پورترېت ياساشتىكى 10 تېخنىكا

پورترېت (سىرتقى قىياپەت) سۈرەتكە تارتىش – فوتوگرافچىلىقنىڭ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئەڭ بىلىدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بۆلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. زاتۋورنى بېسىش تولىمۇ ئاسان. لېكىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. خەلقئارا سەھنىلەردە پورترېت سۈرەتلىرى بىلەن داڭق چىقارغان كاتتا فوتوگرافلارنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بار؟ نېمە شۇلارنى مۇشۇنداق مۇۋاپپىقىيەتكە ئېلىپ چىقالىدى؟ ئەمەلىيەتتە پورترېت ياساش سىز ۋە بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس.

 

كەسىپتە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ھەرقانداق بىر فوتوگراف ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئۆز كەسپىدە ئىزدىنىپ، ئۇچۇر توپلاپ، تەتقىق قىلىپ كاللا قاتۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. شۇڭا قاراپ ئولتۇرۇپ قالغۇدەك بىرەر پارچە رەسىمگە ھەرقانداق كىشى ئېرىشىۋەرمەيدۇ. لېكىن، ئاددىي ساۋات، قولاي مەشغۇلات ئارقىلىق مۇشۇنداق نەتىجىگە يېقىنلىشىش – بۇ چۈش ئەمەس.

1. ئېنىق، يارقىن باش تېما تاللاش

تارتماقچى بولغان سۈرەتتە ئېنىق، ئوچۇق ۋە سۈزۈك باش تېما ئەكس ئەتسۇن. ئادەم، شەيئى ۋەياكى ھايۋانات-ئۇچارقۇشلارمۇ؟ ئاۋال بۇ كاللىڭىزدا ئېنىق بولىشى كېرەك. بۇ ئېنىق بولغاندا سىز مۇشۇنى يارقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىسىز. سۈرەتتە مەزمۇن، ۋەقە بولىشىغا تېرىشىڭ. « مىكى-مىكى » لەرنى كاللىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ. بىر قېتىم بولمىسا ئىككىنجى قېتىم قىلىشقا تېرىشىڭ.

2. دىققەت قىلىش نوقتىسىنى تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش

بىزنىڭ تارتقان سۈرەتنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئەڭ دەسلەپتە بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسى تېمىغا قارامدۇ-يوق؟ بىز مۇشۇنى ئويلاشقان ئاساستا مەنزىرىنى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك. بۇ سۈرەتتىكى مودېلنىڭ قولىدىكى ئەتىرگۈل ئاساسى تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش تولىمۇ ياخشى ياردەمچى بولغان. سۈرەتتە بۇ قىزنىڭ گۈزەللىككە ئېنتىلگەنلىكىدەك روھى قىياپەت ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

3. سۈرەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش

ئاساسى تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياردەم قىلالمايدىغان، ھەتتا ئۇنى بۇرمىلاپ باشقا مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈپ قويىدىغان ئارتۇقچە نەرسىلەرنى سۈرەتتىن چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك. سۈرەتتىكىدەك كىچىك بالىنىڭ ئوماق، سەبىي چىراي ئىپادىسىنىلا قالدۇرۇڭ.

4. ئېلاجنىڭ بېرىچە تېما ئەسلى شەكلىنى ساقلاپ قالسۇن

سىرتتا پورترېت ياسىغاندا ئەڭ ياخشىسى مودېل بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ تۇرۇپ تارتقىنىمىز ئەۋزەل. لېنزا ئىشلەتكەندىمۇ كەڭ بۇلۇڭلۇق لېنزىنى تاللىمايمىز. ئەگەر سۈرەتكە بەك ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىدىغان ئۈنۈم قوشماقچى بولساق ئۇ باشقا گەپ. سىرتتا ئەڭ ياخشىسى 80-90 مىللىمېتىرلىق فوكۇس ئارىلىقىنى ئىشلىتىپ تارتسا ياخشى.

5. ھاياتلىق ئىپادىسى ئەكس ئەتسۇن

سۈرەتكە تارتماقچى بولغان ئادەمنىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەتتە بولسىمۇ ئۆزگىچە تۈس قوشىدۇ. مەسىلەن، پىشانىسىنى تۇتۇش، يۈزىنى سىلاش، بېلىنى تۇتۇش، تەرىنى سۈرتۈش، تۈگمىسىنى ئېتىش، چېچىنى تۈزەشتۈرۈش … ئىشقىلىپ بىرەر ھەرىكەت ئىپادىسى نامايەن بولسا رەسىم ئۆلۈك چىقىپ قالمايدۇ. ھەتتا قولىدا بىرەر قورال-ياراق ئېلىپ تۇرغان ھالەتمۇ سۈرەتكە ھاياتلىق تۈسى قوشالايدۇ.

6. ئوبيېكت تېخىمۇ تەبىئىي بولسۇن

 

كىشىلەرنى سۈرەتكە تارتقاندا ئۇلارنىڭ تەبىئىي تۇرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىزلەر سۈرەتكە چۈشسەك كۆپرەك «ھەربىيچە» تۇرۇپ قويىمىز 大笑 بۇ بەكلا كونىلىق بوپقالدى. سۈرەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنى قويىۋېتىپ ئەركىن-ئازادە تۇرغاندا ھېسسىيات يارقىن ئىپادىلىنىدۇ. بىز كونا شەكىلىدىكى «تاياقتەك تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈش» ئىدىيىسىنى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىشىمىز، ئۇلارغا «سۈرەتكە تارتىش» نى ئۇنتۇلدۇرىۋېتەيلى. ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ تۇرۇپ ئولتۇرۇش، تىك تۇرۇش، يۆلېنىش، بېلىنى ئېگىش، ئىشقىلىپ تەبىئىيلىكنى ساقلاشقا تېرىشساق، قانچە تەبىئىي قانچە راھەت بولسا سۈرەت شۇنچە جانلىق چىقىدۇ.

7. ئادەمنى مەنزىرىدىن ئايرىپ ئېلىۋېلىش

 

بۇ تېمىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى. بۇنىڭ ئۇسۇلى بەكلا ئاددى. چوڭراق نۇر چەمبىرىكى ئىشلىتىش (4.0 ھەتتا 2.8)، ئۇزۇن فوكۇس ئارىلىقى ئىشلىتىش ياكى بولمىسا ئادەمنى مەنزىرىدىن يىراقراق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش.

8. قارشى بۇلۇڭلۇق بەدىئىي تۈزۈلۈش قوللىنىش

 

يالغۇز كىشى سۈرەتكە ئالغاندا سۈرەتكە ئالغان شەيئى بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلىشى، بەدىئي تۈزۈلۈش تاللاشتا قارشى بۇلۇڭلۇق بەدىئىي تۈزۈلۈش قوللىنىشى ئەڭ ئاقىلانىلىك. بۇنىڭدا پورترېت شەكىل ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە ئازراق بوشلۇق ۋە يوچۇق قويۇپ قويۇپ، سۈرەتنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىش ھالىتىگە كەلتۈرەلەيمىز.

9. مودېلنى ئۆزگىچە بىر شەكىلدە تۇرغۇزۇش

 

بىز تولا ئاڭلايدىغان POSE دېگەن شۇ. بۇ ئۇسۇل مۇشۇنداق مودېلنى سۈرەتكە ئالغاندا ئىشلەيدۇ. بىز بىرەر شەكىلدە تۇرغان مودېلنى سۈرەتكە ئالغىنىمىزدا ئىلاج بار ئۇنىڭ باش ۋە مۈرىسىنى ئوخشاش بىر سىزىق ئۈستىدە، بەدىنىنى ئەگرى سىزىق ياكى باشقا تۈزسىزىق ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ ئالساق بولىدۇ.

10. يېرىم بەدەن ياكى باش سۈرەتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش

ئەگەر پورترېت ياسىماقچى بولغان پىرسوناژنىڭ كىيىم-كېچەك، تەققى-تۇرقى، مەيداندىكى ھەرخىل ئېلىمېنتلار ئاساسى تېما ياسىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېھتىماللىق بولۇپ، مەزمۇن ئىپادە قىلالمىغان ۋاقتىمىزدا، يېرىم بەدەن ياكى باش قىسمىنى تاللاپ سۈرەتكە ئېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا پىرسوناژنىڭ كۆزى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولىدۇ.

يۇقارقى ئۇسۇللار قىياپەت سۈرەتكە ئېلىشتىكى بىرقانچە كۆرسەتمە بولۇپ، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە ئىستىمال قىلىشقا ياكى پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىڭىز، تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلاپ ھەزىم قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. بۇ خاسلىقىڭىزنى باشقىلار ئېتىراپ قىلىپ باھا بەرگەن چاغدا سىز ھەقىقىي نەتىجە ياراتقان بولىسىز. ئۇ چاغقىچە بىز توختىماي ئۆگىنىپ، مەشىق قىلىپ تۇرايلى. بۇ ئۇسۇللارنى پەقەت تەكلىپ ياكى كىچىككىنە كۆرسەتمە دەپ چۈشۈنۈڭ. چوقۇم ھەربىر پارچە رەسىمدە مۇشۇ ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى تەڭ قوللىنىمىز دېگەن گەپ ئەمەس. ئۇنداقمۇ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. سۈرەتلەر كۆرۈنمەي قاپتۇ.

  2. مەنمۇ تاياقتەك تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈش بىلەن پەقەت خۇشۇم يوق، بەزىدە ئايفوننى ۋاقىتلىق تارتىدىغان قىپقۇيۇپ ئۆزۈم ھەرخىل ھالەتلەردە سۈرەتكە چۈشۈپ كىتىمەن تېخى…. :-D

  3. مۇشۇنداق رەسىمنى تارتىشتىن بىر ساۋات ئالسام بولاتتى..

  4. ئالما تىلفۇننى ۋاقىت تەڭشەپ رەسىم تارتىشنى بىلمەيدىكەنمەنغۇ… پاسىبان ئەپەندىم ئالما تىلفۇندا سۈرەت تارتىشنىمۇ سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان ئۇستاز ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەزكۇر يازمىڭىزنى راسلا بەك ياقتۇردۇم، نادىر يازما بولۇپتۇ… رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا مەزكۇر يازمىڭىزنى زىلتار فىلىمچىلىك تورىغا مەنبەنى ئەسكەرتىپ تورىمىزغا ھەمبەھىرلىدۇق، توغرا چۈشەنگەيسىز… كۆپ رەخمەت….http://dv.ziltar.net/forum.php?mod=viewthread&tid=162&page=

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش