مەنبە: ئاقسۇ شەھىرى نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سالونى
ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ ئاساسي گەۋدىسى، شۇڭا ئۇلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.
1. 25 ياشتىن ئىلگىرى مۇھەببەت كۆپىنچە ھاللاردا ساختا بولۇپ چىقىدۇ ياكى سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك ئۇزۇن داۋاملىشىپ كېتەلمەيدۇ، ئەگەر سىز 25 ياشتىن ھالقىغان بولسىڭىز، بۇ قائىدىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسز.
2. تاماق يېگەندە %75 تويسا ئەڭ راھەت بولىدۇ، قىزلارغا بولغان قىزغىنلىقمۇ %70 تىن ئېشىپ كەتمىگىنى ياخشى.
3. 30 ياشتىن ئىلگىرى بەدىنىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ. چۈنكى دەسلەپكى 30 يىلدا سىز كېسەلنى تاپىسىز، كېيىنكى 30 يىلدا كېسەل سىزنى تاپىدۇ.
4. كەسىپ بىلەن مۇھەببەتنىڭ ئىككىلىسى مۇھىم، ئەگەر كەسىپتىمۇ مەڭگۈلۈكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىسا، ئۇ ھالدا مۇھەببەت لاپلا قىلىپ يېنىپ ئۆچۈپا قالىدىغان سەرەڭگە تېلىدۇر.
5. كەينىڭىزگە كىرىۋالغان قىزلارنى يەڭگىللىك بىلەن قوبۇل قىلماڭ، بولمىسا كېيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالىسىز، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ھەرگىزمۇ مەسىلە ئەمەس.

6. ئاكتىپلىق بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەڭ، ھەر قانداق ئەرنىڭ سۆيۈملۈك يەرلىرى بار، تۇرمۇشقا ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلەنمەسلىكتىن ئىبارەت سۆيۈملۈك ئەمەس يەرلىرىمۇ بار.
7. بىر قىزنىڭ كۆڭلىگە ئۇدا ئىككى قېتىم ئازار بەرمەڭ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشنى ئەستايىدىل ئويلانغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا، كۆڭلىڭىز قىيمايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتە بولماڭ.
8. ئەگەر ئىلگىرىكى قىز دوستىڭىز بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە ئادەتتىكى دوستلارغا ئايلىنىپ قالسىڭىز ئۆز –ئۆزىڭىزدىن نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سوئالنى سوراپ بېقىڭ، بىر قىز بىلەن ئەينى چاغدا مۇھەببەتلىشىپ، كېيىن دوستلارغا ئايلىنىپ قېلىشىڭلار مۇنداق ئىككى ئىشنى چۈشەندۈرىدۇ: بىرى، سىلەر ئەينى چاغدا كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرمىگەن؛ يەنە بىرى، ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلىگەن.
9. قىز دوستىڭىزنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان شېرىن-شېكەر سۆزلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ. تەقى-تۇرقىڭىز، بوي-بەستىڭىزدىن زىيادە ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۆزىڭىزنى بەك تۆۋەن چاغلىماڭ، تۇغما كەمتۈكلۈك سىزنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ، قەلىبنىڭ مەڭگۈ چىرايدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
10. بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەندە پەقەت ئىككى خىللا ئېھتىماللىق بولىدۇ: بىرى، سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز، ئەمما ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ؛ يەنە بىرى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئۇنداقتا، سىز ياخشى كۆرگەن قىز سىزنى ياخشى كۆرمىگەن بولسا، بۇنىڭدىن زارلىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى سىزنىڭ مەھرۇم بولغىنىڭىز سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر قىز، خالاس.
11. ئاق كۆڭۆل قىزلارنى ئالدىماڭ، بۇ دۇنيادا ئاق كۆڭۈل قىزلار بەك ئاز، پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس.
12. «باشقىلار ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» دەپ ئويلايدىغان قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن تېزراق ۋاز كېچىڭ، چۈنكى بۇ خىلدىكى قىزلار باشقىلارنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ.
13. بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ئىش بولمايدۇ، قانداق قىلغاندا مەڭگۈلۈك بولغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ ئاۋارە بولماڭ، تۇرمۇشتا ئامالسىز ئىشلار بەك كۆپ، ئەڭ ياخشىسى تۇرمۇشىڭىزنى بېيىتىپ، ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەرلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر
- كېيىنكىسى : ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزارسا ...
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق