iTunes Store نىڭ تورغا ئۇلانماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

ئالدىنقى ھەپتىلىرى شۇنچە پەچەت ئەپلەر بار ئىدى. چۈشۈرەي دېسەم كومپىيۇتېرىمدىكى iTunes Store سائەتلەپ تۇرۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلانمايدۇ. ئاخىرىدا قىستۇرما رەسىمدىكىدەك بىر خىل خاتالىق ئۇچۇرلىرى چىقىۋېلىپ گۆشىرىپ تۇرىدۇ. كۆپ ھەپىلىشىپ كەتتىم، ئاخىرى بۇ ئامالنى تېپىپ ئوڭشىۋالدىم.

داۋامىنى ئوقۇش »

App Store دىن ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىش دەرسلىكى

نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالما شىركىتى جۇڭگو رايونىدىكى ئابونتلارنىڭ ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇرۇنقى دوللار ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتتىن خەلق پۇلى ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتكە ئۆتتى (بۇ يازمىدا تەپسىلاتى بار). يەنى بىز جۇڭگو رايونىدىكى ھېساۋاتىمىز ئارقىلىق App Store دىن خەلق پۇلىغا ئەپ سېتىۋالالايمىز. بۈگۈن بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشىنى رەتلەپ چىقتىم.

داۋامىنى ئوقۇش »

تۈنۈگۈنكى App Store نىڭ جۇڭگۇ رايونىدا مۇقىمسىزلىقنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئۆزگىرىش ئىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ App Store نىڭ جۇڭگۇ رايونىدا بۇرۇنقىدەك ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئەمەس، خەلق پۇلى بىلەنلا ھېساۋات قىلغىلى بولىدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ App Store نىڭ جۇڭگۇ رايونىدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ كۆرسىتىش باھاسى ئامېرىكا دوللىرىدىن خەلق پۇلىغا ئۆزگەردى. ئەپنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سېتىۋىلىش(In App Purchase)نىڭ كۆرسىتىش باھاسىمۇ ماس قەدەمدە خەلق پۇلىغا ئۆزگىرىپتۇ.

ھىساۋات قىلىشتا پۇلنى كېرىدىت كارتا(信用卡) بىلەن تۆلىسەكمۇ، ئاددىي ئامانەت كارتىسى(储蓄卡,借记卡) بىلەن تۆلىسەكمۇ بولىدىكەن. ئۇنىدىن باشقا مۇشۇ ئاددىي ئامانەت كارتىسى(储蓄卡,借记卡) ئارقىلىق ھىساۋاتىمىزغا ئالدىن پۇل قاچىلاپ قويساقمۇ بولىدىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر جۇڭگۇ رايونىدىكى Apple ID ئارقىلىق، ئەپلەرنى يېڭىلىغاندا ۋە يېڭىدىن ھەقسىز ئەپ چۈشۈرگەندە Apple ID نىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاشنى ئەسكەرتىپ، كېرىدىت كارتا(信用卡) ئۇچۇرلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ھەتتا كېرىدىت كارتا ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

iTools, 同步推, 91 قاتارلىق چوماقچىلارنىڭ قوزغاتقۇچىسى

كۆپ قىسىم كىشىلەر يازما تېمىسىدا ئېيتىلغان iPhone چوماقچىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلارنىڭ بۇنى ئىشلىتىشتىكى باھانىلىرى ھەرخىل. بەزەنلىرى ئىخچام، ئاددىي دېسە بەزەنلىرى ئەپ قاچىلاشقا قولاي، بۇرۇنقى قاچىلىغان نەرسىلەر يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ دېگەندەك … لېكىن بۇ نەرسىلەر ئۆزىدە iPhone ياكى iPad كە ئۇلايدىغان قوزغاتقۇچ پروگرامما بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كومپىيۇتېردا iTunes بولمىسا يەنە نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. بۈگۈن سىلەرگە بۇ چوماقچىلارنى iTunes قا بېقىندۇرمايدىغان يەنە بىر «چوماقچى» نى دەپ بېرەي. شۇ ئارقىلىق iTunes بولمىغان كومپىيۇتېردىمۇ ئوخشاشلا iPhone ياكى iPad كە نورمال ئۇلىيالايسىلەر.

داۋامىنى ئوقۇش »

iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟

داۋامىنى ئوقۇش »

iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes  ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.

داۋامىنى ئوقۇش »

ھەرقانداق بىر ئالما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر دانە Apple ID (ئالما كىملىكى) بولىشى كېرەك. بۇ كىملىك بىلەن ئالمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ھەقسىز ۋە ھەقلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى، ئالمىنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量


© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش