ئەرلەر «جىنسىي كۈتۈنۈش» كە ئېتىبار بېرىشى كېرەك

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، ھىسيات ۋە نىكاھ تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي ئىقتىدار ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەرلەر مۇۋاپىق «جىنسىي كۈتۈنۈش» نى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك. 
ئالدى بىلەن، جىنسىي ئەزا جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ بىۋاستە قاتناشچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە يۇمشاق ھالەتتە بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسا قايىم بولىدۇ، يەنى ئۇزىرايدۇ، كۆپىشىدۇ، قاتتىقلايدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي رازىمەنلىكى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەرلىك جىنسىي ئەزا چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.

ئەرلىك جىنسىي ئەزادا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر:
  بىرىنچىدىن: قايىم بولۇش توسالغۇسى، خەتنىلىك ئۇزۇن بولۇش، خەتنىلىك قىسىۋېلىش قاتارلىقلار  نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەرلەر ئادەتتە ئەرلىك جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئىشتاننى بەك تار كىيىۋالماسلىقى، ئۇزۇن ئولتۇرماسلىقى، خەتنىلىك كېسەللىرىنى ۋاقتىدا داۋالىشى لازىم. قايىم بولۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ئارتۇق ئەندىشىدە بولماسىتىن، نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى لازىم.

 ئىككىنجىدىن: جىنسىيەت پىسخىكىسى جەھەتتىن قارىغاندا، ناچار كەيپىيات ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، دەپ قاراشقا بولىدۇ، شۇڭا كەيپىياتنى ياخشى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئەرلەردىكى جىنسىيەت پىسخىكا خاراكتىرى ئاياللاردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. ئاياللار كۆپرەك تەرىپلەش ۋە ئاسرىنىشقا مۇھتاج بولىدۇ، ئەرلەر بولسا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە قوللاشقا بەكرەك مۇھتاج بولىدۇ. بولۇپمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئەگەر ئەر تەرەپتە ئاندا ساندا يېتەرلىك قايىم بولمايدىغان، كۈچسىز ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا، ئايال تەرەپ ھەرگىزمۇ تاپا-تەنە قىلماسلىقى لازىم، گۇمانلىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئەكسىچە ئەرلەرگە كەڭ قوساقلىق بىلەن مەدەت بېرىش كېرەك. بۇ چاغدا، ئەر تەرەپمۇ ئۆزىنى تەڭشەشنى ئۈگىنىۋېلىشى، چۈشكۈن كەيپىياتنىڭ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

 ئۈچىنجىدىن: كۈندىلىك تۇرمۇش نوقتىسىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ھەركىتى ئاز بولۇش، تۈنەش قاتارلىقلار. شۇڭا ئەرلەر مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەت قىلىشى، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، كۆكتات مىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم، بۇلار جىنسىي ساغلاملىقنىڭ مۇھىم كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ.

 تۆتىنجىدىن: بەدەن تەكشۈرۈش نوقتىسىدىن قارىغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئەڭ ياخشىسى يىلدا بىر قېتىم مەزى بېزىغا مۇناسىۋەتلىك قان (PSA) تەكشۈرتۈپ تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ياشانغان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئادەتتە سۈيدۈك قىستاش، قېتىم سانى كۆپۈيۈش، سۈيدۈك ئاغرىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر