مەنبە: نۇر تورى
بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئارقىلىق مۇنداق بىر قىزىقارلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن: ئەرلەرنىڭ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان ئىقتىدارى بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئىزچىل خاتالىقىنى تونۇش. ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا، ئاياللارنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشىپ قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ شۇنداقلا ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالغان، بۇنىڭ راستلا ئاساسى بارمىدۇ؟ مەنچە بۇنىڭغا كۆپ سۆزلەش كەتمەيدۇ، بۇنداق بولۇشى ئېنىققۇ.
جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ پىسخىك مەسلىھەتچىلىك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىسخىلوگ ۋاڭ يەنلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئەرلەرنىڭ يەنى بىز دائىم دەيدىغان «سايىماخۇن» لارنىڭ ئۆمرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى رېتىملىق بولىدۇ
«سايىماخۇنلار» ئادەتتە يۇۋاشلىقچە ئۆيىگە قايتىپ خوتۇنى ئەتكەن تاماقنى يەيدۇ. ئۆينىڭ تامىقى سىرتنىڭ تامىقىغا قارىغاندا پاكىز، تۇز تەمى جايىدا، ئۇنچە مايلىق ۋە ياكى تۇزلۇق ئەمەس.
بۇنىڭدىن سىرت، «سايىماخۇنلار» خوتۇنى ئەتكەن تاماقتىن قۇسۇر تېپىشقا پېتىنالمايدۇ، شۇنداقلا خوتۇنى ئەتكەن ساغلام ئوزۇقلىنىشقا پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى خوشاللىق بىلەن يەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، «سايىماخۇنلار» ساغلام، تەڭپۇڭ بولغان يېمەكلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. يەنە كېلىپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشتەك ناچار ئادەتلەرنى، «سايىماخۇنلار» خوتۇنىنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن تەربىيە بېرىش ئارقىسىدا تۈزىتىدۇ.
«سايىماخۇنلار»نىڭ ئۆيىگە كەچ قايتىش ياكى كەچتە ئۆيىگە قايتماسلىقىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، شۇنداق قىلىپ «سايىماخۇنلار» بىلىپ-بىلمەي بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرىدىغان ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ.
2. ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ
ھەركۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاندا، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ، شۇنداقلا مېتابولىزمنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ. بەزى ئەرلەر ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىش، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىتەك ئىشلارنى ئەركەكلەر قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئابرويىغا داغ تەگكۈزگەنلىك، دەپ قارايدۇ. ئەمما «سايىماخۇنلار» ئايالىغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتى سەۋەبلىك ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشقا رازى بولىدۇ ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەرلەر ئائىلە ئىشلىرىغا قاراشقاندا، روھىي بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
3. روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ
«سايىماخۇنلار» ھەممە ئىشتا ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ، مۇرەسسە قىلىدۇ، يول قويىدۇ، دائىم ئىنتايىن ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.
ۋاڭ يەنلىننىڭ قارىشىچە، بەزى ئەرلەر ئائىلىسىدە ئايالىغا يول قويۇش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا يول قويىۋەرسە، ئايالىنىڭ بارغانچە بوينىغا مىنىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، نىكاھ تۇرمۇشىدا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ قۇربانلىق بېرىشى ۋە ئېرىشكەنلىرى ئۆز-ئارا بولىدۇ. ئائىلىدە، بەزىدە ئەرنىڭ دېگىنى ھېساب، بەزىدە ئايالنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ، بۇ ھەم ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ھەم ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.
كىم دەيدۇ، پەقەت ئىنسانلارلا خوتۇنىدىن قورقىدۇ دەپ، ھايۋانات دۇنياسىنىڭ پادىشاھى سانالغان شىر پادىشاھمۇ خوتۇنىدىن قورقىدۇ مانا. يېقىندا بۇ پادىشاھ باشقا چىشى شىرلارغا قاراپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا......

قاراپ قويساممۇ بولمامدۇ ئەمدى؟؟؟؟
ياقققققققققققققققق!
كۆزۈمگە ئۇرما دېگەنتىمغۇ!
كىم سېنى باشقا قىز-چوكانلارغا قاش ئېتىپ يۈرسۇن دەپتۇ! خوپ بولدى!
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزارسا ...
- كېيىنكىسى : ھاراق تەسىرىنى ۋەھشىي تۆۋەنلىتىش ياكى مەست بولماسلىقنىڭ ئىلاجى
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
