ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان كۇلۇبى ئەھلى!

تور بەت چوڭ كۆلەمدە يېڭىلانماقچى. يېڭىلىنىپ بولغۇچە پاسىبان بلوگىدا يېڭىلىق مەزمۇن ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن. ئۇ چاغقىچە ھەرقايسىڭلارنى مۇنبىرىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز. مۇنبەردە خۇددى كۇلۇبىمىزدىكىدەك قانداق مەسلىھەت بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىۋېرىدۇ.

 

83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ

ئىلگىرى بېيجىڭدا جاڭ فامىلىلىك موماينىڭ يولدا كېتىۋېتىپ پۇتىنى قايرىۋېلىپ پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېزدىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكى براۋن خانىمنىڭ ئوخشاش بىر ۋەقەدە يول ياساش تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ نەچچە يۈزمىڭ دوللار تۆلەم تۆلەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ كۈن ئالمىنىڭ بېشىغا كەپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

apple-using-corning-gorilla-glass

ئالدى بىلەن كورنىڭ CORNING شىركىتىنىڭ قانداق شىركەت ئىكەنلىكىگە بىر تەبىر بېرىۋېتەي. CORNING – نۆۋەتتە دۇنيادىكى سېزىمچان ئېكران ساھەسىدە تېخنىكىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان باشلامچى كارخانا. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلىگەن تۆۋەندىكى ئۇقۇم فىلىمىنى بەلكى سىلەر كۆرۈپ باققانغۇ دەيمەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلارغا ئامال يوقتە …

تاغتۇراچىلىق جۇڭگودا ئەۋج ئېلىپ، يۇقىرى دولقۇن بىلەن «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقتىن» دۇنيا سودا ساھەسىنى قالايمىقانچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. چەتئەللەردە بۇ ساپاسىزلىقنى بەكلا نومۇس دەپ بىلسىمۇ، پۇل مال-دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكىدە تاغتۇراچىلار نومۇس بىلەن ئىشى يوق ھەر نەرسىنى قىلىشىىۋاتاتتى.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۇ نېمە گەپكىن دەپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئۆتكەن يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 10 مىلياردىنجى ئەپ App Store دىن چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە بۇ سان تېز سۈرئەتتە ئارتىپ، ھازىر 25 مىليارد قېتىمغا يېتىشقا ئاز قاپتۇ.

ئالما شىركىتى بۇ ئىشقا مەخسۇس پائالىيەت تەشكىللەپتۇ. چۈشۈرۈلۈش سانىغۇچىنىمۇ تور بېتىدە جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپتۇ. چۈنكى بۇ سان، ئەلۋەتتە كىچىك سان ئەمەس. بۇ بەلكى ئالمىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيانقى چوڭ غەلبە مىۋىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئالما شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە 25 مىلياردىنجى قېتىم ئەپ چۈشۈرگەن ئاشۇ تەلەيلىك ئابونتقا، ئالما شىركىتى 10 مىڭ دوللارلىق App Store قىممەت تولۇقلاش كارتىسى سوۋغا قىلىدىكەن.

پائالىيەتنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرى ۋە سانىغۇچ ئەھۋالىنى ئورگان تور بېتىدىن كۆرۈڭ.

بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن iDevice بولىشى شەرت ئەمەس

Cut the Rope ناملىق بۇ ئويۇننى iPhone دا ئويۇن ئويناپ تۇرىدىغان iPhone داشلار چوقۇم بىلسە كېرەك. بۇ ئىنتايىن كىلاسسىك بىر ئويۇن. بۇ ئويۇننىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشكە بىزدە iPhone ياكى iPad بولىشى شەرت ئەمەس. بۇ ئويۇننىڭ تور بەت يۈزىدە ئىجرا بولىدىغان تور نۇسقىسىمۇ ئېلان قىلنىپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاش باشلاندى

2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگقا 15 كۈنلۈك نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، باھالاش ھەيئەت ئەزالىرى ھەر بىر نامزات بلوگلارغا تەلەپ بويىچە نومۇر قويۇپ تەرتىپكە تىزىپ چىقىپتۇ. ئاخىرىدا 20 بلوگنى ئاۋازغا قويۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە بېلەت سانى كۆپ بولغان ئالدىنقى 10 بلوگنى تاللايدىغان ئىش ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى ئاساسلىق تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 چوڭ بلوگ» پائالىيىتى بۇ يىل سەل كېچىكىپرەك باشلاندى. پەقەت 20 كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىش، نامزات كۆرسىتىش، تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىش كېرەك ئىدى.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量


© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش