ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەرلەرنىڭ ئۆمرى تەڭ ياشتىكى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن.

ھاكاۋۇر قىزلارنى ئەمرىگە ئالماسلىق: ئىسپانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر خىل تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، ھاكاۋۇر ئايال بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىرگە ياشىغاندا كورتىزون دەپ ئاتالغان ھورمۇننىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدىكەن. ئاز مىقداردىكى كورتىزون سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇش، سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا نىسبەتەن ئىجابىي رول ئوينىسىمۇ، كورتىزوننىڭ قويۇقلۇقى ئۇزاق مەزگىل يۇقىرى ھالەتتە تۇرىۋەرسە يۈرەك كېسىلى، دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

يىغلىغۇسى كەلسە يىغلاش: ئەرلەرنىڭ يىغىلىشى گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. يىغا ھەقىقەتەن دەردكە داۋا بولىدۇ، ئاياللارنىڭ تولا يىغلىشى كۆپ ھاللاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. چۈنكى، ئازاب ھورمىنى تەر ۋە كۆز يېشى ياكى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. شۇڭلاشقا كۆڭلى غەش بولغان ۋاقتىدا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ تەرلىسە ياكى پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالسا ئازاب ھورمىنى تەر بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.

قانائەتچان بولۇپ دائىم خۇشال يۈرۈش: فىللاندىيەنىڭ بىر خىل تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، تۇرمۇشتىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئەرلەرنىڭ ئۆمرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدىكەن. تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ دېيىشىچە، ئاياللار باشقىلارغا دەرت تۆكۈش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشقا ئۇستا كېلىدىكەن. تۇرمۇشتىن رازى بولمايدىغان ئەرلەر ئىچ پۇشۇقىنى ھاراقتىن چىقىرىدىكەن ياكى تاماكا چېكىش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللىتىدىكەن،بۇ ھال ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

بويتاق ئۆتمەسلىك: ئامېرىكىنىڭ 1989-يىلدىن 1997-يىلغىچە بولغان ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ رويخېتىدىن ئايان بولۇشچە، 19ياشتىن 44ياشقىچە بولغان ئۆيلەنمىگەن ئەرلەرنىڭ 50 ياشتىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئۆيلەنگەن ئەرلەرگە نىسبەتەن %58يۇقىرى بولغان. يالغۇز ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلەنگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى %48 يۇقىرى بولغان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۆيلەنگەن ئەرلەر بىلەن ئۆيلەنمەگەن ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىكى پەرق بولۇپ، ئۆيلەنمىگەن ئەرلەردە ئومۇمەن تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ئادىتى ئېغىر بولىدىكەن. پىسخىكا جەھەتتىمۇ يېتىمسىراش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدىكەن.

ئېغىزنى ئاچماي يېمەكلىكلەرنى چايناپ يېيىش: ئېغىزىنى ئاچماي يېمەكلىكلەرنى چايناپ يېيىشنى كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئىشى دەپ قارىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار، ئەرلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئالدىراپ تاماق يېيىش ۋە تويمىغۇچە توختىماسلىق بولغاچقا، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا 6.2ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنداقلا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ياغلىق ۋە ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەيدۇ، مانا بۇلار تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش، ئۆمۈرنىڭ قىسقا بولۇشتىكى مۇھىم بىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

سېرىق پۇرچاقنى كۆپ يېيىش: سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ئەرلىك ھورمون بولۇپ، ئاياللارغا پايدىلىق بولغاچقا بىر مۇنچە كىشىلەر ئەرلەر سېرىق پۇرچاقنى كۆپ يېسە بولمايدۇ دەپ قارىشىدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلار دائىم سېرىق پۇرچاق ئىستىمال قىلغان ياپونىيەلىك ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ غەربتىكى ئەللەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىغانلىقى ھەمدە سېرىق پۇرچاقنىڭ ئەرلەردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشقا نىسبەتەن ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقىغان.

گۈزەل ئاياللاردىن ھۇزۇرلىنىش: ئالىملار شۇنى بايقىدىكى، ئەرلەرنىڭ گۈزەل ئاياللارغا سەپسېلىشى خۇددى گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلانغانغا ئوخشاش بولۇپ، روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق. گۈزەل ئاياللارغا ئون مىنۇت سەپسېلىپ قاراشنىڭ ئۆزى 30 مىنۇت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان باراۋەر كېلىدىكەن. ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچى خادىملار بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 200نەپەر ئەر ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان. ھەر كۈنى گۈزەل ئاياللارغا سەپسېلىپ قارايدىغان ئەرلەرنىڭ قان بېسىمى مۇناسىپ ھالدا تۆۋەن، تومۇر سوقۇشى بىر قەدەر ئاستا، ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلى بىرۈقەدەر ئاز بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى تۆت يىلدىن بەش يىلغىچە ئۇزۇن بولىدىكەن.

ھەر كۈنى يېرىم رومكا قىزىل ھاراق ئىچىپ بېرىش: بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،ھەر كۈنى يېرىم رومكا قەنتسىز قىزىل ھاراق ئىچىپ بەرگەن ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ھاراق ئىچمەيدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا بەش يىل ئۇزۇن بولىدىكەن ھەمدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ھاراق ئىچمەيدىغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھەر كۈنى 20 مىللىلىتىر ھاراق ئىچىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ئىككى يىل ئۇزىرايدىكەن، ھەر كۈنى ئىچكەن ھارىقى يېرىم رومكىغا يەتمەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆمرى، ھەر كۈنى پىۋا ۋە باشقا خىلدىكى ھاراقلارنى ئىچىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا ئىككى يېرىم يىل ئۇزۇن بولىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر