بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كېتىش سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش، ھۆللۈك زىيادە، تەبىئىيىتى سوغۇققا مايىل مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يېيىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك ئارتىپ كەتسە، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىپ، ساغلاملىقىغا زور تەسىر يېتىپلا قالماستىن ئۇلارنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارىغىمۇ روشەن تەسىر يېتىدۇ.
ئۇنداقتا، بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كەتكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ تۆۋەندە، ئەلداۋا تەھرىرى بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشكە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاددىي بىر خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىدۇ.

تىلغا قاراپ ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشكە ھۆكۈم قىلىش
ئەگەر بىراۋنىڭ تىلى سېمىز بولسا ھەمدە تىلنىڭ گىرۋەكلىرىدە ناھايىتى روشەن بولغان چىش ئىزى بولسا، بەدەندە ھۆللۈكنىڭ زىيادە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇندىن باشقا، رەڭگى روھى تاتىراڭغۇ، سارغايغان، ئەتىگىنى قوپقاندا قاپاقلىرى ئىششىپ كېتىدىغان ياكى كۆز خالتىسى روشەن بولۇشتەك ئەھۋاللار بولسا ھۆللۈك ئېغىر دەرىجىدە ئارتىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەش لازىم.
بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر:
1) تەنھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلماي بىكار يېتىش ئارقىلىق يېگەن تاماق ھەزىم بولماي، ھۆللۈك پەيدا بولىدۇ؛
2) تولا ئۇخلاش؛
3) ئستىفراغ (چىقىرىش) قا ئادەتلەنگەنلەر ئارىدا بىراقلا تاشلىۋېتىش؛
4) سەپرانى كۆپ ئىستىفراغ قىلىش؛
5) قالايمىقان كۆپ تاماق يېيىش؛
6) دائىم مەست بولۇش؛
7) سۈت، قېتىق، شاپتۇلغا ئوخشاش ھۆل مېۋە ۋە ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش؛
8) قورساق توق ۋاقتىدا مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇش؛
9) ھاۋا كىلىماتى سوغۇق بولغان جايلاردا تۇرۇش؛
10) نورمال ھاۋالىق جايلاردا تۇرۇش.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
