يېڭى iPad نىڭ بىردەم غەيۋىتىنى قىلايلىمۇ؟

ھەممەيلەن «7-مارت iPad 3 ئېلان قىلىنىدىغان بولدى»  دەپ يۈرسەك، ئالما شىركىتى قوپۇپ The new iPad دەپلا ئوتاندەك بىر ئىسىمنى قويۇپ ئېلان قىلىۋەتتى. تەڭدىن تولا ئادەم نېپىز بولىدۇ دېسە iPad 2 دىنمۇ قېلىن چىقىپ قاراپ ئولتۇردى. نەچچە كۈن سەپەردە تۈزۈك ۋاقىتمۇ چىقىرالمىدىم. بۈگۈن مۇشۇ 牛 نىڭ بىر غەيۋىتىنى قىلايلىمىكىن دەپ قالدىما …

داۋامىنى ئوقۇش »

Siri ئاخىرى iPhone 4 كە قانۇنلۇق كۆچۈپ كەپتۇمىش

iPhone 4S نىڭ پاتېنتى بولغان Siri ئىلگىرى خاككىرلار تەرىپىدىن «مۇكەممەل بولمىغان» ھالەتتە iPhone 4 كە كۆچۈپ كەلگەن ئىدى (بۇ يازمىغا قاراڭ). يېقىندىن بۇيان ھەممە كىشى iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى 4 كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقاندا، سارىخان بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن خاككىرلار ئۇتۇقلۇق ھالدا iPhone 4 تە قانۇنلۇق سىناپ قىپتۇمىش.

داۋامىنى ئوقۇش »

سىرىنىڭ يېڭى ئېلانى

ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خاسلىق بار. بۇلار 90-يىلىدىن كىيىن جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىپلا تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئاددىيلىقنى ھەممە نەرسىسىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. مەھسۇلات چۈشەندۈرىدىغان ئېلانلىرىغا قارىساقمۇ ئارقا مەنزىرىسىدە ئارتۇقچە مەزمۇننى كۆرمەيمىز. بۇ خىل خاسلىق كىشىگە پاكىزە، ئازادىلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالمىنىڭ ئابونتلىرىنى نائۈمىد قالدۇرغان 10 ئىشى

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق مول ھوسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىققان. ئالما شىركىتى كەتكۈزۈپ قويغان بۇ كەمچىللىكلەر تۈپەيلى بەلكى ناھايىتى نۇرغۇن مالىيە كىرىمىدىن قۇرۇق قالغان بولىشىمۇ مۇمكىنكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »


سىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللىشىشكە ئەگىشىپ كىشىلەرمۇ بۇنى ھەرخىل نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغان بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. يېقىندا بىر خاككېر ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى سىرىغا بۇيرۇق بېرىش ئارقىلىق ئوت ئالدۇرۇپ-ئۆچۈرىدىغان قىلىۋاپتۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

جۇڭگودا ساختىسىنى ياسىمىغان سىرى قالغانتى زادى...

شۇنداق. مۇشۇ سىرىنىڭمۇ ساختىسىنى ياساپتۇ. سىرىنىڭ خەنچە تىل ئاڭلايدىغان نۇسقىسى يوق ئىكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن جۇڭگولۇق پروگراممېر iPhone 4 نىڭ ئۆزىدىكى ئاۋازلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇنى سىرىغا ئۆزگەرتىۋاپتىمىش.

داۋامىنى ئوقۇش »

iphone-4-set-siri-01

ئىككى كۈندىن بۇيان iOS 5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىسىمۇ تونۇشتۇرۇپ يۈرگىنىم ئەسلى مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. مەقسەتكە كەلسەك، سىرى iPhone 4S نىڭ پاتېنتى ئەمەس. تۈرمىدىن قاچۇرساقلا، iPhone 4 كىمۇ ئەكىرىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھازىرچە نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئۈچۈنمۇ بولىۋېرىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

Siri

iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا Siri دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئېلان قىلىش سىنىنى كۆرگەنلەر بولسا بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ بىز فىلىملاردا كۆرىدىغان ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدىغان بىر نەرسە.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量


© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش