
تېز تاماقخانا ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تور ، كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان كېچىلىك ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ، غەرىبچە، جۇڭگوچە ، مۇسۇلمانچە قاتارلىق ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى تاماقلاردىن بىرىككەن ، بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان تۈرلۈك يېمەك–ئىچمەكلەر يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى تۇرمۇش شارائىتىدا ، ساغلام، كۆڭۈلدىكىدەك بولغان يېمەك– ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش ھەقىقەتەن تەس . تۆۋەندە ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولغان 10 چوڭ يېمەك– ئىچمەك ئادىتىنى تونۇشتۇرىمىز ، ئەر دوستلارنىڭ ئېھتىيات قىلىشنى سورايمىز!
1. سۇ يېتەرلىك بولماسلىق زىيانلىق سەۋەبى : مېڭىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى ، شۇنداقلا يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ بۆرەكنىڭ مېتابولىزىم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدازېھنىنى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈشكە توغرا كەلگەچكە ، ئاسانلا سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، بەدەندە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، تەندىكى سۇ مىقدارى ئازىيىپ كەتكەچكە ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى ۋە يېپىشىشچانلىق دەرىجىسى چوڭىيىپ، ئوڭايلا قان نوكچىسى ھاسىل قىلىپ، مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى ، شۇنداقلا يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ يەنە بۆرەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ساقلىنىش تەدبىرى : كۆپ سۇ ئىچىش ، تازىلىق ئۆيىگە كۆپ چىقىش ؛ بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايى شۇكى ، ئايرىم ساندىكى چوڭ ئۈچەي ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ناچار دوستلار ئەڭ ياخشىسى ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىپ ، بەدەندىكى سۇ ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
2. مېۋىنى تاماق ئورنىدا يېيىش زىيانلىق سەۋەبى : ئادەم بەدىنىدە ئاقسىل قاتارلىق مېنىرال ئېلېمىنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ، ئوزۇقلۇقتەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا كېسەللىك كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئۇزۇن مەزگىل جىمجىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندا، ھەزىم قىلىشنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن ، قاندىكى ماي ئېشىپ كېتىپ ، قان تومۇرلىرى قېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، ھەقىقەتەن مېۋە تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارقىلىق كېسەللىكنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق . بىراق، مېۋىنى تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ . چۇنكى ، مېۋە تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىن ۋە قەنت مىقدارى بولسىمۇ ، بىراق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمىنتلار كەمچىل. ساقلىنىش تەدبىرى : ئاۋۋال تورغا چىقىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق نەرسىنى يېيىش ، قانداق نەرسىنى يېمەسلىككە ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ .
3. زىياپەت خام يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ . زىيانلىق سەۋەبى : ھەر خىل پارازىت قۇرت كېسەللىكلىرىنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رەڭلىك بېلىق، فولاد، ئوكۇن، قارا بېلىق، خام بېلىق پارچىسى ، يىلان ، تاشپاقا ، راك قاتارلىق زىياپەتتە ئەڭ ئالدىن تاللىنىدىغان يېمەكلىكلەردە پارازىت قۇرت ۋە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ ساقلىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ، يەنە ئاشپەزلەرنىڭ تەم ۋە لەززەت قوغلىشىشىنى ئويلاپ ، پىشۇرغاندا يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ، يېمەكلىك شادلىقىغا چۆمگىنىڭىزدە ، كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىشكە باشلايدۇ . خام سەي ، شەربەت تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددىلار ئادەم بەدىنى بىلەن ئۇچراشقاندا ، ئاق قان شارچىسى نورمال ھالەتتە بولىدۇ، يەنە پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش تۈپەيلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تېزلىكتە ئەسلىگە قايتۇرىدۇ .
بۇ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى ئويلىغاندا ، ئاشقازان–ئۈچىيىڭىزنى ياخشىراق تاۋلاڭ ، نېمىلا دېگەن بىلەن خام يېمەكلىكنى يېيىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بولىدۇ. (1) ھەر كۈنلىكى يېڭى كۆكتات شەربىتى ۋە مېۋە شەربىتىئىستېمال قىلىش؛ (2) يېڭى كۆكتاتلاردىن خام سەي ياساپ ، ئاچچىقسۇ ۋە تۇزنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇش؛ (3) ئادەم پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ تۇرىدۇ ، ئاۋۋال مېۋە قاتارلىق خام يېمەكلىكلەرنى يېيىش ، ئاندىن كېيىن پىششىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىسا ، ئاق قان دانىچىسى كۆپىيىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ . (4) پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ، مەسىلەن : كونسرۋا ، شۇنداقلا چىرىشنىڭ ئالدىن ئالغۇچى خۇرۇچ، رەڭ ئېلېمنىتلىرى ، خىمىيەۋى سانائەت خام ئەشيالىرى قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمالقىلماسلىق كېرەك .
4. تېرموستا چاي دەملەش زىيانلىق سەۋەبى : ۋېتامىنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ، كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى ۋە چاي ئىشقارى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. چاي يۇپۇرمىقى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى ، چاي ئىشقارى ، چاي مېيى ۋە كۆپ خىل ۋېتامىنلار بار، ℃ 80لۇق سۇدا دەملىسە بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئەگەر تېرموس تىپىدىكى ئستاكانلاردا ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا سۇدا ئۇزۇن مەزگىل چىلىنىپ تۇرسا ، بۇ خۇددى قايناقسۇدا قايناتقاندەك بىر ئىش بولۇپ ، چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى ۋېتامىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، چاي مېيى زور دەرىجىدە پارلىنىپ ، تاننىك كىسلاتاسى ، چاي ئىشقارى قاتارلىقلار كۆپ مىقداردا ئاجراپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا چاي يۇپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپلا قالماستىن، چاي مېيى ئازىيىپ، زىيانداش ماددىلار كۆپىيىدۇ. ساقلىنىش تەدبىرى : ئىستاكان ئالماشتۇرۇش.
5. تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىش زىيانلىق سەۋەبى: تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئاسانلا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. تاماقتىن كېيىن چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زەھىرى ئادەتتە چەككەن 10 تال تاماكىنىڭ زەھىرىگە باراۋەر كېلىدۇ . چۇنكى ئادەم تاماقلانغاندىن كېيىن ، ئاشقازان ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىس–تۈتەك قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى «ئەڭ ياخشى ھالەت » كە كېلىدۇ . تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئادەتتىكىدىنمۇ ئوڭاي ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ، ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيانلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ساقلىنىش تەدبىرى: ئومۇميۈزلۈك تاماكا تاشلاش .
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھاراق تەسىرىنى ۋەھشىي تۆۋەنلىتىش ياكى مەست بولماسلىقنىڭ ئىلاجى
- كېيىنكىسى : ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى 3 پەرھىز
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
