ئەرلەرنىڭ ئەڭ نازۇك بەش ئەزاسى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

يۈرەك: كېلىنكىلىق ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئەرلەردە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇپ داۋالىغانلارنىڭ سانى ئاياللارنىڭ 7~10 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن، بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى ئارتۇقچە سېمىزلىك، ھاراق، تاماكىغا بەك بېرىلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت جىددىيلىكى ۋە كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقىمۇ بۇ كېسەللىككە سەۋەب بولىدۇ.
جىگەر: سوزۇلما جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئىچىدە ئەرلەر ئاياللاردىن 4 ھەسسە كۆپ بولىدۇ، بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى ھاراقتىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى ياغ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرمۇ جىگەر ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇ.
تۈز ئۈچەي: ئادەتتە تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولىدىغان ئەرلەرنىڭ سانى ئاياللاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولىدۇ، ئادەتتە ئەرلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىدا گۆش ۋە ئاقسىللار ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. تېببىي تەتقىقاتلاردا مەلۇم قىلىنىشىچە، تالالىق يېمەكلىكلەر يېتەرلىك بولماسلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا ئارتۇقچە گۆش ۋە ئاقسىللار بىلەن ئوزۇقلىنىش تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولىدۇ.
ئاشقازان: ئەرلەر ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ۋە قەھۋە ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاماق ئۈستىلىدە بولۇشىچە يەپ ئىچىدۇ، پۇخادىن چىققاندا ئاشقازان ئاغرىقى، ياندۇرۇش، قان قۇسۇش، كېكىرىش قاتارلىقلار قىيناشقا باشلايدۇ. تىببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان ئاغرىقنىڭ قوزغىلىشى ئاياللارنىڭكىدىن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
مەزى بېزى: مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، 50 ياشتىن كېيىن ئەرلەرنىڭ تەخمىنەن %60 مەزى بېزى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئۇنىڭ سەۋەبى ئەرلىك ھورمون تۈرىدىكى ئىستىرولنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ ئۆزگىرىشى سۈيدۈك يولىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى بەز تەنچىسىنى چوڭايتىدۇ. چوڭايغان مەزى بېزى بېسىلىپ ياپىلاق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، ئاندىن دوۋساقنى بېسىپ سىيىش قىيىنلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان
پىچان ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر