دۇنيانى «ئالما» مودىسى قاپلاپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، Apple Products ئېسىل سوۋغات تۈرلىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بەزىلەر بالىلىرىغا، بەزىلەر دادىلىرىغا… ئىشقىلىپ ئالما مەھسۇلاتلىرى بەلكى ياخشى تاللاش ئوبىيكتى بولسا كېرەك.
مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بوۋىسىغا سوۋغات بېرىش ئۈچۈن، ھەم بوۋىسىنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، نېمە سوۋغا قىلىشىنى ئۆزىدىنلا سوراپتۇ. بوۋىسى «ئېلىكترونلۇق قۇرئان» سوۋغا قىلسا تولىمۇ خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى دەپتۇ. ئۇ بالا رەڭسىز ئېكرانلىق قۇرئاننى سوۋغا قىپتۇ، بىچارە بوۋاينىڭ كۆزى غۇۋالاشقىنىدىن خەتلىرىنى ئېنىق كۆرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوۋغات بوۋايغا ياقماپتۇ. كىيىن چەكمە قەلەملىك ئاۋازلىق قۇرئانمۇ سوۋغا قىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇش ئۈچۈنمۇ يەنىلا كۆزەينەك تاقىشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن iPad تىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا Quran Majeed نى قاچىلاپ بېرىپ (ئۇلىنىش) سوۋغا قىپتۇ. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي لازىم بىر نەرسىسىگە ئېرىشكەن بوۋاي كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ نەۋرىسى ئۈچۈن ئۇزاققىچە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپتۇ.
بۇ بىر ئەمەلىي بولغان ئىش. مانا مۇشۇنىڭدەك، Apple مەھسۇلاتلىرى مەيلى كىچىكلەر ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى چوڭلار ئۈچۈن بولسۇن، ئىنتايىن قوللىنىشچان بىر نەرسە. لېكىن، قوللىنىشچان بولسىمۇ تۆۋەندىكى بۇ سىنغا ئوخشاش قوللانماسلىقى كېرەك ئېدى مېنىڭچە.
چوڭلارغا iPad سوۋغا قىلسا ئەلۋەتتە پەچەت سوۋغا بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن …

PS: ئېسىت. ئۇ تېخى 3G نۇسقىسىكەن … لېكىن بۇ سىن ئېنىقلا بىر 恶搞 كەن. iPad نى ئۇچۇرۇپ بىر يەرلەرگە ئاپىرىۋېتىپتۇ.
ئامىدىيو Amidio ناملىق بىر شىركەت بار بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەۋھۇم سازلىرى App Store دا خېلى ئوبدان سېتىلىدىكەن. بۇ شىركەت يېقىندا FUTULELE دەيدىغان بىر ئەپ ياسىغان بولۇپ، بۇ ئەپ ئارقىلىق iPhone ۋە iPad دىكى 2 سازنى بىرلەشتۈرۈپ بىر دانە «يوغان» ساز ياسىغىلى بولىدىكەن. بۇ سازنى uKulele دەپ ئاتايدىكەنمىز.
تۆۋەندىكىسى uKulele دا ئورۇندالغان مۇزىكا.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































ھۆرمەتلك پاسىبان ئەپەندى ئالما4-ئەۋلات 5.0.1تۇرمدىن قچىقلق تى،Wif بىلەنلا 5.1گە كۆتۈرەي دېسەم سېستما چۈشۈپ ئاز قالغاندا چېكنىپ كەتتى(5قېتم).خەنچە تورلاردا ھەل قىلش ئۇسۇلى بارېكەن، مەن خەنچنى ياخشى بلمگەچ قلالمدىم ياردەم قلىسڭز مۇشۇ ئادرستا باركېن
http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-4174765-page-2.html#53110026
ئائاۋۇ ئېتوت نىمانداق قىزقارلىق