
تونۇش: ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇتقۇچى قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ، جىنسىي مۇناسىۋەت باشلىنىش بىلەنلا ياكى زەكەر جىنسىي يولغا كىرىش بىلەنلا مەنىي چىقىپ كېتىش، جىنسىي مۇناسىۋەت سوغۇق كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.
پەرۋىش: روھىنىڭ پاك، ساغلام بولۇشىغا دىققەت قىلىش، شەھۋەتكە زىيادە بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بەدىنىدە مەلۇم كېسەللىك بار دەپ گۇمان قىلىنسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، مەسلىھەت سوراش لازىم. يۇقىرىقىلاردىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈل ئازادىلىكى بولۇشى، ھودۇقۇش، جىددىيلىشىش بولماسلىقى كېرەك، ئوزۇقلىنىشتا مىزاجىغا قارىتا مۇناسىپ ئوزۇقلىنىش، يەنى ئاسان سىڭىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشتىن، غەم ئەندىشە قىلىشتى، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ جىددىيلەشمەسلىك، ھاراق ئىچىشتىن، زىيادە تار ئىشتان كىيىشتىن ، شەھۋانى كىنو ۋە سىنالغۇلارنى كۆرۈشتىن، شەھۋانى رومانلارنى ئوقۇشتىن، شەھۋانى خىياللارنى كۆپ قىلىشتىن، قولدا مەنىي ماڭدۇرۇشتىن ساقلىنىش، توغرا جىنسىي تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇش، شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
پەرھىز: غىدىقلىغۇچى يېمەك- ئىچمەكلەردىن لازا- ئاچچىقسۇ، تاماكا- ھاراق، كالا گۆشى، ھەمدە تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلىدىغان، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : كۆپ ئېھتىلام بولۇش
- كېيىنكىسى : جىنسىي ئاجىزلىق (باھ ئاجىزلىق)
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
