مەنبە: نۇرتورى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى «LOH» نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟
1. بەدەن قۇۋۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر: ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىش، تەنھەركەت ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەش؛
2. روھىي جەھەتتىكى ئالامەتلەر:دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۇنتۇغاقلىق، ئۇيقۇسىزلىق، روھىي چۈشكۈنلۈك، روھىي سۇسلۇق ياكىسەپرا، تېرىككەك، ئىچى تىتىلداش، تەشۋىشلىنىش، قاتارلىقلار؛
3. قان تومۇر ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر: كۆپ تەرلەش ۋە مەڭزى قىزىرىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، يۈرىكى سېلىش، قان بېسىم تۇراقسىز بولۇش؛
4. جىنسىي ئىقتىداردا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر: جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەش، قايىم بولۇش دەرىجىسى تۆۋەنلەش؛
5. يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، قوساق سېلىپ كېتىش، بوغۇملىرى ئاغرىش، سۆڭەك شالاڭشىش سەۋەبىدىن ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛
« LOH » قا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۆلچىمى
ھازىر بۇ كېسەللىككە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئەندىزىسى خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە مۇكەممەللىككە ئىگە. بەدەن ئالامەتلىرى ۋە قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەرلىك ھورمون نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوزنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ، باسقۇچلۇق ھورمون تولۇقلاش داۋالىشى ئارقىلىق يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالامەتلەرنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى، يەنى ياشانغانلارنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
قانداق كىشىلەر LOH قا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
تۆۋەندىكى كىشىلەر بۇ خىل كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ:
① خىزمەت تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغانلار؛
② دىئابىت كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق سۇزۇلما خاراكتېرلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار؛
③ تاماكىنى كۆپ چىكىدىغان،ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئەرلەر؛
④ ياشاۋاتقان تۇرمۇش مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولغان ئەرلەر؛
⑤ بەدەن چېنىقتۇرۇشى كەمچىل بولغان ئەرلەر؛
⑥ زىيادە سېمىز (يوغان قورساق) ئەرلەر؛
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى
- كېيىنكىسى : ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
