ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزى ۋە جۆرىسىگە ئازاپ ئېلىپ كېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك،-دىدى بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى.
ئادەتتە ئۆزىمىز ھىس قىلىپ بولالمايدىغان تۇرمۇشتىكى چارچاش، ھېرىشلاردىن كېلىپ چىققان قايىم بولماسلىقنىڭ سەۋەبى مۇسكۇللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھېرىشى ياكى مېڭىنىڭ چارچىشى بىلەن غەمگە تولۇش، جىددىيلىكتىن جىنسىي ھارغىنچىلىققا ئۇچىراپ، جىنسىي ھەۋەس كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ مېڭە ئىقتىدارى جىنسىي ھەۋەسنى تورمۇزلاپ جىنسىي ھەۋەس ئاجىزلايدۇ، مېڭە پوستىلاق گىرۋەك سېستىمىلىرى ھېسسىيات ئاساسىي نېرۋىلىرىنىڭ ھاياجانلىنىشى ئاجىزلايدۇ، ھەمدە مېڭە ئاستى بېزىنىڭ جىنسىي ھورمون ۋە ئۇرۇقداننىڭ ئەرلىك ھورمون ئىچكى ئاجراتمىسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن جىنسىي ھەۋەس ئاجىزلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، زەكەرنىڭ تىكلەنمەسلىكى ياكى تىكلەنسىمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەملىك پىسخىكا توسالغۇسى تۈپەيلىدىن قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىل، ئەگەر دەل ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلمىگەندە، ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىپ، قايىم بولماسلىق جەريانى ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەريانغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى ھېرىش، چارچاشتىن كېلىپ چىققان قايىم بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىدىغان بىرنەچچە نۇقتىلارنى مۇنداق تەكىتلەيدۇ: خىزمەتلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېرنى ئىشلەتكەن ۋاقتى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولماسلىق، ئۆز ۋاقتىدا ھارغىنلىقنى يوقىتىش، جىددىي خاراكتىرلىك چارچاشنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ئۇزۇنغا سوزۇلغان چارچاشقا ئايلىنىپ قېلىشىنى توسۇش. ئەقلىي ئەمگەكچىلەرچارچاشنى يوقىتىشتا، يېتەرلىك دەم ئېلىشقا ئېتىبار قىلغاندىن باشقا (يەنە ئۇخلاش، جىمجىت مۇھىتتا كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش)، ئەركىن-ئازادە دەم ئېلىش ئۇسۇللىرىنى مەسىلەن: بەدەن چېنىقتۇرۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىقلارنىمۇ قوللىنىشى كېرەك.
ھەددىدىن زىيادە چارچىغاندا ئۆزىنى بىھۇدە جىنسىي تۇرمۇشقا زورلىماسلىق لازىم. ئەگەر ئاندا-ساندا قايىم بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، جىددىيلەشمەسلىك، يېتەرلىك دەم ئېلىش ئارقىلىق، ئاۋال چارچاشنى تۈگىتىش، مۇشۇ جەھەتلەردە دىققەت ئېتىباردا بولغاندا، مەنى بالدۇر كېتىش، قايىم بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
