خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن سىرتقا چىقىپ سۈرەتكە تارتمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ بىر-ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتقۇم كېلىپ قالدى. داۋاملىق زاتۋور بېسىلىپ تۇرمىسا ئادەمنىڭ قولىمۇ قېتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. تازا قاملاشمىسىمۇ يوللاۋەردىم. ھېس قىلغانلىرىڭلارنى كۆرسەتسەڭلار تەڭ ئۆگىنەرمىز!
چېچىكىنىڭ ئۆزى كىچىك بولسىمۇ پۇرىقى خېلى كۈچلۈك ئىكەن. بىرى بىناسىنىڭ ئاستىدىكى كىچىككىنە جايغا تېرىۋالغان ئىكەن، شۇ ئەتراپنى پۈتۈنلەي مۇشۇ گۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلاپ كېتىپتۇ
ئۇنىڭ يېنىدىلا بۇ ئەتىرگۈللەر …
گەرچە ھاۋا سەل تۇتۇق بولسىمۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇر يەنىلا كۈچلۈكتەك … ئاق بالانىسنى يەنە ئۆزگەرتىپ تارتىپ باقتىم
ئەتىرگۈلنى كۆرسەملا تارتقۇم كېلىدۇ…
بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ شۇنداق بىر ئىشتىياق تۇغۇلدى. دەرھال بىنادىن چۈشتۈميۇ، نېمىنى تارتىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمگە چېلىققان جاينى شۇنداقلا تارتىۋەردىم
ھاۋا تۇتۇق بولغانلىقتىن ئاق بالانىسنى قانداق قىلسام ئەڭ ياخشى تەڭشەك ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە قېتىملاپ ئۆزگەرتتىم
يول، مۇشۇ جايدىن ھەممە باشلىنىدۇ …
ئالدىغا يەنە بىر قەدەم …
ئولتۇراق رايونىمىزنىڭ مۇھىتى بولامدىكەن؟
ئامانلىق خىزمەتلىرىمۇ خېلى ئەتراپلىق ئىكەن
بۇ يول بايىقىغا قارىغاندا سەل ياخشىراق چىقتىمۇ نېمە؟
سۈرەتكە تارتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ بۇ قىزچاق يۈگرەپ ئالدىمغا كېلىپ تۇنجى قىلغان سۆزى مېنى ھەيران قالدۇرى:
بۇ شەھەردە شۇ بىر-ئىككى تونۇش-بىلىشلەردىن باشقا كىشىلەردىن ئۇيغۇرچە سۆز ئاڭلىمىغانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ ھەيران قالدىم
مەنمۇ ھەيران بولۇپ سورىدىم:
- سىزمۇ ئۇيغۇرما؟ چۈنكى بۇ قىز ئۇيغۇرغا تۈزۈك ئوخشىمايتتى
- ياق، مەن قىرغىز.
ئەسلى بۇ قىزنىڭ دادىسى بۇ جايدا خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ قىز مەن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ كۆرگەن 2-شىنجاڭلىق ئىدى.
ئاپاراتىمغا سالغان لېنزىنىڭ نۇر چەمبىرىكى يار بەرمىگەنلىكتىن زاتۋور ۋاقتىنى ئۇزۇنراق قىلىپ نۇر بېرىش مەقسىتىگە يەتتىم
چۈنكى بۇ چاغ ھەم سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان، ھەم نامازشامغا ئاز قالغان ۋاقىت ئېدى.
بىزنىڭ قورونىڭ مەركىزىدىكى راۋاق. ئەسلى شۇ جايغا كۆپرەك سۈرەتكە تارتماقچى ئېدىم. بىراق يامغۇر ئەدەپ كېىتپ قالدى
ئەگەر 3 پۇتلۇق جازىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ نۇر بېرىش ۋاقتىنى ئۇزاقراق تەڭشىسەك، قاشقارايغانغا ئاز قالغان بولسىمۇ مانا مۇنداق يورۇق رەسىمگە ئېگە بولىمىز.
ئىشىك ئالدىدىكى يېشىللىق
يېشىللىق ئارىسىدىكى «قىزىللىق»
ماۋۇ رەسىمنى قانداق تارتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟
بۇ ھىچقانداق ئىش قوشۇش، كومپىيۇتېردا ئۈنۈم بېرىش باسقۇچلىرىدىن ئۆتمىگەن، بىۋاستە ئاپارات ئارقىلىق تارتىلغان رەسىم. بۈگۈنكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق.
بىر ئازدىن كىيىن بۇ بالا يۈگرەپ ئالدىمغا كېلىپ قالدى
مەن تېخى ئافرىقىدىكى بىرەر ئەرەپ ئەللىرىدىنمىكىن دەپتىمەن
بۇ ئىككەيلەن ئاكا-سىڭىل ئىكەن
بۇلار ئېفئوپىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسى بويىچە بۇ شەھەردە تۇرىدىكەن. دادىسى تىجارەت قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
باشتا بىر-ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتقۇچە ئېنگلىزچە گەپ قىلسام چۈشىنەمدىغاندۇ دەپ خەنزۇچە-ئېنگلىزچە ئارىلاشتۇرۇپ ئەبجەش گەپ قىلىپ يۈرۈپتىمەن. كىيىن پاراڭلىشىپ نەدىن كەلگەنلىكىنى سوراپ قويغىنىمىغا ئېنگلىزچە شەمەردەك كالدىرلاپلا كەتتى. ئېنگلىزچە دېگەننى ئۆتتۈرىدىكەن ئەمەسمۇ! لېكىن سەت چاندىم!
سىڭلىسى مۇزقايماققا شۇنداق ئامراق ئىكەن. كىچىك بالىغا بۇ ئەيىپ ئەمەستە!
ئەمدى ئۆيگە كىرىپ كېتەي دەپ لىفىتكە بىللە چىقتۇق. سىلەرنىڭ ئۆي مۇشۇ بىنادىمۇ دېسەم، ياق، بىز ئۆگزىگە چىقىپ ئوينايمىز دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ بىر كۆرۈپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ «ئۇلارغا ئەگىشىپ» ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتۇق. چۈنكى مەن ئۆزۈم تۇرغان قەۋەتتىن بىرەر قەۋەتمۇ ئۈستىگە چىقىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ تازلار كۈندە مۇشۇنداق ئوينايمىش
سىڭلىسى ئېگىزگە چىقىپ شۇنداق خوش بوپكەتتى. خۇشاللىقىدىن توختىماي سەكرەيتتى
ئاكىسى بولسا توختىماي پو ئاتاتتى. تېخى مەندىن قانداقراق ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى، قورققان-قورقمىغانلىقىمنى سوراپ قوياتتى. قارىسام يېشى بالامدىن ئازراقلا چوڭدەك تۇرىدۇ بولمىسا، مېنى بەكلا ئۇششاق بالا كۆرۈپ قالدىمۇ بۇياق؟
مەن ئۆزۈم بىلەن بولۇپ سۈرەتكە تارتقۇچە بۇ يىگىت پوچىلىق قىلىپ ھېلى ئۇيەر، ھېلى بۇيەرگە ياماشقىلى تۇردى.
بۇ قىزنىڭ قولىدىكى مۇزقايماق شۇنداق بەرىكەت قىلدىكى! يىگەنسىرى ئاۋۇپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى
چەتئەللىكلەرنىڭ بالىلىرى بەكلا چىقىشقاق كېلەمدۇ، ئۆزىنىڭ ئۈستى-بېشىنى بىر قىلىپ بولۇپ ئەمدى ماڭا سۈكەشكىلى تۇردى.
مەن بۇ تەرەپتە سۈرەتكە تارتسام بۇ ئىكىسى كۆزۈمنى ئىلەشتۈرۈپ بىرى ئۇيانغا بىرى بۇيانغا چېپىپ، ئۈستىدە بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئاستا ئۇلارنى ئېلىپ يېنىپ چۈشتۈم. بۇ ئىككى شاكىچىكنى ئۆيگە تەكلىپ قىلسام ھېچ ئىككىلەنمەي OK لا دېدى. ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇشىمغا ئاران رەتلىگەن ئۆينى ئېگىز-پەس قىلغىلى تۇردى. بۇلار شۇنداق ئەركىن، قەتئىي تارتىنىش ۋەياكى ھىيقىش دېگەندەك ئالامەتلەر يوقتە! يەنە قويىۋەتسەم ئۇكام ئىككىمىز يېرىم كۈن ئۆي رەتلىسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن «مېڭىڭلار پەسكە چۈشۈپ ئوينايمىز» دەپلا ئاستا ئېلىپ چۈشۈپ كەتتىم. پەسكە چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا ئاپىسى ئىزدەپ چىققانىكەن، ئۇلارنى تاپشۇرۇپ بېرىپ خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم ۋە ئىسسىغىدا ماقالىنى يوللىۋەتتىم.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































بەك راھەت يازمىدىن بىرنى كۆردۇمدە بۈگۈن ، پاسىبان بۇرادەر بۇ قايسى شەھەر بولۇپ كەتتى؟
ياخشى تارتىلىپتۇ.
ساقچىلار پەيزى چىقىپتۇ ، شۇنداق تارتىشنى دەپ بىرىڭە
زاتۋورنى بېسىش بىلەن تەڭ فوكۇس ئارىلىقىنى كىچىكلىتىڭ
مەنزىرسى ياخشى يەرلەكەن،ھەم بەك ياخشى تارتىلىپتۇ
(گەرچە بۇ تۈر بىلەن ئانچە خوشۇم بولمىسىمۇ ماختاپ قوياي
)…تېخى شىنجاڭغا قايتمىدىڭىز….؟!
ياق تېخى
ماڭا بىر تەلىم بەرگەن بولسىلا.ماۋۇ سونى ئاپىراتنى توغۇرلاشنى بىلمەي قالدىم.رەسىم ياخشى چقىمايدۇ.
ئۈستىدىكى گۈللەر پەچەت چىقىپتۇ جۇمۇ ، ئاپىراتىڭىزنىڭ ماركىسى نېمە ؟
Canon EOS 550D
ۋەھشىغۇ پاسىبان ئەپەندى … مەن تىخى قانداق رەسىملەركى دىسەم بىر رەسىملىك ھىكايە چىقىپتۇ … ھى ھى ھى بۇنداق ماقالە يوللىسىمڭ بولامدۇ نىمە …
بىر مۇساپىرنىڭ سۈرەتلىك تۇرمۇش ھىكايىسى بولۇپتۇ، باش پېرسۇناژنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ خېلى ياخشى چۈشىنىۋالدۇق. ئەجرىڭىزگە رەخمەت!
مەن تېخى ئاۋۇ ئىككىسىنى «قالايمىقان» سۈرەتكە تارتتى دەپ سىزنى قوغلاۋاتقاندا ،سىز ئىسپات ئۈچۈن تارتىۋالغان سۆرەت بولسا كىرەك دەپتىمەن
ئاۋۇ گۈللەر نىمداق چىرايلىقتۇ
بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارقا باغچىسىدىمۇ خېلى چىرايلىق گۈللەر باتتى مەن كۈندە دىگۈدەك تارتىپ
قانداق چىقىرىدىغاندۇ بۇ يەرگە
ئاۋۇ guardلار قانداق تۇرۇپ بەگەندۇ سىز ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋالسىڭىز
مەن ئەگەر بىرەرسىنى سورىماي تارتىپ قويسام ئاشكارە، مېنى ئەرز قىلىۋېتەمىكىن دەپ قورقىمەن
ئاۋۇ قىرغىز قىزچاقنىڭ ھەقىقەتەن 范儿سى باكەن جۇمۇ ياڭزىسى دەمدۇق،پۇتلىرى ئۇزۇن ،چاچلىرى تۈپ تۈز، چوڭ بولسا رەسمى قىرغىز گۈزىلى بوپ قالىدىغان چىراي
ئاۋۇ پۇراق چىقىرىدىغان نەرسىنى چېچىك دەمدۇ ياكى چېچەكمۇ؟ بەك كۈچلۈك ھە پۇرىقى؟!
راس، قارىسا چېچىكىنىڭ تايىنى يوقكەن. لېكىن پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالىدىكەن.
بىزنىڭ ئۆيدە 三角梅ئۆستۈرۈپ مەن غەلبە قىلدىم
مەن تىخى ئايفوندا تارتقان سۈرەت ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن،، …
تۇرمۇش بىلەن زىچ باغلانغان ماقالە بوپتۇ.
تۇرمۇشنى يېزىشمۇ بلوگنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمەن.
بولسا كىيىنكى يازمىلىرىڭىزدە ھەر بىر تارتقان رەسىمىڭىزدا ئاپاراتنىڭ فارامىتىرلىرىنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز.
تەكلىۋىڭىزنىڭ خېلى كەسپىيلىكى بار ئىكەن. قارىماققا سىزمۇ فوتوگراف ھەۋەسكارى بولسىڭىز كېرەك. ياخشى تەكلىپ! شۇنداق قىلىشقا تىرىشاي
ھوزۇرلۇق تىما بوپتۇ …زوقلاندىم… نە بۇ ؟
مەن بۇ بىلوگقا كىرىپ تۇنجى ئوقۇغۇنۇم مۇشۇ بولدى .ماڭىمۇ بەك ئىللىق بىلىندى.
توغرا نە بۇ؟
جېجياڭ