ئالدىنقى ھەپتىلىرى شۇنچە پەچەت ئەپلەر بار ئىدى. چۈشۈرەي دېسەم كومپىيۇتېرىمدىكى iTunes Store سائەتلەپ تۇرۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلانمايدۇ. ئاخىرىدا قىستۇرما رەسىمدىكىدەك بىر خىل خاتالىق ئۇچۇرلىرى چىقىۋېلىپ گۆشىرىپ تۇرىدۇ. كۆپ ھەپىلىشىپ كەتتىم، ئاخىرى بۇ ئامالنى تېپىپ ئوڭشىۋالدىم.
iPad نى، بولۇپمۇ The new iPad نى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل تاختا كومپىيۇتېر دەپ ئېيتىشىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولسا مۇشۇ نەرسە زادى قانچىلىك پۇلغا پۈتۈپ چىقار؟ ئالما شىركىتى بىر تال iPad تىن قانچە پۇل پايدا ئالىدىغاندۇ؟ بىز بۇنىڭغا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئانالىزىغا قاراپ بىر نەرسە دەيلى.
10 ئاي مۇقەددەم «جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)» دېگەن بىر يازمىمىزدا يېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جەمئىي 15 تۈرلۈك ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن شۇ يازمىمىزنى داۋام قىلىمىز.
ئالدىنقى يازمىمىزدا DreamBorad نىڭ ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە WinterBoard قا قارىغاندا يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېگە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۇنىڭدىن بىر-ئىككى مىسال ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا DreamBoard نى قاچىلاش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى.
تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا ئىلگىرى بىز بۇ يازمىمىزدا 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتكەن. بۇ مەنبەدە خەنچە خېلى تولۇق بولغان DEB فورماتىدىكى Cydia ئەپ بولاقلىرى تەمىنلەنگەن ئىدى. بۈگۈن ئەپلىرى بۇنىڭدىنمۇ مول بولغان، تېخىمۇ ئۇنىۋېرسال بولغان بىر مەنبە – 178 مەنبەسىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مۇشۇ ماۋزۇدىكى تېمىلىرىمىز بىر چاغلاردا ئارقىمۇ-ئارقا ئېلان قىلىنغان ئىدى. كىيىن ئۆزۈم تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاۋارىچىلىقى تۈپەيلى داۋاملاشتۇرۇشنى توختىتىپ قويغان ئىدىم. يېقىندا iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئېلان قىلىندى. مەن شۇ قاچقۇنلارغا بۈگۈن بۇ سوۋغىنى ئېلىپ كەلدىم.
قۇلاقلىق (نائۇشنىك) MP3 فورماتىدىكى مۇزىكا ئاڭلاش مودا بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كەڭ قوللىنىلماقتا. قولىمىزدىكى iPod, iPhone قاتارلىق iOS ئۈسكۈنىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كىچىك باشلىق، قۇلاق ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىق ئىشلىتىمىز. بىز مۇزىكا ئاڭلىغۇچە قۇلاق ئىچىگە چىڭ سېلىۋالىدىغان بۇ نەرسىنىڭ قۇلىقىمىزغا بولغان تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاشتۇقمۇ؟
نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالما شىركىتى جۇڭگو رايونىدىكى ئابونتلارنىڭ ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇرۇنقى دوللار ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتتىن خەلق پۇلى ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتكە ئۆتتى (بۇ يازمىدا تەپسىلاتى بار). يەنى بىز جۇڭگو رايونىدىكى ھېساۋاتىمىز ئارقىلىق App Store دىن خەلق پۇلىغا ئەپ سېتىۋالالايمىز. بۈگۈن بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشىنى رەتلەپ چىقتىم.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار