يېڭى iPad ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، جامائەتچىلىك ئۇنىڭ Retina ئېكرانىنىڭ قانچىلىك سۈزۈكلىكى، كامېراسىنىڭ قانچىلىك ئېنىقلىقى، ياكى CPU سەۋەبلىك قايسىدۇر بىر ئويۇننىڭ ئىجرا بولىشىنىڭ دەھشەت ياخشىلىقى ئۈستىدە ئويلىنىش ئەمەس، كۆپرەكى iPad 2 نى The New iPad كە ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ يوق، شۇ توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قېلىشتى.
ھەممەيلەن «7-مارت iPad 3 ئېلان قىلىنىدىغان بولدى» دەپ يۈرسەك، ئالما شىركىتى قوپۇپ The new iPad دەپلا ئوتاندەك بىر ئىسىمنى قويۇپ ئېلان قىلىۋەتتى. تەڭدىن تولا ئادەم نېپىز بولىدۇ دېسە iPad 2 دىنمۇ قېلىن چىقىپ قاراپ ئولتۇردى. نەچچە كۈن سەپەردە تۈزۈك ۋاقىتمۇ چىقىرالمىدىم. بۈگۈن مۇشۇ 牛 نىڭ بىر غەيۋىتىنى قىلايلىمىكىن دەپ قالدىما …
CNBC نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئەۋلاد iPad ئامېرىكا ۋاقتى 7-مارت چارشەنبە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىدىكىدەك رېتىنا ئېكران، 4 نېگىزلىك CPU ۋە 4G تورىنى قوللاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارمۇ يوق، بۇنى ئاللاھ نىسىپ قىلسا مەھەللىمىزدە 8-مارت كۈنى تەڭ كۆرىمىز.
ئالدىنقى يىلى تېخى يېڭىچە مەك سېستىمىسى Mac OS X Lion نى يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشكەن ئالما شىركىتى، يېڭى iPhone, iPod touch, MacBook, iMac … قاتارلىق بىر قاتار ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا ھەممىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان iOS سېستىمىسىنى، يەنە پات ئارىدا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان iPad 3 نى لايىھەلەش ۋە ياساش ئالدىراشچىلىقىدا تۇرسىمۇ، يىپيېڭى سېستىما OS X Mountain Lion نى ئېلان قىلغۇدەك.
Pod2g نىڭ يېقىندىن بۇيان iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خاككىر ھازىرچە iPhone 4S ۋە iPad 2 دىن باشقا iDevice لاردا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىنىقىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ جەرياننىڭ سىنىنى ئېلان قىپتۇدەك.
ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خاسلىق بار. بۇلار 90-يىلىدىن كىيىن جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىپلا تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئاددىيلىقنى ھەممە نەرسىسىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. مەھسۇلات چۈشەندۈرىدىغان ئېلانلىرىغا قارىساقمۇ ئارقا مەنزىرىسىدە ئارتۇقچە مەزمۇننى كۆرمەيمىز. بۇ خىل خاسلىق كىشىگە پاكىزە، ئازادىلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا خېرىدارى بار. iPhone نىڭ ئۆزىنى قىممەت دەپ يۈرۈۋاتقىنىمىزدا مىليون دوللارنى پۇل ھېساپلىمايدىغان بايلارغا تېخىمۇ قىممەترەك، ئېغىزغا چىققۇدەك بىرەر باھاغا ئېگە تېلىفون بولمىسىمۇ بولمايدىكەن. ئەنگىلىيەلىك لايىھەلىگۈچى مۇشۇ بايلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت iPhone 4S نى لايىھەلەپ چىقىپتۇ.
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق مول ھوسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىققان. ئالما شىركىتى كەتكۈزۈپ قويغان بۇ كەمچىللىكلەر تۈپەيلى بەلكى ناھايىتى نۇرغۇن مالىيە كىرىمىدىن قۇرۇق قالغان بولىشىمۇ مۇمكىنكەن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار