ar-soccer-01

iPhone دا ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەپلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئالدىنقى قېتىم تەۋسىيە قىلغان ئەپمۇ ئادەمنىىڭ كاللىسىغا كەپ باقمايدىغان غەيرى ئەپ ئىدى. ماۋۇنى غەيرى دېگىلى بولامدۇ يوق، ئۆزۈڭلار بىر دەپ بېقىڭلار.

داۋامىنى ئوقۇش »

پۇتبۇل ماھىرلىرىنىڭ پۇتىدا توپ ھەقىقەتەن «شوخلىشىپ» كېتىدۇ ھە؟ ئايفونىڭىز بىلەن سىزمۇ قىلالىشىڭىز مۇمكىن. 3D كۆرۈنمە يۈزلۈك iSoccer Backstreet دېگەن ئويۇندا سىز بۇ ماھارەتلەرنى قىلالايسىز. چوڭ ئويۇن شىركىتى يەنە بىر چوڭ سوۋغىسى. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ.
داۋامىنى ئوقۇش »

سوقما توپ (بوۋلىڭ) بىر خىل يىنىك ۋە راھەت تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئاغىنە بالىلار بىلەن بىر يەرگە كەلسەك ئانچە-مۇنچە بېرىپ ئويناپ قويىدىغان توپ تۈرىمىز. بۇنىڭ ئويۇنلىرىمى App Store دا خېلى قارشى ئېلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئەمەلىيەتتىكى سوقما توپنى ياقتۇرسىڭىز Tiki 10 Pin Gold ناملىق بۇ ئويۇننىمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۈگۈنكى ماۋۇ ئويۇننىڭ ئېگىسىگە لاتارىيە چىقىپ قالدىمۇ، بىراقلا 7 خىل ئويۇننى ھەقسىز تارقىتىۋېتىپتۇ. ئويۇنلىرىمۇ خېلى ئىسىلكەن. كۆرىنىشىدىمۇ گەپ يوق. UI چوقۇم سىزنى رازى قىلىدۇ. ئەمىسە بازار چاققاننىڭ!

داۋامىنى ئوقۇش »

2 ئادەم ئويۇن ئويناش ئۈچۈن 2 تېلفۇن بولىشى ھاجەتسىز. ماۋۇ ئويۇننى 1 ئايفون بولسىلا 2 كىشى بەخىرامان ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ پۇتبۇل ئويۇنى بولۇپ، نوختا توپ تېپىش ئاساس قىلىنغان. ھۇجۇم قىلغۇچى بارماق بىلەن توپ ئۇرىدۇ، مۇداپىئە تەرەپ تېلفۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۈگۈنكى تەۋسىيە قىلىنغان نادىر ئويۇنىنىڭ ھەر ئىككىسى 3D لىك . مۇنۇسى تېخى تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدىغان 3D لىك بىليارت ئويۇنى. كۆرۈنۈشى رېتىنا ئېكران تەلىپى بويىچە ياسالمىغان بولسىمۇ خېلى بوپقويىدىكەن. 1 ئايفوندا 2 كىشى ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

Windows Me دىن باشلاپ سېستىمىنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋەتكەن بىر ئويۇن بولىدىغان . ئىسمى Space Pinball 3D ئىدىغۇ دەيمەن. بۈگۈنكى تەۋسىيە ئويۇن Deep Pinball مۇ  شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. لېكىن ۋىندوۋستىكىسىگە قارىغاندا كۆرۈنۈشى گۈزەل، ھەرىكەتلىرى ئېنىق، ئاۋازى پەچەت سۈزۈككەن.  دەسلەپ دوللارغا ساتقان ۋاقىتلاردا پىنبال خۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ كلاسسىك 3D لىك پىنبال بولۇپ قالغان. بۈگۈندىن باشلاپ قىسقا مۇددەتلىك ھەقسىز تارقىتىپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量


© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش