Hyundai نىڭ سپورت ماشىنىسى Veloster بازارغا سېلىنماقچى

كورىيەنىڭ «شەھەرلىك ئوۋچى» ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدىكى باش قەھرىمان ھەيدەيدىغان بىر ماشىنا بار ئىكەن. ئۇ ماشىنىغا ھاندەي (Hyundai) شىركىتى ۋىلاستېر (Veloster) دەپ نام بېرىپتۇ. تېلىۋېزىيە تىياتېرىدا كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن بۇ پەچەت ماشىنا – بۇ يىل يازدا شىمالىي ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

P90081503

Hybrid نىڭ نېمىلىكىنى كۇلۇبىمىزدىكى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارغا دىققەت قىلىپ كەلگەن، ياكى توردىن مۇشۇ ساھەدىكى ماشىنىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن دوستلار ئېنىق بىلىشى مۇمكىن. بۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك دېگەن مەنىدە. يەنى، بېنزىنغا ئوخشاش يېقىلغۇ بىلەن ئېلىكتىر كۈچىنى كۈچ مەنبەسى قىلىدىغان ماشىنىلارنى ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنىلار، يەنى بىز دەۋاتقان Hybrid ماشىنىلار دەپ ئاتايمىز. يەنە بىر ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىلدى. بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان TOYOTA ماركىسىنىڭ Perius دەيدىغان ماشىنىسى دەل مۇشۇ تېخنىكىدىن ياسىلىپ بىز بىلەن كەڭ ئۇچراشقان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئېنىرگىيە تېجەش كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ چاغلاردا ھەشەمەت ماركىلىرىدىن تارتىپ بۇنىڭغا كەڭ ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ. BMW مۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۇ – ئىنژىنىرلىق ساھەسىدىكى بۈيۈك ئەسەر! بۇ – سائىتىگە 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن «ئۇچىدىغان» سەنئەت بويۇمى! بۇنىڭ بىر بۆلىكى ئايرۇپىلان، بىر بۆلىكى ئاپتوموبىل. بۇ مىتال ۋە پلاستىك ئېلىمېنتلارنىڭ سۈرئەت بىلەن يۇغۇرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن دۇنيادا پەقەت 300 دانىلا بار. مانا بۇ – دەھشەت قىممەتلىكىگە ماس كەلگۈدەك دەھشەت ماشىنا – بۇگادى ۋېيرون!

داۋامىنى ئوقۇش »

دىيارىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. كوچىدىكى ماشىنىلارغا قارىساق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماشىنىلاردىن كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارغىچە بولغان بۇ قاتلام ئەڭ كۆپ. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ. 1~2 پەرزەنتلىك ئائىلە ئۈچۈن ئىخچام، قولاي، ماي سەرپىياتى تۆۋەن ھەم رېمونت قىلىش چىقىملىرى ئاز بولغان ماشىنا ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىشى بولالايدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ماتورنىڭ ئات كۈچى بىلەن ھېساپلېشىپ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىۋار بەرگەندىن بۇيان بېكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئانچە قاراپ كەتمەيدىغان بوپقالغان ئىدىم. چۈنكى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى (ئات كۈچى) نى سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ ماتورلىرى خېلىلا ئارقىدا ئېدى. لېكىن ئات كۈچى تۆۋەن بولغىنى بىلەن ماينىمۇ ئاز يېمەيتتى. شۇڭا بۇنىڭ ماشىنلىرى مېنىڭ تاللاش تەرتىۋىمدە ئارقا رەتكە تىزىلاتتى. لېكىن ئېكسېل XT پەيدا بولغاندىن كىيىن مەندىكى بۇ قاراش مۇتلەق ئۆزگەردى.

داۋامىنى ئوقۇش »

فورد فىيېستانىڭ Fiesta RS تىپلىق دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقە ماشىنا كۆرگەزمىسى Autosport International Racing Car Show دە تۇنجى بولۇپ كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يېڭى مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ يوپۇقىنى فورد مۇسابىقە ئەترىتىگە تەۋە Mikko Hirvonen ئاچتى.

داۋامىنى ئوقۇش »

پاجانى ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئارىمىزدىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ باققانلار ناھايىتىمۇ ئاز، ھەتتا يوق بولىشى مۇمكىن. پاجانىنىڭ كۆپ ماشىنىسى يوق. لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرى بار. پات ئارىدا بازارغا سالماقچى بولغان تەلۋە ماشىنا C9 مۇ ئاشۇنداق «ئاز» ماشىنىلاردىندۇر.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ  Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量


© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش