iPhone 4 تىن باشلاپ رەسىمگە تارتىدىغان جايدا HDR دەپ بىر نەرسە پەيدا بولغان. بۇنى بەزىلەر نېمىگە ئىشلەيدىكىن دەپمۇ قېلىشقان. بەزىلەر مېنىڭچە بۇ ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇپمۇ ئۈنىمىنى كۆرۈپ كېتەلمىگەن بولسا كېرەك. بۇ ئەپنى تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن HDR نىڭ نېمىلىكىگە ئاۋال بىر ئېنىقلىما بېرىۋىتەيلى.
يېقىندا توردا غەلىتە بىر ھەرىكەتچان رەسىملەر پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ رەسىمگە قارىساق جىمجىتلا تۇرغا پورترېت رەسىم. لېكىن ئۇ رەسىمنىڭ بىر يەرلىرى ئازراقتىن مىدىرايدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇبتىكى ھەرىكەتچان رەسىملەرنى قانداق نەرسە ئارقىلىق ياساپ چىقىدىغانلىقىغا كۆپ قىسىم دوستلار ئەلۋەتتە قىزىققانغۇ دەيمەن؟
ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ تېمىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بايا بۇ ئەپنى شۇنداقلا چۈشۈرۈپ قويۇپ كارىم بولماپتۇ. بىكارچىلىقتا قاچىلاپ ئويناپ كۆرسەم بۇ «ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ» ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دەرھال تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى!
GameLoft نىڭ ئويۇنلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا ھازىر پۇرسەت غەنىمەت ئىكەن. بۇلار ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن 30 غا يېقىن ئويۇننى پەقەت 0.99$ ياكى 6 يۈەندىن سېتىشقا باشلاپتۇ. ئەگەر ھەقىقىي نەشىرىنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى ئويۇنخۇمارلار بولسا بۇ قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتسا بولغۇدەك.
Sky Drive بولسا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئابونتلىرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ھەقسىز بۇلۇت سۇپىسى مۇلازىمېتىرى. بۇنىڭغا تىزىملاتقان ھەر بىر ئەزانىڭ 25 گېگابايت ھەقسىز بۇلۇت سۇپىسى بولىدۇ. بۇ سۇپىنىڭ Windows مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس يۇمشاق دېتالى بار ئىدى. ھازىر بۇ قورال iOS كىمۇ كىرىپتۇ.
15 كۈن ئىلگىرى ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگە بالىنى كەچتە مەكتەپتىن قايقاندا ئەكىتىش ئۈچۈن بېجىرىدىغان كېنىشكىگە بىر سۇڭلۇق رەسىم لازىم بولۇپ قالدى. ئۆزۈم ئاپاراتىمدا تارتىپ PS تە كېسىپ چاپلاپ يۈرۈپ، چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە 5 سۇڭلۇق رەسىم ئىچىگە 1 سۇڭلۇق رەسىمدىن 9 پارچە قىستۇردۇم. ئەگەر مۇشۇ ئەپ 15 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولسا ياكى بىلگەن بولسام بۇنچە ئاۋارە بولماس ئېدىم ھە؟
«SHSH نى زاپاسلاش» دېگەن بۇ ئۇقۇم نەشىر چۈشۈرگەنلەرگە يات ئەمەس. ئىلگىرى بۇ كىچىك كۈنلۈكنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا يازغان يازمىدا بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتكەن (بۇجاينى بېسىپ ئاشۇ يازمىغا بېرىڭ). iOS 5 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى SHSH نى زاپاسلاش ئىقتىدارى بىلەن كۈنلۈكنىڭ ئورنىغا چىقىۋالغان ئىدى. ئەمدى بۇنىڭ يېڭى نەشىرى ئىقتىدارلىرىنى تولۇقلاپ iOS 5.0.1 نىڭ SHSH سىنىمۇ زاپاسلىيالايدىغان بولۇپ تۇغۇلۇپتۇ.
ھېيتلىق سالام يوللاپ تۇتۇلۇپ قالدىم. تورداشلار ھېيتلىق يوقمۇ، دەپقالدى. ھېيتلىق قۇرۇق سالام ياقمىغانمۇ ئوخشايدۇ. قۇرۇم سالامنىلا يوللىماي 2 تال ئەپ بولسىمۇ ئالغاچ كەلدىم. ئويۇن دېگەن ساماندەك. لېكىن ئويۇنغا تۇتۇپ بېرىشتىن كۆرە قوللىنىشچان 3 ئەپنى تەۋسىيە قىلاي دېدىم. ئىشتاھانى يوغان ئېچىپ يازمىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئەمىسە!
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار