搜狗拼音输入法 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان خەنزۇچە پىنيىن كىرگۈزگۈچ. بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ھازىر Symbian ۋە Android تېلىفونلىرىدىكى كىرگۈزگۈچلىرىمۇ ئابونتلارنىڭ سۆيۈپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. نۆۋەتتە بۇ كىرگۈزگۈچ App Store غا چىقىپتۇدەك!
MP4 نى ئالما مەھسۇلاتلىرى ئوبدان قوللاپ قويىدۇ. QuickTime نىڭ يەنە بىر پەچەت قوللايدىغان فورماتى بۇ. MP4 نىڭ سۈزۈكلىكى يۇقىرى، سىغىمى كىچىك بولۇشتەك ئالاھېدىلىك بىلەن كۆپ قىسىم يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەردە راۋان قويغىلى بولىۋېرىدۇ. بۇ ئالماشتۇرغۇچ بىزگە MP4 فورماتىدىكى سىن بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
تېمىدىن ۋە رەسىمدىن كۆرۈپلا بىلگەنسىلەر ھەقاچان؟ بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە 120 خىل كىچىك قوراللار بار ئىكەن. ئەسلى باھاسى 0.99 دوللار / 6 يۈەنلىك ئەپ بۈگۈن ھەقسىز ئىكەن. كىچىك قوراللار ھەقسىز لازىم بولغانلارغا توپ تارقىتىمىز ئەمىسە!
iPhone ىڭىزنى يۆتكىلىشچان سكەننىر قىلىۋالغۇڭىز بارمۇ؟ بەلكى بۇ ئەپ سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. Scan Pages ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ماقالە، گرافىك، كىتاب-ژورنال ۋە مەھسۇلات كارتوچكىلىرى قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەرنى خۇددى سكاننېردە تەسۋىر ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش ساقلاپ ئالالايدىكەنمىز.
چىللىنگو دېگەن ئىسىم كونا iPhone چىلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئارغامچا كېسىش Cut The Rope ئويۇنى دەل مۇشۇ شىركەتنىڭ نادىر مەھسۇلاتى. ئۇلار ئەمدى بالىلار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگىلى تۇرۇپتۇدەك. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇلار ئەمدى بالىلارنىڭ پۇلىنى تاپقىلى تۇرۇپتۇدەك … بۇ ئويۇن بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلىپتۇ. ئۆيىدە كىچىك بالىلار بار دوستلار بوپقالسا چۈشۈرۈپ قويسا بولغۇدەك.
«App Store دىكى پەچەت ئەپ» دېگەن بۇ يازمىمىزدا پاكىستان Pak Data تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى Quran Majeed نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇ جەرياندا بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ يوقلىغىدىن ئەپسۇسلىنىپ، كيىنكى نەشىرلىرىدە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان ئىدۇق. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كىيىنكى نەشىرىدىلا بۇ ئىش روياپقا چىقىپتۇ!
تۈنۈگۈن تېخى QR كودى ئوقۇش ۋە ياساش قورالىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق. قارىسام ماۋۇ ئەپ ئارقىلىق بىز گەرچە بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان تاياقچە كودنى ئوقۇيالايدىغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ پەقەت ئوقۇپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنپ قالمايدىكەن. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى داۋامىدىن كۆرۈڭ ئەمىسە.
QR code بولسا خەنچە 二维码 دەپ ئاتىلىدىغان، يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇششاق چىكىتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئورۇنلىشىشىدىن تەركىپ تاپقان، ئىچىدە رەقەملا ئەمەس سان ۋە ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، مەخپىيلەشتۈرۈپ كۆرسىتىدىغان كود شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار