
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارلاردا ئېلېكتىرونلۇق تاماكا پەيدا بولدى. گېرمانىيە سەھىيە تارماقلىرى 19 - دېكابىر كىشىلەرگە ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقنى ئەسكەرتتى ھەم ئىستېمالچىلارنى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى سېتىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىلزابىت پوتېر: ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىش ساغلاملىق خېيىم - خەتىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى، ئۇنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىس نەيچىسىدە كىشىنى خۇمار قىلىدىغان نىكوتىندىن سىرت، يەنە باشقا زىيانلىق ماددىلارمۇ بار. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز، دېدى.
ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاساسلىقى نىكوتىن ئېرىتمىسى قاچىلانغان ئىس نەيچىسى، پارلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە باتارېيەدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنى ئىشلەتكەندە نىكوتىن ئېرىتمىسى ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە پارلىنىپ، ئېغىزغا سۈمۈرۈلىدۇ. نىكوتىن ئادەتتە پىروپىلېن گىلىكولدا ئېرىگەچكە، تاماكا چەككۈچىلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چەككەندە ئوخشاشلا ئىسنى سۈمۈرەلەيدۇ. تاماكا چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە، ئىس نەيچىسىگە يەنە شاكىلات، يالپۇز قاتارلىق پۇراقلىق ماددىلارنى قوشالايدۇ. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىغا قوشۇلغان نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
گېرمانىيە فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى چەككەندىن كېيىن سۈمۈرگەن گازنىڭ %90كە يېقىنى پىروپىلېن گىلىكول بولۇپ، بۇ خىل خىمىيەۋى ماددا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەپەس يولىنى غىدىقلايدۇ، پىروپىلېن گىلىكولنى ئۇزاق مەزگىل، تەكرار سۈمۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ھازىرچە يەنە قىسمەن ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تەركىبىدىن راك پەيدا قىلىدىغان نىتروزامىننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىكى نىكوتىن ئېرىتمىسىنى ئىزاھلاپ قويمىغاچقا، ئىستېمالچىلار دۇچ كېلىدىغان ساغلاملىق تەھدىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن، دېدى. پوتېر يەنە تاماكا چەككۈچىلەرنى ئەسكەرتىپ: ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تاماكا تاشلاشتىكى ياخشى تاللاش ئەمەس، دېدى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى 3 پەرھىز
- كېيىنكىسى : مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
