تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پەقەت بىر قىسىم بۇلغۇنۇشى ئېغىر، خەتىرى يۇقىرى بولغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىق نىسبىتى نىسبەتەن ئېغىرراق بولىدىكەن. مەسىلەن، خېمىيە زاۋۇتى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى رادىئاتسىيىلىك جايلاردا خىزمەت قىلىدىغان ياكى ئۇچىرىشىدىغان ئەرلەرنىڭ كەسىپتە ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن زۆرۈر.
ھازىر پروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى، پەرزەنتلىك بولالمىغانلار دوختۇرخانىغا بارسىلا مۇشۇ تېخنىكىنى قىلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. بىمار دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئاۋۋال دوختۇرنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇش ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئوپېراتسىيە، دورا-ئوكۇل، پروبىركا بوۋاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئۈمىد قىلغان تاللىشى بولماستىن پەقەت كېيىنكى تاللاش خالاس.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىقىغا نىسبەتەن مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: ئەر-ئايال سالامەتلىك جەھەتتىن نورمال، جىنسىي ئىقتىدارى نورمال، تۇرمۇشتا بىرگە تۇرغان ۋاقتى بىريىلدىن ئارتۇق بولۇپ ھىچقانداق تۇغۇتتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىسىمۇ پەرزەنتلىك بولالمىغانلارنى ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق دىگەن. ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق نوقۇل بىرتۈرلۈك كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان ئەمەس، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يىغىندىسى ئاخىرىدا پەرزەنتلىك بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ
- كېيىنكىسى : ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
