ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى – فوتوگرافچىلىق ساھەسىدىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى تەلەپ قىلىدىغان، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان فوتوگرافچىلىق تۈرى. ھايۋاناتلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغىنىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددى ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىنتايىن توغرا بىر ئۇسۇلدا زاتۋورنى بېسىشىمىز شەرت. چۈنكى «سەل ياخشى چىقماي قالدى، يەنە بىر چىشلەپ بېرەمسەن؟» دېگىلى بولمايدۇ…
مۇشۇنداق پۇرسەتنى قاچۇرىۋەتمىگەن فوتوگرافلارنىڭ نادىر چىققان ئەسەرلىرىدىن بىر قانچىنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.
«تۈلكە ئۇيقۇدا، تۈلكە ئۇيقۇدا … »
بىر جۈپ ياش
مايمۇن شاش
كالا دېگەن، مۈڭگۈز باش ( قوشاق كەپقالدى ھە )
بۇ ياۋايى ھايۋان بولمىسىمۇ، ئورۇقلىتىش چېيىنىڭ ئېلانىغا چىققۇدەك كەلگەن ئىتكەن ئۆزى …
«مايمۇن ئاغا» سۇ ئۈزىۋېتىپتۇ
ھەئە، تاغىل ئات دېگەن شۇكەن.
بۇ رەسىمنى كۆرۈپ Steve Jobs نىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئېسىمگە چۈشتى:
«قۇياشنى قولدىن بېرىپ قويغان بولساڭ، ئاينى بولسىمۇ چىڭ تۇتقىن»
بۇ كۈچۈكنىڭ سەبىيلىكىنى ئېنىق نامايەن قىلالىغان فوتوگرافقا قول قويدۇم.
Wild دېگىنى شۇكەندە …
كىنولاردىكى سورتلۇق مۈشۈك …
ئارقىدىكى قايسى تاغ چوققىسى؟ كىم بىلىدۇ؟
بۇ مۈشۈككە قارىسام بەكلا بىچارىدەك كۆرۈنىدۇ. ئاخشام ئويناپ يانغۇچە ئاۋۇ مايمۇن كۆزىگە ئېگىسدەك كۆرۈنۈپ قالغان بولسا «مىياۋ» دەپ كېلىشىگىلا موكلا تۇتۇلغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغىمۇ ئامال قانچە؟ تويىدىغان بولدى 夜猫 بولغانغا!
بۇ رەسىم ماڭا بەك ياقتى. خۇددى سىزىۋالغاندەكلا!
بۇ بىچارىلەر يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ «كەيپىيات ناچار، چىشىمغا تەگمەي تۇرۇشە!» دەۋاتقاندەك… كونتا كېنتىدەك قار دېگەن نەرسىنى بىلمەس بولغىيتى ئافرىقىدا بولسا …
بۇمۇ بىزنىڭ سەھرادىكى ئېشەكلەردەك ئىسقىرتىپ بەرسە ئېغىناپ قويامدۇ نېمە؟
كەپسىز تاغىللار. رەسىمگە چۈشكەندەك تۇرىشىنى!
ماۋۇ رەسىمنى بەك جايىدا تارتىپتۇ.
ھە، قىستۇرما رەسىم شۇتى
كىچىك تازكەن، ئىشتان كەيمەپتۇ
ئاغزىغا بېشىم كىرىپلا كېتەمدۇ نېمە؟
ئېيىق راس ھورۇن نېمىكەن. شۇ تاپتا ھەسەل چۈشەۋاتقان بولسا كېرەك.
Three Wolves
مۇشۇنداق ساسلىقتىن بەك قورقىمەن. تىمساق چىقىپ قالامدىكىن دەپ.
گۈزەللىككە ھېرىسمەن ئىتكەن. پۈچەك بولسىمۇ گۈل پۇراپ يۈرۈپتۇ. رەسىم ماڭا بەك ياقتى.
بۇ قاپلاننىڭ بېشىغا مۈشۈكنى كەيدۈرۈپ قويغان PS ھاسىلاتى ئەمەس. 猞猁 Lynx دەپ ئاتىلىدىغان مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان بولۇپ، ئۇيغۇرچە تاغ مۈشۈكى، سۈلەيسۈن دەپ ئاتايدىكەنمىز.
ئېيىق ئائىلىسى ئىچىدە مۈشۈكئېيىق بىلەن مۇشۇ ئېيىقنى بەك مۇلايىممىكىن دەيمەن.
مۇشۇنىڭ ئۆزى بۇ نەرسىنىڭ ئىنسانلاردىن تولىمۇ يىراق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەمدىكىن دەيمەن.
زادى مېنىڭ ئانام دادام يا ئۇلارنىڭ ئانا-دادىسى مايمۇنتى، دەيدىغانلارغا خروموسوم سانىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتسىمۇ كار قىلمايدىغۇ دەيمەن. ئۇنداقلارغا «ھە ماقۇل، سېنىڭ ئاناڭ مۇشۇنىڭدەك پىتىنى تېرىپ يەيدىغان مايمۇنتى» دەپلا قۇتۇلغان ياخشى.
سەكرەش
بىر ئائىلە كىشىلىرى دەرقەمتى ھېيتلىق بېلىق تۇتۇپ يىگىلى تۇرۇپتۇ. بەختلىككەن …
ئۆز يۇرتىدا، ئاتا-ئانىسى ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزۈشكە ئىمكانىيەت بولمىغانلارغا مەندىن چوڭقۇر سالاملار بولسۇن!
مونۇ شىر جەرەن ئوۋلاۋاتامدۇ ياكى فوتوگرافنىمۇ؟
سەندىن بىر ئىنجا چىقمىدى دادا، ئۆزەملا بىر نېمە تېپىپ كېلەي!
ماۋۇ رەسىمنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا تارتىلغىنى توغرىسىدا مەلۇمات يوقكەن. لېكىن بەك نوچى چىقىپتۇ. ئاستىدىكى تۇمان بۇ نېمە ئىشكىنە؟
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































ئاۋۇ ئارقىسىدىكى كىلىمانجارو تېغىغۇ دەيمەن ….
مەن ئۆز يۇرتۇمدا ئاتا ئانام ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزەلمىدىم. ئەمما مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاشخانىسىنى كۆتىرە ئېلىپ ئۆزىمىز قوي سويۇپ ئۆزىمىز شورپا، پولو، ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇپ يېدۇق. خۇداغا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن، ھېيىت گۈزەل ئۆتتى بۈگۈن. سىزگە ھەم سالام يوللايمەن.
ھايۋاناتلار رەسىملىرى تەبىئىي چىقىدىكەن. بىزنى بۈگۈن رەسىمگە تارتسا سەت چىقىپ قالامەنمۇ دەپ ئۆزىمىزنى ياساپ، بەك سۈننىي چىقىپ قالغاندەك…
ھىيىت ئەتىغۇ ؟ بۇرادەر!
شىنجاڭدىن باشقا جايدا بۈگۈن ئوقۇدى نامازنى
مەنمۇ مۇشۇ ھايۋاناتلار توغرىسىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە بەكلا قىززىقىمەن،كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزۇيۇم ئادەم ۋە تەبىئەت د. ھايۋاناتلارنى تونۇشتۇرىدىغان دوكتۇرلارغا ئوخشاش ئادەم بولۇش ئىدى .
ياخشى