
كېلىنكىلىق ئەمەلىيەتتىن بايقىلىشىچە، پەرزەنت كۆرەلمىگەن نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەزىلەرنىڭ ھەتتا نورمال قىممەتتىن 2-3 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. بۇ ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك كۆرۈنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىر ھېسابلىنىدىكەن. ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ئانىلىق ھورمۇننىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ئاساسلىقى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ بەدەنگە كۆپ قوبۇل قىلىنىشى ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئېتىزلاردا دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ھەر خىل ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلياۋ، كاۋچۇكتىن ياسالغان بۇيۇملار،كېرەكسىز گاز، داشقال قاتارلىقلارمۇ مۇھىتقا ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار ئادەم بەدىنىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغاندىن باشقا، قالدۇق ماددا شەكلىدە تۇپراق ۋە سۇدا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدۇ. ئېتىزلىقلاردا ئۆستۈرۈلگەن شال،بۇغداي قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بۇ قالدۇق ماددىلارنى سۈمۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار داۋاملىق ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئوزۇقلۇق زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا بۇ قالدۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ، قالدۇق ماددىلارنىڭ خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى بىلەن ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئادەم بەدىنىدە توپلانغان قالدۇق ماددىلار قانچە كۆپەيگەنسېرى، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيىسىمۇ شۇنچە يۇقىرلاپ بېرىدۇ.
يېمەكلىك خۇرۇچى
بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يىراق شەرق تاشپاقىسىنى تېز چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئانىلىق ھورمۇنىنى ئوكۇل قىلىدۇ ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكۈزىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بەزىلەر توخۇ، ئۆردەك، غاز، بېلىق قاتارلىقلارنى تېز سەمرىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئانىلىق ھورمۇننى ئوكۇل قىلىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەنسېرى بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇن مىقدارى يۇقىرىلايدۇ.
ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى
ئۆيدىن چىقىپلا ماشىنىغا ئولتۇرىمىز، بىناغا كىرسەك لىفىتقا ئولتۇرىمىز، خىزمەت ۋاقتىدا كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىمىز… شۇنداق قىلىپ، ئادەتتە چېنىقىدىغان ۋاقتىمىز ئازلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېز، روھى بېسىمنىڭ ئېغىر بولۇشى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ، ھەر خىل كېسەللەرمۇ كۆپ يۈز بېرىدۇ. بەزى گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ئانىلىق ھورمۇنى بولىدۇ، ئەرلەرمۇ شۇنداق، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئۇزۇن ئىشلەتكەندىمۇ ئەرلىك كۆپىيىش ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئاتىلىق ھورمۇن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇبادا ئاتىلىق ھورمۇنى ۋە ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئاتىلىق ھورمۇنىنىڭ يېتەكچىلىك رولى يوقالسا ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئەرلەرگە زور زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ:
ئالدى بىلەن بالىلارغا نىسبەتەن يوشۇرۇن خەتنىلىكى ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ. بۇ ئەھۋال «بودەك شاكىچىك»لەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ بىر قىسمىنى بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئېشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئوغۇللارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىككىلەمچى جىنسىي ئالاھىدىلىكلىرى روشەن بولمايدۇ، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرگە نىسبەتەن، نىكاھ، تۇغۇت مەزگىلىگە بارغاندا، ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولسا، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش پەرزەنت كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەرلەرنىڭ ئەڭ نازۇك بەش ئەزاسى
- كېيىنكىسى : ئەرلەر ھەپتىدە 2 قېتىم دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچمىسە بولمايدىكەن
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
