يەككە تىجارەت قىلىش ياكى خوجايىن بولۇش ئىگىلىك تىكلىگەنلىك ھېسابلانمايدۇ
يانفوندا كۆرۈش
يەككە تىجارەت قىلىش ياكى خوجايىن بولۇش ئىگىلىك تىكلىگەنلىك ھېسابلانمايدۇ
ئەلۋەتتە بىزنىڭ تەھلىلىمىز پەقەتلا كۆلەم جەھەتتە بولسا،ئۇنداقتا بىزنىڭ بۇ تېمىدا سۆزلىشىشىمىز ھاجەتسىز.
قىياس قىلىپ باقايلى : سىز ھازىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىسىز.بالىلىرىڭىز ئەتراپىڭىزدا ئوينىماقتا،ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىز بالىلارغا سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە دەخلى قىلماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلدى.لېكىن بالىلىرىڭىز يەنىلا ئۆز ئويۇنلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى.بالىلارغا نىسبەتەن خىزمەت قىلىش ناھايىتى مەنىسىز بىر ئىش،چۈنكى چوڭلارنىڭ خىزمەت قىلىشى بالىلارغا ھەمراھ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.ئۇلارچە بولسا چوڭلارنىڭ خىزمىتى تىراكتور ھەيدەش،ماللارغا يەم بېرىش،چىملىقلارنى پەرۋىش قىلىش،ماشىنا رېمونت قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ بۇ خىزمەتلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۇل تېپىپ جان باققىلى بولىدىغان ئىشلار.بىراق سىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىز ئوخشىمايدۇ،بىر بالىغا نىسبەتەن سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز مەنىسىز بىر ئىش.
- تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشىش؟ ئۇ نېمە دېگەن گەپ؟
- ئەخمەق،ئۇ دېگەن پۇل تېپىش دېگەن گەپ.
- ھە.
بۇ چاغدا بالىڭىز مۇنداق ئويلايدۇ؛
مەنمۇ چوڭ بولۇپ ئاپام دادامنىڭ يېشىغا بارغاندا ئۇلارغا ئوخشاش مەنىسىز ئىشلارنى قىلىپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشىمەنمۇ ؟
يۇقىرىقى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن مەزكۇر كىتاب تۆۋەندە بىر نەچچە نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،دەل مۇشۇ نۇقتىلار سىزنىڭ بۇ كىتابنى تاللىشىڭىزدىكى سەۋەبدۇر.
ئەھمىيەتلىك ئىجادىيەت يولى ئۈستىدە ئىزدىنىڭ.ئىزدىنىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى پەقەتلا تىرىكچىلىك،كۈن ئۆتكۈزۈش،ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا خوجايىن بولۇش ئۈچۈن بولمىسۇن.
تېخىمۇ ئۇلۇغۋار بولغان ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈڭ. تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى بېيىتسىڭىز،ئۆزىڭىز ئويلاپمۇ باقمىغان نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىدۇ.
تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى:
قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى 10مىڭ ھەسسە چوڭايتىپ باقايلى،يەنى سىز ئىگە بولىدىغان نەرسىلەر ھازىرقىدىن 10مىڭ ھەسسە كۆپىيىدۇ. 10 مىڭ يۈرۈش ئىشخانا،10مىڭ مو مېۋىلىك باغ،10مىڭ دۇكان.بۇ چاغدا سىز نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟ بىز ئالدى بىلەن كارخانا قۇرۇشتىن باشلايلى.
ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. بىز ھازىر دەسلەپكى ئىش باشلاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز.قىلماقچى بولغان ئىشىمىز 10 مىڭ ھەسسىلىك زورىيىدىغان،تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغان كارخانا قۇرۇش.بۇنداق قىلىشىمىزدىكى سەۋەب ئەگەر مەغلۇپ بولساق كارخانىمىز تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن ھەقىقىي كارخانا بولۇپ ھېسابلانمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز 10 مىڭ ھەسسىلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز ئەتراپىمىزدىكى سىز بىلىدىغان كارخانىلارغا قاراپ باقايلى.
مىسال : جون ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ماشىنا رېمونتچىسى.ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشقا كېلىدۇ.ئۇنىڭ بىر خىزمەت فورمىسى بار،بۇ خىزمەت فورمىسى قارىماققا ئۇزۇن ۋاقىت كىيىلگەندەك ، ئالدى كەينى داغ بولۇپ كەتكەن. ئۇ ھەر كۈنى شۇ خىزمەت فورمىسىنى كىيىپ ئوخشاش بىر ئىشنى- ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ماشىنا رېمونتچىلىقىنى قىلىدۇ.
ئۇ بىر ياخشى رېمونتچى،تەجرىبىلىك رېمونتچى. ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ماشىنىلار ئۇنىڭ رېمونت قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ھەر بىر ماشىنىنى تەكشۈرۈپ،سەۋرچانلىق بىلەن رېمونت قىلىدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ جونمۇ قېرىدى. لېكىن ئۇنىڭ تۇرمۇش رىتىمى يەنىلا بۇرۇنقىدەك. ئۇ يەنىلا كۈندە نۇرغۇن ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش بىلەن ئالدىراش.بەلكىم سىز ئۇنىڭ ھاياتىغا قاراپ ئۇنى بەختلىككەن دېيىشىڭىز مۇمكىن.چۈنكى ئۇنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى بار.
لېكىن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئۇنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق،جون ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا ئۆز ئورنىدا توختاپ قالغان،قىلىۋاتقان ئىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغان.ئۇنىڭ ھەر كۈنى قىلىۋاتقان ئىشى پەقەت ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھەرىكەتنى تەكرار قىلىشتۇر.
بىز جوننىڭ ھېكايىسىدا بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ جوننىڭ خىزمىتىدىن، جوننىڭ تىرىكچىلىكىدىنمۇ مۇھىم بولغان،ئادەمنى ئالغا باستۇرىدىغان،ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان،رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان ئىدىيە ــــ قىلىۋاتقان ئىشنى 10 مىڭ ھەسسە زورايتىش. يەنى «تەرەققىي قىلىش» دۇر.
ھازىر بۇ خىل ئىدىيەگىمۇ ئىگە بولدۇق. ئەمدى كارخانىنى قۇرۇشتىكى ئۇچرايدىغان بىرىنچى مەسىلىنى ھەل قىلايلى ــ كارخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن قايسى خىل شەكىلدە بولىدۇ؟
ئەلۋەتتە بىز يەڭنى تۈرۈپ ئىش باشلاشتىن بۇرۇنلا بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تېپىپ بولغان. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ قۇرماقچى بولغان كارخانىمىز 10 مىڭ ھەسسىلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغان،مۇكەممەل بىر سەنئەت ئەسىرىگە ئوخشايدىغان كارخانا بولۇپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
بەلكىم سىز ئىش باشلاشتىن بۇرۇن مۇنداق ئويلايسىز:
قىلالماسلىقىم مۇمكىن، چۈنكى ئەتراپىمدىكى مەبلىغى تولۇق،ئىقتىدارلىق،مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭرى بولغان كىشىلەرنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆردۈم. مەن يەنىلا ئاز پۇل تاپساممۇ تۇرمۇشۇمنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەي.
بۇ سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابى : ئالدى بىلەن سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ياخشى ئويلاڭ.ئاندىن ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇڭ.
ئۆزىگە ئىشىنىش،ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاش مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساپانىڭ بىرى. مەن ھەر دائىم بالىلىرىمغا ئۆزىگە ئىشىنىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىمەن.ئ ۆزىگە ئىشىنىش چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. لېكىن ئۆزىگە ئىشەنمىگەن ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى قالتىس دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارچە دۇنيادا قىلالمايدىغان ئىش يوق. باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇلارمۇ قىلالايدۇ.باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنى ئوخشاشلا قىلالايدۇ.