پاسىبان مۇنبىرى ئېچىلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان كۇلۇبى كۆرۈرمەنلىرى! نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان پاسىبان كۇلۇبى نامىدا ئۆزۈم يالغۇز يازما يوللاپ بىلگەنلىرىمدىن تەڭ بەھرلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس دېگەندەك، مەن بىر كىشىنىڭ بىلىدىغىنىم چەكلىك بولغانلىقتىن، ھەممە بىلگۈچىلەرنىڭ بىلگىنىنى تەڭ بەھرلىنىشىگە قولاي بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇنبەر تەسىس قىلدۇق.

مۇنبەر ئادرىسى : http://bbs.pasiban.com

مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولىشى كېرەك. پاسىبان كۇلۇبىدىكى ئەزا ئىسمى بىلەن مۇنبەرگە كىرگىلى بولمايدۇ. ئىككىسىنىڭ ساندانى ئايرىم بولغانلىقتىن بۇ قولايسىزلىق كېلىپ چىقتى. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا قايتىدىن مۇنبەرگە ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇپ ئەزا بولىۋېلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

مۇنبەردە ئوخشاشلا كۇلۇبتىكى 3 خىل تېما بولغىنىدىن سىرت، ئېلىم-سېتىم رايونى تەسىس قىلىندى. بۇ جايدا ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان تېلىفون ياكى ئاپاراتتىن تارتىپ ماشىنىغىچە بولغان 2-قول مەھسۇلاتلىرىڭىزنى ساتىدىغانغا ھەقسىز ئېلان بېرەلەيسىز.

مۇنبەر يېڭى ئېلان قىلنغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭمۇ تور بەت بىلىملىرىمنىڭ كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان خاتالىقلار، كەمچىللىكلەر بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە، بىلگەنلەرنىڭ تېخنىكىلق قوللىشىغا مۇھتاج بولىمىز. بۇنىڭدا ياردىمىڭلارنى ئايىمايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. بەلكى ماددىي جەھەتتىن رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشىممۇ مۇمكىن.

ئاخىرىدا كۆپچىلىكتىن تەلەپ قىلىدىغىنىم، ھەممەيلەننىڭ خاتىرجەملىكى ۋە تور بېتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەزمۇن يوللىغاندا قانۇن-نىزاملارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئاساستا يوللىشىڭلارنى سورايمەن.

مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ!



无觅相关文章插件,快速提升流量



16 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بۇرادەر،تىزىملىتىشتا ئازىراق مەسلە بار ئىكەن.تەكشۇرۇپ باقامسىز؟لاتىن يېزىقىدا تىزىملاتقىلى بولمىدى..

    • ئىسىمنى زادى ئۇيغۇرچە كونا يېزىقى بويىچە تىزىملىتىدىغان ئىكەن. ئەگەر لاتىن يېزىقىدا تىزىملېتىش كېرەك بولسا Ctrl + K نى بېسىپ كونا يېزىق ۋە لاتىن يېزىقى ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايسىز.

  2. kirdim likin eqnimi ni koral mi dim ya !

  3. كىردىم لىكىن ھېچقانداق خەتنى ئوقۇيالمىدىم . ھەممىسىلا كاتەكچە چىقىۋالدى !

  4. isim ni latin yeziqida yezip kuchurup ekilip tizimlatsingiz bolidiken, men shundaq qiliwaldim, uygurche hem latinche …

  5. بەك ياخشى بوپتۇ، كۆپچىلىك تىزىملاتقان ۋاقىتتا ئىسمىمىزنى كۇلۇبتا ئىشلىتىۋاتقەن ئىسمىمىز بىلەن ئوخشاش تىزىملاتقان بولساق، تۇنۇۋېلىشقا ئاسان بولدۇن ئۈچۈن.

  6. مىنىڭكىدە ھەممە نورمال!

  7. مۇبارەك بولسۇن بىر تىما تەييار قىلىمەن ئىنشائاللا

  8. مەنمۇ تىزىملىتىۋالدىم .
    لېكىن مۇنبەر باش بېتى خەت نۇسخىسى غەلىتە چىقىۋالدى ، تېمىلارنى ئاچسام نورمال ، تور كۆرگۈم IE ئىدى بولمىسا …..
    پاسىبان كۇلۇبىنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىپ بولسا Google , baidu , Facebook لاردەك ئۇتۇقلارنى قازىنىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . :cute:

  9. مۇنبەردىكى خەت نۇرمال كۆرۈنمىدى

    مەن ie8 ئىدى

  10. تېلفۇندا تىزىملاتقىلى بولمامدۇ نىمە؟ ئىسىم يازىدىغان يەرگە خەت كىرگۈزگىلى بولمىدى، باشلىنىشتىلا ھېچنىمە كىرگۈزمەي تۇرۇپ «ئىسىم ئۈچ ھەرىپتىن كىچك» دىگەن قىزىل خەت چىقىۋالدى!

  11. توغرا نىيەت بىلەن تېخمۇ روناق تېپىپ داۋاملاشقاي…

  12. مۇبارەك بوسلۇن!

  13. مۇبارەك بولسۇن! ئۈسىتىدىكى خەتتە ئىملا خاتا كېتىپتۇ.

  14. ئۇۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ :roll: :rose:

  15. مانا مەنمۇ كىرىپ تىزىملىتىپ قويدۇم

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش