ئالدى بىلەن كورنىڭ CORNING شىركىتىنىڭ قانداق شىركەت ئىكەنلىكىگە بىر تەبىر بېرىۋېتەي. CORNING – نۆۋەتتە دۇنيادىكى سېزىمچان ئېكران ساھەسىدە تېخنىكىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان باشلامچى كارخانا. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلىگەن تۆۋەندىكى ئۇقۇم فىلىمىنى بەلكى سىلەر كۆرۈپ باققانغۇ دەيمەن.
بۇ سىننى ئاۋال بىر كۆرۈپ چىقايلى، كورنىڭنى تونۇشىمىزغا پايدىسى تېگىپ قالار.
ئالما شىركىتى بىلەن CORNING نىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇندىنلا سىرلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى 2006-يىلى Steve Jobs نىڭ CORNING شىركىتىگە زىيارەتكە كېلىشىدىن باشلانغان ئىدى. لېكىن ئالما شىركىتى جامائەتچىلىككە بۇ ئىككەيلەننىڭ ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى ھېچقانداق بىر مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. ھەتتا ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات تەمىنلىگۈچى كارخانىلار تىزىملىكى ئىچىدىمۇ CORNING نىڭ ئىسمى يوق ئىدى.
نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا CORNING شىركىتى زاۋۇتىنى جۇڭگوغا يۆتكەپ ئەكەپتۇ. CORNING شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى : « بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى تەيۋەن، كورىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگودا. بىز مەھسۇلاتنى ئامېرىكىدا ئىشلەپ، پاراخوت ئارقىلىق يۆتكەپ ئەكەلسەك بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا 35 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر ئايرۇپىلاندا يۆتكەش توغرا كەلسە توشۇش ھەققى پاراخوتنىڭكىدىن 10 ھەسسە قىممەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا بىز زاۋۇتىمىزنى جۇڭگوغىلا يۆتكەپ ئەكەلسەك خېرىدارلىرىمىزغا كۆپ قولاي بولىدۇ» دەپتۇ.
توردىن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ كۆرسەم، ئىشەنچلىك ماتىرىياللارغا قارىغاندا CORNING شىركىتى 2005-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگوغا زور مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ خەۋەر بىلەن يۇقارقى مەزمۇننى بىرلەشتۈرسەك، CORNING بەلكى شىنجىندىكى زاۋۇتىدىن مەھسۇلاتىنى ئەچىقىپلا FOXCOON غا تاپشۇرسا، iPhone, iPad لەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئېتى بەلكى تېخىمۇ تېزلىشەمدۇ قانداق؟ بۇ بەلكى ئالما شىركىتىنىڭ CORNING مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشتىكى «تېخنىكىسى ۋە سۈپىتى يۇقىرى» دېگەن تاللاشنىڭ ئاخىرىدا تۇرىدىغان 2-تاللاش بولالىشى مۇمكىن.
ئالما شىركىتىنىڭ يېقىنقى بىر خىزمەت دوكلاتىدا ئېيلىتىشىچە، CORNING شىركىتىنىڭ ئامېرىكا كېنتاكىي شىتاتىدىكى زاۋۇتىدا iPhone نىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
يۇقارقى مۇشۇ ماتىرىياللارنى بىر يەرگە يىغىنچاقلاپ ئەكەلسەك، «ئالما شىركىتى بەلكى كېيىنكى ئەۋلاد iPhone غا CORNING نىڭ Gorilla Glass 2 مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈنگە ئېرىشىمىز.
يازمىنى داۋاملاشتۇرىمىز. CORNING نىڭ Gorilla Glass 2 ئەينىكى زادى قانداق كارامىتى بار ئەينەكتۇ؟
دۇنيادىكى تېخنىكىسى ئەڭ كۈچلۈك ئوپتىكىلىق ئەينەك ياساش كارخانىسى بولمىش CORNING نىڭ Gorilla Glass ئەينىكى نۆۋەتتە نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ھەرخىل ئۆلچەمدىكى بارماق سەزگۈلۈك ئۈسكۈنىلىرىگە 1-تاللاش بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى سىز CORNING شىركىتىنىڭ تور بېتىدىن كۆرۈۋالالايسىز. بۇنداق دېگەنلىك CORNING نىڭ مەھسۇلاتلىرى قۇسۇرسىز دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. CORNING شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر 1-ئەۋلاد مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ Gorilla Glass 2 دېگەن نامدا يېڭىچە بىر مەھسۇلات ئىشلەش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
Gorilla Glass توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز CORNING شىركىتىنىڭ Gorilla Glass ئورگان تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ. تور بەت ئادرىسى : http://www.corninggorillaglass.com/
تۆۋەندە CORNING شىركىتىنىڭ ئۈستىدىكى «ئەينەك بىلەن ئۆتكەن بىر كۈنلۈك ھايات» ناملىق ئۇقۇم فىلىمىنىڭ داۋامى بولغان، CORNING شىركىتىنىڭ يېڭىچە تېخنىكا ئۇقۇمىنى تونۇتۇپ ئىشلەنگەن فىلىمىنى كۆرۈپ چىقايلى.
بۇ سىنغا قارىساق CORNING نىڭ بولىدىغاندەكلا تۇيغۇ بېرەمدىكەن؟ ئۇلارنىڭ سېزىمچان ئەينىكى پەقەت يانچۇقىمىزدىكى iPhone بىلەنلا ئەمەس، ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە، قاتناش ئەسلىھەلىرىمىزگە، مائارىپقا، ئېلىكتىر تورىغا، سەھىيە- داۋالاش ئاپاراتىغا … ئىشقىلىپ كۆرۈنۈش ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىدىغانلىكى ھەرقانداق بىر نەرسىگە چېتىلىدىكەن. مۇشۇ فىلىمدىكىدەك تەرەققىيات بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتىدۇر؟
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































ئادەم ئەقلى يەتمەيدۇ،ھە بەلكىم بۇ تەرەققىيات ئامىركىدىمۇ كەڭ ئۇمۇملاشمىغان ئوخشايدۇ ھە ……
بۇ خەخ ساراڭ بولاي دىدىمۇ نىمە قانداقمۇ ئەقىلگە سىغا بۇ ئىشلا
پاسىبان بۇرادەر 5.1گە تېلىغۇننڭڭ ئۇزدە يېڭلسا ياخشمۇ ؟ئايتۇنس تا يېڭلىسا ياخشخمۇ؟؟؟؟؟؟؟
ئەلۋەتتە ئۆزىدە يېڭىلىغان ياخشى. ئاران 100 نەچچە مېگابايت نەرسىنىلا چۈشۈرىدۇ. سۈرئېتىمۇ تېز ھەم قولاي.