.

          نېمە؟ سىز “ئۆتكۈزگەن” دەيسىزغۇ؟ ھازىر ئۇنداق ئەمەسما؟

    تەڭرىمگە شۈكرى، نېمىلا بولسۇن ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالىدىم، شۇنداق بولسىمۇ ھازىرلا مەقسەتكە كۆچۈشكە بولمايتتى.

                 ھەئە، ئەلۋەتتە. بۇ ئىشلارنى كېيىن ئېيتىپ بېرەي، — دېدىم مەن ئاغزىمغا كەلگەننى يۇتۇۋالغاندەك قىياپەتتە.

                 دەۋېرىڭە، ئاڭلاپ باقاي، — ئۇ توزىقىمغا ئاسانلا چۈشتى. بىراق بۇنداق چاغدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكىدى.

                 ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئىشمۇ ئەمەس، بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن شۇ، مەن چەبدەسلىك بىلەن سومكامدىن بىر خىل ئەسۋاپنى چىقاردىم-دە — مانا مۇشۇ مەھسۇلات، پوچتا ساندۇقىڭىزغا ئورنىتاي، كۆرۈپ بېقىڭ، — دېگەچ ئۇنى پوچتا ساندۇقىغا ئورناتتىم. ئەسۋاپنىڭ گېزىت ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئېلانلارنى بىر-بىرلەپ سۇغۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىغاچ مۇنداق دېدىم:

          بۇ ئەسۋاپنى ئورناتقانلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ خۇرسەن بولۇشتى.

          باھاسى قانچىكەن؟

    مەن باھاسىنى دەپ بەردىمدە، ئۇ خانىمغا:

                 ھە بولدى، سىزنى ئاۋارە قىلدىم، مەن قايتاي، — دېگەچ ئەسۋاپنى چىقىرۋالماقچى بولغان قىياپەتكە كىردىم.

          سېتىۋالاي.

                 بىراق بۇنداق بولسا مەن ئشىك ئالدىغا مال ئەكىلىپ ساتىدىغان سېتىقچى بولۇپ قالمامدىم؟ — مەن قوشۇمامنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تەققازاسىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇم.

                 ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، سىز قىلچە كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، سىز دېگەن باشقىلارغا تەپەككۇر قىلىش ۋاقتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز.

                 ئۇنداقتا ئورنىتىپ بېرەي ئەمىسە. ئەمدى تېجىۋالغان ۋاقتىڭىزدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىسىز. ھە راست، پۇلىنى سىز لايىق تاپقاندا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىملىق سودا ئوڭۇشلۇق پۈتتى، مەن رەھمەت ساداسى ئىچىدە غەلىبە بىلەن قايتتىم.

    كونا ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىش

    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەن ئىككىنچى قېتىم ئۇ ئۆيگە يەنە باردىم.

                 بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئەسۋاپنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟

    خانىم چىرايلىرى ئاپتاپتەك خشال ھالدا ئالدىمغا چىقتى.

          ناھايىتى ياخشى، مېنى خويمۇ ئازاد قىلدى، چوڭ ياردىمى بولدى بۇنىڭ.

          بىراق قارىسام سىزنىڭ دەردىڭىز يەنىلا بۇرۇنقىدەكمۇ قانداق...

                 شۇ ئەمەسمۇ؟ ھەممىسى بىزنىڭ ئېلان كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالدىمۇ قانداق، سېتىقچىلار تولا كېلىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى، توساپمۇ بولالمىدۇق، — ئۇنىڭ چىرايى دەردلىك، خىيالچان ھالغا كىردى. ئۇ مېنى سېتىقچى دەپ قارىمىدى بولغاي، دەردىنى تۆكۈشكە باشلىدى.

                 ئەسەبىي سېتىقچىلار، سىلەرنىڭكىدەك بۇنداق يۇقىرى تەبىقىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئۇلارنى رەت قىلىشى ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ، بۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن.

          سىزدە بۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمىدۇ؟

                 ئەلۋەتتە بار. بۈگۈن سىزنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىممۇ دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن. سىز ئىتنى ياقتۇرامسىز؟

          ئىت؟

                 شىركىتىمىز مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ ئىتلار سېتىقچىلارنى پەرق ئېتەلەيدۇ، ھەمدە قاۋاپ ئۇلارنى يېقىن يولاتمايدۇ. باشقىلارغا بولسا قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ يېقىنچىلىق قىلىدۇ.

          مۇشۇنداقمۇ ئىت بارمىكەن؟

    مەن دەرھال ھەر خىل ئىتلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلات تۈرلىرى جەدىۋىلىنى چىقاردىم:

                 ياقتۇرىدىغىنىڭىزنى تاللىۋېلىڭ. سېتىقچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتەك ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىشنى ئىتقا قويۇپ بېرىڭ. ئادەم دېگەن ئادەمدەك ياشىشى كېرەك، يەنى ئازادىلىك ئىچىدە تەپەككۇر قىلىشى كېرەكتە....

    شۇنداق قىلىپ بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى بۇ ئائىلىگە سېتىپ بەردىم. سېتىقچىلىق شېرىنكانىسىغا ئېرىشتىم، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ نېمىلەرنى تەپەككۇر قىلىشىنى ئويلاپمۇ قويمىدىم.

    كۈتۈلمىگەن بالا-قازا

    ئولتۇرۇپ يېڭى بىر تۈرنى قانداق يولغا قويۇش توغرىسىدا ئويلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرىقى سايراپ كەتتى. قايسى دوستۇم كەلگەندۇ، دەپ ئويلىدىم. سېتىقچىلار كەلمەيتتى، چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ بىر يۈرۈش سېتىقچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەنىدى. مەن خوشياقمىغان ھالدا ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ئىشىك ئالدىدا ناتونۇش بىرەيلەن تۇراتتى، ئۇنىڭ قولىدا بىر سومكا بار ئىدى.

          سىز؟

                 ئاڭلىسام سىز سېتىقچىلىق قىلىدىكەنسىز، شۇڭا تۇشمۇتۇشتىن ئالدىڭىزغا كېلىشىم. يېقىندىن بېرى مەھسۇلاتلارنى ئاپىرىپ سېتىشنىڭ رىقابىتى بەك كەسكىنلىشىپ كەتتى، سىزدەك سېتىقچىلىق ماھىرىنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق مال سېىتىشى قىيىنلىشىپ قالدى. ئەمما مەن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەتسىڭىز قايناق رىقابەتتە چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسىز، سودىڭىز ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.

                 نېمە، مۇشۇنداق نەرسىمۇ بارمىكەن؟ ئەكىلىڭە كۆرۈپ باقاي، — بۇنداق قىزىقتۇرۇش ھەرقانداق ئادەمنى جەلپ قىلاتتى.

                 سېتىقچىلىقنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئاجايىپ مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ئورنىتىۋالغانلىقىدىن. مەندىكى بۇ نەرسە ئېلاننى شاللىۋېتىشتىن مۇداپىئە كۆرىدىغان مەخسۇس كونۋېرت ۋە ئىتنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقىلىنىدىغان بىھۇش دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانداق، بولامدىكەن؟ بۇ نەرسىلا بولىدىكەن سېتىقچىلىق چوقۇم مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدۇ، سېتىقچىلىقتا ھېچقانداق قىيىنچىلىق تۇغۇلمايدۇ.

    ئىش چاتاق، مانا بۇ كۈتۈلمىگەن بالا –قازا دېگەن شۇ. مېنىڭ روناق تېپىۋاتقان ئىشلىرىم ئۆلدى دېگەن گەپتە. بىراق بۇ قايسى ئەبلەخنىڭ ئويلاپ چىققان ئامالىكىنە؟

                 بۇنى مېنىڭ خانىمىم ئويلاپ تاپقان. يېقىندىن بېرى ئۇ خېلى بىكار بوپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى، ئويلاپ-ئويلاپ بۇ قالتىس كەشپىياتنى ئويلاپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ بۇ ماللىرىمىزنى سېتىشقا ئاتلاندىم. بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان سېتىقچىلارنىڭ ھەممىسى بەك رازى بولۇشتى، مەنمۇ پايدا ئالدىم بۇ قالتىس خۇشاللىنارلىق ئىشتە...

     

    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: