
سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى( 前列腺炎) ئەرلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئامىللار ھەرخىل ، مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى ئالاھىدىرەك بولۇش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپىدا كۆپ قوزغىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، كلىنىكىدا بۇ كېسەللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش بىرقەدەر قىيىن ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ، تېببىي ئىلىمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . بىمارلار كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ ، دوختۇرلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرسىلا ، كېسىلىنى داۋالىتىپ ساقىيىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ . تۆۋەندە ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ بىلمىسىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدىن بىلىۋېلىڭ....
1. ئانتىبىئوتىنلار ( 抗生素 ) بىلەن داۋالاش
ئانتىبىئوتىنلار بىلەن داۋالاش مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل . بۇ خىلدىكى دورىلار قان پلازمىسى بىلەن بىللە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىغا يامراپ كىرىپ ، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدىغان گرام مۇسپىي تاياقچە باكتېرىيىسىنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ ، بىراق ، مەزى بېزى ئېپىتېلىيىسىنىڭ مايلىق پەردىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مەزى بېزى پۈۋەكچىسىنىڭ مەركىزىگە يېتىپ بارالمىغاچقا ، داۋالاش ئۈنۈمى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ . شۇڭا ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىئوتىنلارنى تاللاشتا ، تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش لازىم :
( 1 ) دورىنىڭ باكتېرىيىگە قارىتا بىرقەدەر يۇقىرى سەزگۈرلىكى بولۇش ؛
( 2 ) ئىشلىتىلىدىغان دورىنىڭ يۇقىرى مايلىق ئېرىشچانلىققا ، يۇقىرى ئوسموسلۇق ئىقتىدارغا ئىگە بولغان قان پلازمىسى ئاقسىلى بىلەن بىرىكىش نىسبىتى تۆۋەن ، پارچىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى دورا بولۇشىنى ئۆلچەم قىلىش ؛
( 3 ) ئىككى خىلدىن ئارتۇق ھەم داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ؛
( 4 ) دورىنىڭ مەزى بېزى ئارىلىق ماددىلىرىدىكى ئۈنۈملۈك قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ۋە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، دورىنى زور مىقداردا ھەم ئۇزۇن مۇددەت ( 12~ 4ھەپتە ) ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
بۇنى داۋالاشنىڭ يەنە باشقا ئۇسۇللىرىمۇ بارمىدۇ؟ يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ بېقىڭ....
2 . يەرلىك ئورۇنغا دورا كىرگۈزۈپ ياكى ئوكۇل قويۇپ داۋالاش
ئانتىبىئوتىنلارنى پۈتۈن بەدەنلىك دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلىتىپ ، مەزى بېزىدىكى ئۈنۈملۈك دورا قۇيۇقلۇقىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزگىلى بولماسلىق تۈپەيلىدىن داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكەندە ، ئانتىبىئوتىنلارنى سۈيدۈك يولى ئارقىلىق بىۋاسىتە مەزى بېزىگە كىرگۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم . بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق : Gentamycin 庆大霉素 ، Kanameycin 卡那霉素 ، Cephalosporin 先锋霉素 قاتارلىق ئايرىم ياكى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى تاللاپ ، سۈيدۈك يولى ، نەيچە ياكى ئەۋرەت قىسمى ئارقىلىق بىۋاسىتە مەزى بېزى قىسمىغا كىرگۈزىمىز ۋەياكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا كۆزىتىپ تۇرۇپ ، بىۋاسىتە ھالدا مەزى بېزىدىكى كېسەللىك ئوچىقىغا كىرگۈزىمىز .
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، گەرچە بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلى دورىنى كېسەللىك ئوچىقىغا بىۋاسىتە كىرگۈزۈپ ، يەرلىك ئورۇندىكى ۋە ئەتراپ توقۇلمىلاردىكى باكتېرىيىلەرنى يوقىتىپ ، يۇقۇملىنىشنى تۈگىتىپ ، داۋالاش قىيىن بولغان ، جاھىل خاراكتېرلىك سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ، تۆۋەندىكىدەك يېتەرسىزلىكلەردىنمۇ خالى ئەمەس :
(1) مەزى بېزىنىڭ جايلاشقان ئورنى بىرقەدەر چوڭقۇر ، بىۋاسىتە دورا كىرگۈزۈش تەسرەك بولغاچقا ، پۇنكسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەمما ، پۇنكسىيە قىلىش ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈپ ، قانلىق سۈيدۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
(2) پۇنكسىيە قىلىش يەرلىك ئورۇننى ئاغرىتىپ بىئارام قىلىدىغان بولغاچقا ، قايتا – قايتا پۇنكسىيە قىلىشنى بىمارلار ناھايىتى تەستە قوبۇل قىلىدۇ.
(3) تۈز ئۈچەي ئارقىلىق پۇنكسىيە قىلغاندا ، بەدەن سىرتىدىكى باكتېرىيىلەر يەرلىك ئورۇنغا كىرىپ كېتىپ ، مەزى بېزىنىڭ قايتا يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
(4) قايتا كۆپ قېتىم پۇنكسىيە قىلىش مەزى بېزى تالالىق توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ، مەزى بېزىنىڭ قېتىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ – دە ، ئانتىبىئوتىنلارنىڭ كېسەللىك ئوچىقىغا سىڭىپ كىرىشىنى ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا ، بۇ خىل ئۇسۇلنى باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى زادى ئۈنۈم بەرمىگەندە ئاندىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىش ، پۇنكسىيە قىلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش ، يەنى ھەپتىدە 1-2 قېتىمدىن 1 ئاي داۋاملاشتۇرۇش لازىم .
داۋالاش ئۇسۇلى ئاران يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەنلەرمىدۇ؟ باشقا يەنە بارمىدۇ-يوقمىدۇ؟ قىزىقسىڭىز يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ بېقىڭ....
3. فىزىكىلىق داۋالاش
فىزىكىلىق داۋالاش ئاۋاز ، نۇر ، توك ، ئىسسىقلىق ، سۇ قاتارلىق ھەرخىل فىزىكىلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ ، ئورگانىزمدىكى توقۇلما – ئەزالار ۋە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى فاكتورلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئورگانىزمنىڭ ئۆزىدىكى ئىچكى ئامىللارنى تەڭشەش ئارقىلىق نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بىرخىل داۋالاش تەدبىرى . ئۇنىڭدا ، ھاسىل قىلىنغان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ، چوڭقۇر قىسىمدىكى توقۇلمىلارغا قان تولدۇرۇلۇپ ، قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ ، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلار قۇۋۋەتلەندۈرۈلۈپ ، ياللۇغلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈپ تازىلىنىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ ، ياللۇغ قايتۇرۇش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ . فىزىكىلىق داۋالاش ئاساسلىقى مىكرو دولقۇن بىلەن داۋالاش ۋە قىسقا دولقۇن بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئالدىنقىسى چوڭقۇر قىسىمغا جايلاشقان توقۇلمىلاردىكى مىكرو جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە بەدەنگە ھېچقانداق زەخىمسى يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ، كېيىنكىسى بولسا مەشغۇلاتى ئاددىي ، ئۈنۈمى ۋاسىتىلىق ئەمما ياخشى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە .
دېمەك ، يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق قوللانغاندا ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
رەسىم ي. م. ئىلقۇت تەرپىدىن كىرىشتۈرۈلدى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماڭ
- كېيىنكىسى : ئەرلەر ياش كۆرۈنەي دېسە
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
