
جېدەل نىكاھقا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى يامان قىلىق، شۇڭا بىز كەيپىياتىمىز تازا نورمال بولمىغان چاغدا ئامال بار سۈركىلىشتىن يىراق تۇرغىنىمىز تۈزۈك. ئەمما بىر كۈن دېگەن 24سائەت تۇرسا، ھەمراھىنىڭ روھى كەيپىياتى ناچار چاغنى كىممۇ توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ؟
شىۋېتسىيەلىك ئالىملار يېقىندا ئىگە بولغان تەتقىقات نەتىجىسى بىزنى مۇنداق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ:بىر كۈن 1440مىنۇت، بۇ ۋاقىت ئىچىدىكى ئەر-ئايالنىڭ جېدىلىنى قوزغايدىغان ۋاقىت پەقەت سەككىز مىنۇت، يەنى ئەتىگەن ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى تۆت مىنۇت، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن چاغدىكى تۆت مىنۇت .
بۇ ئىككى ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى ئەڭ چارچىغان چاغ بولىدۇ. ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئادەمنىڭ قەلبىنى بىر كۈنلۈك خىزمەتنىڭ ئالدىراش كۆرۈنۈشى جىددىيلەشتۈرگەن، چارچاتقان بولىدۇ؛ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بىز ئۆيگە ھېرىپ –چارچىغان ھالدا قايتىپ كېلىمىز، بۇ چاغدا شۇ كۈندىكى ئالدىراشچىلىق پەيدا قىلغان تۆۋەن كەيپىياتتىن تېخى قۇتۇلالمىغان بولىمىز.
بۇنداق چاغدا ھەمراھىمىز سورىغان ھەر قانداق سوئالغا ھەر قاندىقىمىزنىڭ جاۋاب بەرگۈمىز كەلمەيدۇ-دە، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا جېدەل چىقماي قالمايدۇ. شۇڭا ئەر-خوتۇنلارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىشىمىز كېرەك:بۇ ئىككى ۋاقىتتا ھەر قانداق ئىش بولسىمۇ، ئالدىراپ مەسلىھەت سېلىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئايپاڭباش ئەرلەرگە خۇشخەۋەر: سىلەر...
- كېيىنكىسى : خورەك بىلەن ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتى
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
