يېڭى ئوقەت BMW X4 يەنە 2 يىلدىن كىيىن بازارغا سېلىنىدىكەن

BMW نىڭ SUV (دالا ماشىنىسى) لىرىدىن BMW X3, X5, X6 لەرنىڭ بارلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. يېقىدىن كۆزگە خېلى بۇرۇندىن باشلاپ سىغىپ قېلىۋاتقان X5 بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسى بولمىش X3 نىڭ ئارىسىغا X4 دەپ ئاتىلىدىغان بىر SUV نى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. BMW ئورگان تەرەپ X4 نى ئەڭ تېز بولغاندا 2014 – يىلى بازارغا سالىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى.

يولۇچىلار ترانسپورتىغا ئىشلىتىدىغان ئايرۇپىلانلار ئىچىدە چوڭلۇقتا تەڭدىشى يوق، ھەشەمەتلىكتە يۈكسەك ئۈستۈنلۈككە ئېگە، دۇنيادىكى ئايروپىلان سانائىتىدىكى كاتتىباش كارخانا AirBus نىڭ ئەڭ پەخرلىك مەھسۇلاتى AirBus A380 بۈگۈن جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى.

داۋامىنى ئوقۇش »

BMW X6 Active Hybrid Cancelled

Hybrid نىڭ نېمىلىكىنى بىلىسىلەر. ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك دېگەن مەنىدە. BMW نىڭ دالا چاپقۇرى X6 نى مۇشۇنداق ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك قىلىپ لايىھەلىگەندىن كىيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كېچىلگەن ئىكەن. بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟

داۋامىنى ئوقۇش »

P90081503

Hybrid نىڭ نېمىلىكىنى كۇلۇبىمىزدىكى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارغا دىققەت قىلىپ كەلگەن، ياكى توردىن مۇشۇ ساھەدىكى ماشىنىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن دوستلار ئېنىق بىلىشى مۇمكىن. بۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك دېگەن مەنىدە. يەنى، بېنزىنغا ئوخشاش يېقىلغۇ بىلەن ئېلىكتىر كۈچىنى كۈچ مەنبەسى قىلىدىغان ماشىنىلارنى ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنىلار، يەنى بىز دەۋاتقان Hybrid ماشىنىلار دەپ ئاتايمىز. يەنە بىر ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىلدى. بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان TOYOTA ماركىسىنىڭ Perius دەيدىغان ماشىنىسى دەل مۇشۇ تېخنىكىدىن ياسىلىپ بىز بىلەن كەڭ ئۇچراشقان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئېنىرگىيە تېجەش كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ چاغلاردا ھەشەمەت ماركىلىرىدىن تارتىپ بۇنىڭغا كەڭ ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ. BMW مۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ  Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

BMW نىڭ ھەشەمەت تىپىدىكى  ماركا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.  بۇ ماركىنىڭ خېرىدارلىرىغا 1 دانە ئايپەد ئەلۋەتتە چوڭ مەسىلە ئەمەس. لېكىن، ئايپەدنى ئالغاندىن كىيىن ئۇنى قايسى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. شۇڭا BMW بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئاتاپ يۇمتال ۋە قويىدىغان دەستەك لايىھەلەپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量


© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش