مۇخبىرلار مەيلى جەڭ مەيدانى بولسۇن، مەيلى ناچار شارائىت، مەيلى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن جايلار بولسۇن، جاي ياكى ئورۇن تاللىماي كەسپىنى قىزغىن سۆيگەن ئاساستا بەلگىلىك قۇربانلىق بېرىدۇ. بۇ خىل روھ ئۇلارغا شۇ قەدەر مەدەت بېرىدۇكى، بەزى سۈرەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە بۇنى تارتقان فوتوگرافنىڭ قانداق بىر ھالدا تۇرغانلىقىنى بىلگىمىزمۇ كېلىدۇ.
«دەۋر» ژورنىلى يېقىندا «2011-يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى» باھالاپ چىقىپتۇ. بىز مۇشۇ كەسىپچان فوتوگرافلارنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنىڭ نادىر باھالانغانلىقنى كۆرۈپ چىقايلى.
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، سومالى پايتەختى موگادىشۇ. بىر ئوغۇل بالا بانادىر دوختۇرخانىسىدا ئۆلۈپ كەتتى. سومالى ئاپەت رايونىدا ھەر كۈنى 5 ياشتىن تۆۋەن 10 مىڭ كىچىك بالا ئىچىدە، تەخمىنەن 20 سى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىۋاتاتتى. سومالى شۇ ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ مىقداردا ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ماددى-ئەشيا ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. چۈنكى كىچىك بالىلار ئەمدى داۋاملىق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋەرمەسلىكى كېرەك ئىدى …
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۇنياغا مەشھۇر جەڭ مەيدانى فوتوگرافى Chris Hondros مىسۇراتادا زىيارەت قىلىۋاتقاندا راكىتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. يۇقارقىسى ئاشۇ نەخ مەيداندىن بىر كۆرۈنۈش.
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ، بېيجىڭ ۋاقتى 13:46 دە، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ پۈتۈن ياپونىيە دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئاسارىتىگە ئۇچرىدى. سۈرەتتىكىسى فوتوگراف James Nachtwey نىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كېسىنۇما شەھىرىدە تارتقان سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان كەپىنىڭ كۆرىنىشى.
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ پاكتىكا ئۆلكىسى. سېرژانت Daniel Quintana كەسكىن جەڭدە يارىلاندى.
(PS: مۇشۇ رەسىمنىڭمۇ نادىر باھالانغىنىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلدىم. يا مەزمۇن ئارقا كۆرىنىشى، ياكى سۈرەتتىكى مەزمۇن ئىپادىسى ھېچ تەسىر قىلمىدى.)
ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كىيىن، ئوباما ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى . كىلىنتون، دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى روبېرت . گەيتىس قاتارلىقلار ئاقساراي ۋەزىيەت دىجورنىلىك ئۆيىدە بىللە ئولتۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق تارقىتىۋاتقان لادىننى تۇتۇش نەق مەيدان كۆرىنىشىنى كۆرۈپ ئولتۇرماقتا.
ئامېرىكا «ئالغا» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى فلورىدا شىتاتىنىڭ كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقىسى بۇ ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ئىكەن.
يۇقارقىسى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى فوتوگراف Yuri Kozyrev تارتقان لىۋىيەنىڭ لاس نۇفۇ پورتىدىكى جەڭ مەيدانى. شۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ مۇھىم بىر نىفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان ئىدى.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرىستىتى دەيۋىس تارماق مەكتىپىدە مەكتەپ ئامانلىق خىزمەتچى خادىملىرى مۇچ (لازا) پۈركىمىسى ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرگۈچى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەيدەۋاتىدۇ. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە 2 نەپەر نامايىشچى «يارىلانغان» (مۇچ كۆزىگە كىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك) دىن كىيىن دوختۇرخانىدا كۆزىتىپ داۋالاشقا ئېلىپ كېتىلگەن. پروفىسسور براۋننىڭ ئېيتىشىچە بىر نەپەر ئوقۇغۇچى كۆپ مىقداردا مۇچ پۈركىمىسى سۈمۈرىۋالغانلىقتىن 45 مىنۇتتىن كىيىن قان ئارىلاش يۆتەلگەن ئىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 8-چىسلادىن باشلاپ، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ساياھەت ماكانى ئاكاپۇلكودا زەھەر ئەتكەسچىلىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. بىر كۈن ئىچىدە 27 كىشىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلىكى بايقالدى. رەسىمدىكىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى. ئۆلگۈچى ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ كىيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ تۇققىنى يېنىدا يىغلاۋاتىدۇ …
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىسىردىكى نامايىشچىلار ئازاتلىق مەيدانىدا «ئۆزگىرىش» توغرىسىدا نامايىش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىدىن قاتتىق نارازى بولغان خەلق، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر سەۋەبىدىن 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ توپلىشىپ يىغىلىپ نامايىش قىلىپ ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىشقان. بۇ قېتىمقى نامايىش مىسىر تارىخىدا 1977-يىلىدىن كىيىنكى ئەڭ چوڭ نامايىش بولغان.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































ۋەششى سۈرۈتلەركەنغۇ بۇ